|
ئەھمەد بەھجەدنىڭ «ئەنبىيائۇللاھ - ئاللاھنىڭ
پەيغەمبەرلىرى» ناملىق بۇ كىتابى ئىسلام دۇنياسىدا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان
قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 20 قېتىمدىن ئارتۇق نەشىر قىلىنغان. ئادەم
ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ
تارىخىنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا يۇرۇتۇپ بەرگەن بۇ
ئەسەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈنمۇ پەيغەمبەرلەرنى تونۇشتىكى ناھايىتى قىممەتلىك
مەنبەدۇر.
تور بېتىمىز بۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈن بىر
پەيغەمبەرنىڭ تارىخىنى بىرىشكە باشلايدۇ. كۈندىلىك زىيارىتىدىن ئايرىلمىغايسىلەر!
ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
|