بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

ئىسلامدىكى فىقھى مەزھەپلەر

ئومۇمىي مۇقەددىمە:

فىقھىي مەزھەپلىرى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ شاخچە مەسىلىلىرىدە ئىجتىھاد ئېلىپ بارغان ئېقىملار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسى بىرى شەرىئەتنىڭ ئاساسىي توغرىسىدا ئەڭ ئاددى بىر نوقتىدىمۇ ئىختىلاپ قىلىشمايدۇ. ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەزھەپچىلىك يوق، بىراق ئەمەلىي قېيىنچىلىقلارنى قولاي ۋە ئاسان يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن فىقھىي مەدرەسە فىقھىشۇناسلىرىنىڭ ئىجتىھادلىرىغا ئەگىشىش ئېھتىياجى توغۇلغان. بۇ مەزھەپلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى بىلىشى ۋە بۇ ئەھكاملارنى رىئاللىققا تەتبىقلاشتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر فىقھىي مەدرەسەلەر شەكلىدە مەيدانغا كەلگەن. فىقھىغا بولغان بۇ خىل ئېھتىياج، ھەر بىر ئىنساننىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇشى، يېڭىلىنىۋاتقان پايدىلىق نوقتىلارنى ئىنىقلىۋېلىشى ۋە جىددىي ياكى يىلتىز تارتىپ كەتكەن پاساتلارنى تازىلاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. بۇلار توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان رىئاللىقلار سەۋەب بولغان ئىجتىھادى مەزھەپلەر بولۇپ، ئۇلارنى مۇئەييەن دائىرىدىكى نەسلەر ئارقىلىق توراقلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇلار يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەر قانداق بىر ئىشقا شەرئىي يىشىم مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان. 

تۈنجى فىقھىي مەدرەسە ساھابىلەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) دەۋرىدە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە مەيدانغا كەلگەن ئىدى. چىقارغان ئەھكاملىرى كېيىنكىلەرگىچە يېتىپ كەلگەنلەرنىڭ مەشھۇرلىرى ئۆمەر، ئەلىي، ئىبن مەسئۇد، ئائىشە، زەيد ئىبن سابىت، ئىبن ئۆمەر ۋە ئىبن ئابباستىن قاتارلىق يەتتە كىشىدىن ئىبارەت.

 

ئۇنىڭدىن كېيىن تۈرلۈك شەھەرلەردە، ئەشۇ يەتتە كىشى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) نىڭ فىقھىي چۈشەنچىسى ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ بايرىقىنى تىكلىگەن فىقھىي مەدرەسەلەر مەيدانغا كەلدى. مەدىنىەلىكلەر ئىبن ئۆمەر، زەيد ۋە ئۇلارنىڭ سەپداشلىرى، كۆپ ساندىكى مەككىلىكلەرنىڭ ئىبن ئابباس، ئىراقلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆمەر ئىبن خەتتاب تەرىپىدىن ئىراققا ئوقۇتقۇچىلىققا ئەۋەتىلگەن ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد بايرىقى ئىدى. ئەلقەمە ئىبن مەسئۇد، ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ شەيخى ھەماد ئىبن ئەبى سۇلەيماننىڭ ئۇستازى ئىبراھىم ئەننەخەئىيلار ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇدنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىدى.

 

شۇنداق قىلىپ، گويا مەدىنىدە تۇرۇپ قالغان ساھابىلەرنىڭ قارىشى مالىكقا ئولاشقاندەك، ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشى ئەبۇ ھەنىيفەگە ئولاشقان.  ئەمما شافىئىي دەسلەپتە مالىكتا ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭ "ئەلمۇۋەتتا" ناملىق كىتابنى تىڭشىغان، كېيىن ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبن ئەلھەسەننىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇرغان ۋە ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇغان. ئىمام ئەھمەد ئىبن ھەنبەل ھەدىس، فىقھىي ئىلىملىرىنى شافىئىيدا ئوقۇغاندىن كېيىن، يەمەن، كۇفە، بەسرە، ئەرەب يېرىم ئارىلى، مەككە، مەدىنە ۋە شام قاتارلىق جايلارنى كەزگەن ۋە بۇ يەرلەردىكى مەشھۇر ئىماملارنىڭ ئېيتقانلىرىنى رىۋايەت قىلغان.

 

ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تاكى تۆتىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئىجتىھادنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىناتتى. بۇ مەزگىلدە ئىسلام دۇنياسى ئۇپۇقىدا ئون ئۈچ دانە مۇجتەھىد پارلىدى، مەزھەپلىرى خاتىرلىنىپ، كۆز قاراشلىرى تەقلىد قىلىندى. ئۇلار: مەككىدە سۇفيان ئىبن ئۇيەينە، مەدىنىدە مالىك ئىبن ئەنەس، بەسرەدە ھەسەن ئەلبەسرىي، كۇفەدە ئەبۇ ھەنىيفە ۋە سۇفيان ئەسسەۋرىي، شامدا ئەۋزائىي، مىسىردا شافىئىي ۋە ئەللەيس ئىبن سەئد، باغدادتا داۋۇد ئەززاھىرىي، ئىبن جەرىر ئەتتابەرىي، ئەبۇ سەۋور ۋە ئەھمەد ۋە نىساپۇردا ئىسھاق ئىبن راھۋۇيە... لەردىن ئىبارەت ئىدى. بىراق بۇ مەزھەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ تۈگەپ كېتىشى سەۋەبىدىن پەقەت كىتابلاردىلا قېلىپ قالدى. بۇلاردىن باشقا ھەممىسىنى جوغلىغاندا ئالىملارنىڭ فىقھىي مەزھەپلىرى يىگىرمىگە يېتەتتى، بىراق ئۇ فىقھىي ئالىملىرىنىڭ شاگىرتلىرى ئىماملىرىنىڭ فىقھىلىرىنى توپلىمىدى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدى. ئۇلارمۇ مەرتىۋە جەھەتتە مەشھۇر تۆت مەزھەپنىڭ فىقھىي ئالىملىرىدىن قېلىشمايتتى. ئىمام شافىئىي ئەللەيس ئىبن سەئدنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەللەيس فىقھىدا مالىكتىن ياخشى ئىدى، بىراق ھىمايىچىلىرى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدى"

 

بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تۆت مەشھۇر مەزھەپ ئەھلى سۈننەتكە، جەئفەرىي مەزھىبى شىيئەلەرگە ئائىتتۇر.

 

بۇ مەزھەپلەر بىر ـ بىرى بىلەن نېمە ئۈچۈن ئىختىلاپلىشىدۇ؟ دەيدىغان بىر سوئال كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. فىقھىشۇناسلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش ـ تارتىشنىڭ سەۋەبىنى ئالىملار بايان قىلىپ ئۆتكەن. بۇ ساھەدىكى ئەڭ مەشھۇر كىتابلارنىڭ بىرى شەيخۇل ئىسلام ئىبن تەيمىييە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ "رەفئۇل مەلام ئەنىل ئەئىممەتىل ئەئلام" ناملىق كىتابى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: "مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا دوستلۇق ئەھدىسى بەرگەندىن كېيىن، قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغىنىدەك مۆمىنلەرگە، بولۇپمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى ھېسابلىنىدىغان ئۆلىمالارغا ئەھدە بېرىشى ۋاجىپ... شۇنى بىلسۇنلەركى، ئۈممەتنىڭ نەزىرىدە ئومۇمىي جەھەتتىن قوبۇل قىلارلىق دەرىجىدىكى بىر ئىمامنىڭ مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ بىر ئىشتا ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا مۇخالىپ بىر نەرسىگە تايىنىدىغىنى يوق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپلىقىغا ئويۇل تاشتەك بىرلىككە كەلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەر بىر كىشىنىڭ توغرا ـ خاتا سۆزلىرى بولىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ سۆزىگە قارشى بىر سەھىھ مەۋجۇت بولسا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلماسلىق لازىم."

 

بۇلاردىن كېيىن، فىقھىي ئىماملىرىنىڭ ئىخلاسمەن مۇجتەھىدلار ئىكەنلىكى، بىدئەتچىلەر ئەمەسلىكىنى، مۇجتەھىدنىڭ توغرا قىلغان بولسا ئىككى ئەجىرگە، خاتا قىلغان بولسا بىر ئەجىرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ.

 

دېمەك، شاخچە مەسىلىلەردە ئىختىلاپنىڭ بولۇشنىڭ ئىتىراز قىلغىلى بولمايدىغان تەبىئىي ئىش ئىكەنلىكى، ساھابىلەرنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقىنى بىلدۇق. چۈنكى بەزى ئىشلار بار ئۇ ھەقتە كۆرسەتمىلىكى ۋە توغرىلىقى كەسكىن بولغان،  چۈشەنچىدە ئىختىلاپ قىلىش ئىمكانى يوق... ئەمما بەزى دەلىللەر باركى، چۈشەنچىدە ئىختىلاپ يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى...

 

مۇسۇلمانلار تۆت ئىمامنىڭ بىرىگىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى دەپ ئەگەشمەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئاللاھنىڭ كىتابى ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە بولمىغان بىر ئىشنى ئوتتۇرىغا قويسا قوبۇل قىلىنمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار خاتالاشمايدىغان ئىنسانلار ئەمەس. دەلىل پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىدىن ئىبارەتتۇر.

 

ئۆلىمالار تەقلىدچىلىكتە ئەڭ ۋايىغا يەتكەن ئەسىرلەردىمۇ سەھىھ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەنەفىي مەزھىپىدىكى پەتىۋانىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدىغان "ھاشىيەتۇ ئىبنى ئابىدىن" ناملىق كىتابنىڭ بېشىدىلا،  "ھەنەفىي مەزھىپىدىكى بىر كىشىگە مەزھىپىگە توغرا كەلمەيدىغان بىر سەھىھ ھەدىس يولۇقسا، ھەدىسكە ئەمەل قىلسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئاساستۇر" دەيدىغان بىر نەس بار.

 

بىز بۈگۈن مۇبالىغە بىلەن پەرۋاسىزلىق ئارىسىدا قېلىۋاتىمىز؛ بىر تەرەپتە، ھەر بىر مۇسۇلمان تۆت مەزھەپتىن بىرىنى تۇتۇپ مېڭىشى، ئۇنىڭ سىرتىغا چىقماسلىقى ۋاجىپ، دەيدىغانلار بار. بۇ پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان ئىجابىي سۆز. يەنە بىر تەرەپتە، ئالىمدىنمۇ ـ ناداندىنمۇ، ئوقۇغان ـ ئوقۇمىغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قۇرئان ۋە سۈننەت بىۋاسىتە قۇبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغىلى ئازلا قالىدۇ. گەرچە بۇ خىل ئۇسۇل توغرا بولسىمۇ، ھەر بىر ئىنسان ئۇنداق قىلىشقا قادىر ئەمەس؛ چۈنكى، ئىجتىھادنىڭ ئاۋام خەلق بىلىپ بولالمايدىغان نۇرغۇن شەرتلىرى بار.

 

تۆت مەزھەپ ئىچىدىن مۇئەييەن بىر مەزھەپكە ئەگىشىش، ئۇ مەزھەپنىڭ قاراشلىرىغا زىت يۈنۈلۈشتىكى ساغلام نەسلەر بار يەردىمۇ مەزھەپتىن تېشىغا چىقماسلىق سېپى ئۆزىدىن مۇتەئەسسىپلىكتۇر. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مەزھەپ مۇتەئەسسىپلىكى بىر قىسىم ئىسلامىي دەۋرلەردە بۆلۈنۈش، چېچىلاڭغۇلۇق ۋە مەزھەپلەرگە ئەگەشكەنلەر ئارىسىدىكى نىزالارغا ئېلىپ باردى. ئاللاھقا شۈكۈر، يېقىنقى ئەسىرلەردە قىزىتمىسى بىر ئاز چۈشكەندەك بولسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم سەلبىي ئەھۋاللار ـ بولۇپمۇ ئەرەب بولمىغان ئەللەردە ـ روشەن بار بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى تالاش ـ تارتىشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. شەكسىزكى، بۇنى سەۋەبى ئىسلام دىننىڭ روھىنى، شەرىئەتنىڭ مەقسەت ـ مۇددىئالىرىنى، ساغلام، توغرا بولغان سۈننەتنى، ئوقۇش ۋە چۈشەنچە جەھەتتە ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ۋە ئالىملارنى ئاشۇرىدىغان ئەرەب تىلىنى بىلمەسلىكتىن ئىبارەت. يەنە مەزھەپ مۇتەئەسسىپلىكى بۈگۈن دەۋر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپ سانلىقىغا سۇلتان بولىۋالغان مەدەنىيەت قالاقلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.

 

بارلىق مۇسۇلمانلار ئورتاقلىشىدىغان ئارزۇيىمىز: تۈنجى بولۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزىنىڭ بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقتىن يىراق ھالدىكى ساغلام ئەقىدە ئاساسىدا بىرلىككە كېلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقان يولىنىڭ سەھىھ سۈننەتنى يېتەكچى قىلغان ھالدا بىر ئارىغا كېلىشى، فىقھىي مەزھەپلەرنىڭ بۆلۈنۈشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالماسلىقى... ئۆزلىرىنىڭ تۈزۈملىرى، دەستۇرلىرى ۋە قانۇنلىرىنى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئوزۇن زامانلار مابەينىدە توپلانغان غايەت زور فىقھىي مىراسلىرىدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك خەزىنىدىن پايدىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر.

 

بىز دۇنيا ئىسلام ياشلىرى بىرلىگى گەرچە بۇ ئانسىكلوپىدىيەدە فىقھىي مەزھەپلەرنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشىگە ئائىت تارىخىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ ئۆتكەن بولساقمۇ، ئالدىنقى قاتاردىكى مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ، فىقھىي مەزھەپلەردىكى ئەڭ ئەۋزەل نوقتىلارنى بۈگۈنكى دەۋر مۇسۇلمانلىرىغا ماس كېلىدىغان شەكىلدە توپلاپ چىقىشىنى، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشىنى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن چىقىرىلغان ھەقىقىي ياخشى ئۈممەت بولۇشى ئۈچۈن بارلىق ئىسلام ئۈممەتلىرىنىڭ ئەقىدە، پىكىر، فىقھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى يارا قىلىپ كېلىۋاتقان چېچىلاڭغۇلۇق، تالاش ـ تارتىش ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىللارنىڭ يوق بولۇشى ئۈچۈن ھەممە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەگىشىپ مېڭىشىغا لايىق ساغلام ئىسلامىي يۈنىلىشتىكى مۇكەممەل بىر مېتودنى رۇياپقا چىقىرىشىنى ئۈمىدى قىلىمىز.  

 

بىز بۇ تۆت فىقھىي مەزھەپ تارىخى تەرتىپى بۇيىچە ئوتتۇرىغا قويىمىز ۋە ئۇنىڭغا جەئفەرىي مەزھىپىدىن ئىبارەت سۈننىي بولمىغان بىر مەزھەپنى ئىلاۋى قىلىپ ئۆتىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسىدا كۈچلۈك تەسىرى بولغان ئىككى خىل يۈنىلىش بويىچە مەزھەپلەرنى خۇلاسىلەيمىز. ئۇنىڭ بىرى ئىجتىھاد ۋە مەزھەپ مۇتەئەسسىپلىكىدىن خالىيلىق، يەنە بىر يۈنىلىش، مەزھەپچىلىك ۋە مۇئەييەن مەزھەپكە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپلىقى.

 

ئىسلامدىكى فىقھى مەزھەپلەر مۇندەرىجىسىگە قايتىش>

 
 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە پىكىر ئېقىملىرى

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org