بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى ئالماشتۇرۇش | силавийәнчә

 

 

   

ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەپ، پىكىر ئېقىمىلىرى ئېنسىكىلودىپىيسى سەھىپىسى

تەرجىماندىن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تور بېتىمىزنىڭ سۆيۈملۈك زىيارەتچىلىرى ۋە ھېرىسمەن ھېمايىچىلىرى!

تور بېتىمىزنىڭ «مەزھەب ۋە پىكىر ئېقىملىرى» سەھىپىسىدە مەلۇم مۇددەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن توختاپ قالغان مەزھەب، پىكىر ئېقىملىرى، ئىسلامىي جامائەتلەر، شۇنىڭدەك ئىسلام ئالەمىدە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان پىرقىلەرنى تونۇشتۇرۇش پائالىيتىمىزنىڭ داۋامىنى بۈگۈندىن باشلاپ تەرتىپلىك شەكىلدە دېققىتىڭلارغا قايتا سۇنماقچىمىز.

تور بېتىمىزدە ئېلان قىلىنغان ئېقىم ۋە مەزھەبلەر خۇسۇسىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرى ”دۇنيا مۇسۇلمان ياشلار ئىتتىپاقى“ نىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم دوكتور مانىئ ئىبنى ھەمماد ئەلجۇھەنى (ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن!) نىڭ پىلانلىشى، رىياسەتچىلىك قىلىشى ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بىر كوللېكتىپ ئەمگەكنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن كۈندىن ئېتىبارەن ناھايىتى زور دەرىجىدە قىزىقىش پەيدا قىلغان «ھازىرقى زامان دىن، مەزھەب ۋە پىكىر ئېقىملىرى ئېنسىكلوپېدىيىسى» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت. ياش تەرجىمان ئا. قارلۇقىي تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تاماملانغان بۇ ئېنسىكلوپېدىيە بۇنىڭدىن بۇرۇن دۇنيادىكى نۇرغۇن جانلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بۇ بەختكە ئېرىشىشكە ۋاقتىدا مۇيەسسەر بولالمىغانلىقىدىن، مىللىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىلغار ياشلىرى ھەر خىل مەزھەب ۋە ئېقىملارنىڭ دەبدەبىلىرىگە بېرىلىپ كېتىپ، ئورۇنسىز ھالدا نۇرغۇن زىيانغا دۇچار بولدى. خەلقىمىزنىڭ بەختسىزلىكى تۈپەيلى كېچىكىپ تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئېنسىكلوپېدىيەنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ، ھەر قانداق جامائەت، مەزھەب، ئېقىم ياكى پىرقىلەرگە باھا بەرگەندە، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپنى ياقلىشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغان بولۇپ، مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇ ئېنسىكلوپېدىيە جەمئى ئىككى توم، تۆت قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسمى ئىسلام ۋە ئىسلامغا مەنسۇپ دەپ قارالغان، ھازىرقى دەۋردە مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە 70 تىن ئارتۇق مەزھەب، ئېقىم ۋە پىرقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى قىسمى يەھۇدىيلارغا بېغىشلانغان بولۇپ، يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا سىڭدۈرىۋەتكەن ھەر خىل ئىسىمدىكى كۇلۇب ۋە مەركەزلىرى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئۈچىنچى قىسمى خرىستىئانلار ۋە خرىستىئان دىنىغا، ئۇنىڭ مەزھەب، ئېقىم ۋە پىرقىلىرىگە دائىر تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆتىنچى قىسمى ھەر خىل ئەدەبىي، پەلىسەپىۋىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئېقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ نەرسىنى تەكرارلاش كېرەككى، بۇ ئېقىملارنىڭ ھەممىسىگە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ يۈكسەكلىكىدىن قارىلىدۇ.

جانابى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۈگۈندىن ئېتىبارەن باشقا كېلىشمەسلىكلەر يۈز بەرمىسىلا (ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن)، ھەر كۈنى (جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىدىن باشقا) بىردىن ئېقىمنى تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ نىيەتلىرىگە كۆرە ئەجىر بەرگۈچى زاتتۇر. دۇئايىڭلاردا ياد ئەتكەيسىلەر!

 

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

../M_P_Ekimliri/Ensiklopidye.asp
 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org