بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!

بۇ پروگراممىنى ئىشلەتكىنىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە ئەجىر ئاتا قىلغاي!!!

    بۇ پروگرامما قۇرئاننىڭ ئەرەب تىلىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە تەرجىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ ھەر خىل تىللار بويىچە ئىزدەش، قىرائەت قىلىش،  بېسىپ چىقىرش، مەلۇم ئايەتكە بېرىش ۋە كۆپ خىل پارامېتىرلار بويىچە كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

  بۇ نەشرىدە يەنە ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە كۈرۈنمە يۈز، ھەر خىل ئۇيغۇرچە كودلاردا ھۆججەتكە چىقىرىش، ئۇيغۇرچە تىزىملىك ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىش، پۈتۈن ئىكران كۆرسىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلار قېتىلدى.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى داڭلىق دىنى ئالىم، مۇتەپەككۇر، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ تەرجىمىسىگە ئاساسەن ئىشلەندى. ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىنى ئۇستاز YUSUF ALI  ئىشلىگەن، خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئۇستاز   ئىشلىگەن.

   ئۇيغۇرچە يىغىپ تەرجىمە قىلىنغان ئايەتلەر باشقا تىللارغا ماسلاشتۇرۇش ئېھتىياجى (ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچىسى ئەرەبچە شەكلىگە ئاساسەن بىر ئايەت بىر ئايەت شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى پارچىلاشقا...) بىلەن تەكرار ئېلىندى. تېخىمۇ ياخشى مەسلىھەت ۋە كۆرسەتمىلەر بولسا ئۆزگەرتىشكە بىز تەييار.

   ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە كىرگۈزۈش ۋە ئىملا خاتالىقلىرى بولسا دەرھال ئىنكاس قىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز. باشقا تىلدىكى مەلۇماتلار تور مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان بۇلۇپ بىردىنبىر سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرمىدى. خاتالىقلار بولسا ۋاقتىدا مەلۇم قىلغايسىلەر. (ئەلبەتتە بۇ پروگرامما ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ مۇكەممەل پروگرامما ئەمەس. بۇ خىزمەتنى دوستلار بىلەن بىرلىشىپ مۇكەممەل قىلىپ چىقىشقا ئىشەنچىمىز مۇستەھكەم.) پروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلارغا ئىرىشمەكچى بولغان دوستلار تور خەت ئارقىلىق ئالاقىلاشسا بۇلىدۇ.

    ھەر ساھە دوستلىرىمىزنىڭ ئۆز ـ ئارا ھەمكارلىشىپ ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگەن شارائىت ئىچىدە بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

   ئىنشائاللاھ ئىككىنچى نەشرىگە قۇرئان كەرىم تەپسىرى (تەپسىرى ئىبنى كەسىر)، قۇرئان كەرىم ئىلىملىرى، قۇرئاندىكى تېمىلار، ياخشى كىشلەر باغچىسى (رىيازۇسسالىھىين) ۋە دۇئا كىتابلىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم ھەرقانداق ئائىلىدە بولمىسا بولمايدىغان دىينى ماتېرىياللار بىلەن تولدۇرۇپ نەشر قىلىمىز.

    ھەدىس ۋە باشقا مۇشۇ تۈردىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن بىر تۈركۈم پروگرامما ۋە ماتىرىياللار پات ئارىدا دوستلىرىمىز بىلەن يۈز كۈرۈشكۈسى...

    پروگرامما ۋە باشقا تەرەپلەردە ھەر قانداق پىكىر ـ تەكلىپلەر ، مەسلىھەتلەر، ئېھتىياجلار ھەمدە ياردەملەر بولسا قۇلىمىز كۆكسىمىزدە.

 ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى.

پروگرامدىن بىرقىسىم رەسىملىك كۆرۈنۈش:

 

 
 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە پىكىر ئېقىملىرى

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org