بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

  

مەسچىتنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قايتىدىن تىكلەڭلار

بسم الله الرحمن الرحيم

د.سالىھ ئىبنى فەۋزان ئەلفەۋزان

 ياخشىلىقلارنى تالىشىپ قىلىشقا بۇيرىغان، ئۆمۈرنى، ۋاقىتنى زايا قىلىۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ئۇلۇغ زات جانابى ئاللاھقا ھەمدۇ- سانا ئېيتىمەن، پەرۋەردىگارلىقىدا، ئۇلۇھىيىتىدە، ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى قاتارلىق بارلىق ئىشلىرىدا يەككە – يىگانە بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، جامائەت بولۇپ شەكىللىنىشكە قىزىقتۇرغان، رىغبەتلەندۈرگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە شاھادەت ئېيتىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئاللاھقا تائەت – ئىبادەت قىلىشتا بىر- بىرلىرى بىلەن بەسلىشىدىغان ئەسھابىلىرىگە كۆپلەپ دۇئا ۋە سالام يوللايمەن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿سَابِقُوا إِلَى مَغْفِرَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا كَعَرْضِ السَّمَاء وَالْأَرْضِ أُعِدَّتْ لِلَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ذَلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَن يَشَاء وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ﴾

«پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، كەڭلىكى ئاسمان - زېمىندەك كېلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈڭلار، (ئۇ) جەننەت ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان ، بۇ اﷲ نىڭ پەزلىدۇر، (ئاللاھ ) ئۇنى خالىغان ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر.»

سەمىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلاركى، ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۆمۈر خورايدۇ، قەلبىدە ئەندىشىسى بارلار كەچ كىرىپ قالغۇچە مەنزىلگە يىتىپ بېرىۋالىدۇ. ئاللاھنىڭ مېلى قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟! ئاللاھنىڭ مېلى جەننەت ئەمەسمۇ؟! شۇنداق، جەننەت ئارزۇ- ئارمان ئارقىلىق ياكى شەرەپلىك ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولۇشى، ئاتا – بوۋىلارنىڭ ئەمەل- ئىبادەتلىرى، پۇل- مال ۋەياكى بالا-چاقىلارنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەپلىك قولغا كەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَا أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُم بِالَّتِي تُقَرِّبُكُمْ عِندَنَا زُلْفَى إِلَّا مَنْ آمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُوْلَئِكَ لَهُمْ جَزَاء الضِّعْفِ بِمَا عَمِلُوا وَهُمْ فِي الْغُرُفَاتِ آمِنُونَ﴾ «ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار (جەننەتنىڭ) ئېسىل ئۆيلىرىدە (ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تۇرىدۇ.»

ئەمەل- ئىبادەتلىرى مەجرۇھلارچە ئىلگىرلىگەنلەرنى ئۇلارنىڭ نەسەپ ياكى يۈز- ئابرۇيلىرى ھېچ يەرگە ئېلىپ بارالمايدۇ. شۇنداق، جەننەت ھەبەشىستانلىق قۇل بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە سالىھ ئەمەل قىلغان بارلىق كىشىلەرگە خاس جايدۇر. دۇزاخ بولسا، نەسەپ ۋە شەرىپى ئۇلۇغ قۇرەيشتىن بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ بارلىق كىشىلەرنىڭ بارار جايىدۇر.

سالىھ ئەمەللەرگە كەلگەندە ھورۇنلۇق قىلىدىغان، دۇنيالىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ”ھاردىم“ دېمەستىن چاپىدىغان، ھاۋايى- ھەۋەسلىرىگە ئۆزلىرىنى تاپشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۇچىرىتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مەسچىت بىلەن بولغان ئالاقىسى، جۈمە ۋە جامائەتكە قاتنىشىشىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن. ئۇلار گەرچە ئۆيلىرى مەسچىتنىڭ يېنىدا بولسىمۇ، ئۇنىڭغا كىرىپ باقمايدۇ، مەسچىتتە نېمىلەرنىڭ بار، نېمىلەرنىڭ يوقلىقىنىمۇ بىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى مەسچىتكە يېقىن بولغان بىلەن، قەلبلىرى ئۇنىڭدىن تولىمۇ يىراقتا ياشايدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىماننىڭ ئاجىزلىقى ۋە ياكى تۈگەپ كەتكەنلىكىنىڭ پاكىتىدۇر. چۈنكى، مەسچىت ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇش، ئىبادەت قىلىش ۋە كۆپلەپ بېرىپ كىلىش ئارقىلىق گۈللىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نامازلىرىنى مەسچىتتە ئوقۇش ئىماننىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّمَا يَعْمُرُ مَسَاجِدَ اللّهِ مَنْ آمَنَ بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَأَقَامَ الصَّلاَةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَلَمْ يَخْشَ إِلاَّ اللّهَ فَعَسَى أُوْلَئِكَ أَن يَكُونُواْ مِنَ الْمُهْتَدِينَ﴾

ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، ناماز ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ (يەنى مەسجىدنى رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، تازىلاش، مەسجىدتە داۋاملىق ناماز ئۆتەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ)، ئەنەشۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر كىشىنىڭ مەسچىتكە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭ ئىمانلىق كىشى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بىرىڭلار.»

ئۇلارنىڭ بازارلارغا پاتمايۋاتقانلىقىنى، ئاللاھنىڭ بەرگەن رىزقلىرىنى بىخۇتلارچە يەۋەتقانلىقىغا كۆپلەپ شاھىت بولىمىزيۇ، ئۇلارنىڭ مەسچىتلەرگە بېرىپ كىلىۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرمىكىمىز بەسى مۇشكۈل. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلدى، (شەيتان) ئۇلارغا اﷲ نىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى، ئۇلار شەيتاننىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ قوشۇنى زىيان تارتقۇچىلاردۇر.» شۇنداق، ئۇلار ئۆزلىرىنى مەسچىتكە مېڭىپ بارغانلىقنىڭ ساۋابىدىن، مۇكاپاتىدىن، ھەتتا ئۈچۈرۈلۈپ كېتىشى تامامەن مۇمكىن بولغان پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قىلدۇردى، ئۆتكۈزگەن گۇنا ۋە خاتالىقلىرى يەلكىلىرىدە قېلىۋەردى.

يەنە بەزى كىشىلەر – بۇلار كۆپچىلىك- ھارغىنلىق، خوشياقماسلىق ئىچىدە مەسچىتلەرگە كىلىدۇ ۋە ئىنتايىن جانسىز شەكىلدە ئانچە- مۇنچە ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرى بولسا، پەرزگە تەكبىر ئوقۇلغان ھامان ئالدىراش ۋە پىكرى چېچىلاڭغۇ ھالدا ھاسىرىغان پېتى مەسچىتكە كىرىدۇ، نەتىجىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتكە كىرىشتىكى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەدەب- قائىدىلەرگە رىئايە قىلمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «نامازغا تەكبىر ئېيتىلغان ۋاقىتتا، نامازغا يۈگۈرگەن ھالەتتە كەلمەڭلار، بەلكى ئالدىرىماي، تەمكىن ھالەتتە كېلىڭلار، نەچچە رەكىئەت نامازغا ئۈلگۈرەلسەڭلار، شۈنچە رەكىئەت ئوقۇڭلار، ئۈلگۈرەلمىگەن نامىزىڭلارنى تولۇقلىۋالساڭلار بولىدۇ.» مەسچىتكە تەكبىر ئېيتقاندا كىرىدىغان كىشىلەر مەسچىتكە بورۇن كىلىشنىڭ، نامازنىڭ ۋاقتىنى ساقلاشنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم كىشىلەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە نامازنىڭ ۋاقتىنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان كىشىنىڭ گويا ئاللاھ يولىدا قاراۋۇللۇق قىلغان كىشىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان پەرز نامازغا ساقلاپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، گويا ناماز ئوقۇپ تۇرغان كىشىگە ئوخشاشلا ساۋاپقا ئېرىشىدىغانلىقى، بۇ جەرياندا پەرىشتىلەرنىڭ ئۇ كىشى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدى. ھالبۇكى، دەۋرىمىزگە كەلگەندە مۇئەززىن ئەزان ئوقۇپ خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنمۇ مەسچىتلەردە ئادەم كۆرۈنمەيدۇ، نامازغا تەكبىر چىققىلى تۇرغاندىن باشلاپ مەسچىتكە پايپاسلاپ كىرىشكە باشلايدۇ.

ناماز ئۈچۈن مەسچىتلەرگە ۋاقتىدا كەلمەسلىك ئىنساننى نۇرغۇن ساۋاپتىن مەھرۇم قىلغاندىن سىرت، مەسچىتكە كىلىشكە ئېتىبارسىز قارايدىغان، ھەتتا تەدرىجى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى تاشلايدىغان نوقتىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئىمام مۇسلىم، ئەبۇسەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ سەپنى كەينىگىرەك تارتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا: «ئالدىغىراق تۇرۇڭلار، ماڭا يېقىن تۇرۇڭلار. سىلەرگە سىلەرنىڭ كەينىڭلاردىكى كىشىلەر يېقىن تۇرسۇن. قانداق بىر قەۋم كەينىگە چېكىنىپ تۇرىدىكەن،ئاللاھمۇ ئۇلارنى چېكىندۇرۇۋېتىدۇ» دېدى.

يۇقىرىدىكى ھەدىس، جامائەتكە كەلمەسلىك ۋەياكى كىچىكىپ كىلىشنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالانىڭ نامازغا كىچىككۈچىلەرنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى، پەزلى- ئىنايىتىگىمۇ كىچىكتۈرۈپ ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. نامازغا كەلمەسلىك ئۇ ياقتا تۇرسۇن، كىچىپ كەلگۈچىلەرنى مۇناپىققا ئوخشىتىشىنىڭ ئۆزىمۇ نامازغا كىچىكىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەپ بولالايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ).» يەنە مۇنداق دەيدۇ: «نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ.»

ئىشىنىمەنكى، مەسچىتلەردە نامازنىڭ ۋاقتىنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ ئۆلتۇرۇرمايدىغان شۇ كىشىلەر ئەگەر ساقلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا قولىدىن دۇنيالىق بىرەر نەرسىنىڭ كىتىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولسا، شەكسىزكى، ئەڭ ئالدىدا كىلىپ، پۇرسەتنى قاچۇرماسلىق ئۈچۈن سائەتلەرچە ساقلاپ تۇرغان بولاتتى. دېمەك، دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتكە قارىغاندا سۆيۈملۈكرەك ئىدى. مانا بۇ خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى، مەسچىتلىرىمىز پەقەت ناماز ئۈچۈنلا ئېچىلىدىغان، باشقا چاغلاردا بولسا قولۇب سېلىنغان ھالدا چوقچىيىپ تۇرىدىغان ئەھۋالغا كىلىپ قالدى.

مەسچىتلىرىمىز ئۇنىڭغا كىرىپ- چىقىدىغانلارنىڭ، ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتە ئولتۇرىدىغانلارنىڭ ئازلىقىدىن شىكايەت قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. شۇنداق، مەسچىتلىرىمىز ئاللاھنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدىغان، سودا - سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدىغان، دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىدىن شىكايەت قىلماقتا.

مەسچىتلىرىمىزدە كېچە – كۈندۈز ئېتىكاپتا ئولتۇرىدىغانلاردىن، رۇكۇ قىلىدىغانلاردىن، سەجدە قىلىدىغانلاردىن ئايرىلىپ قالدى. بۇرۇن مەسچىتلەر ئىبادەت قىلىدىغان، ئىلىم ئۆگىنىدىغان، مۇسۇلمانلار ئۆز- ئارا ئۇچىرىشىدىغان جاي ئىدى، ئۇ يەردە تۇنىشاتتى، دوست- بۇرادەر بولىشاتتى. ئۇلار قېرىنداشلىق ئۇزۇقىنى، ئىماننىڭ نۇرىنى، ئىشەنچ ۋە ئىماننىڭ ئاساسىنى ئەنە شۇ مەسچىتتىن ئېلىشاتتى. قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا مەسچىتكە ئىنتىلىش، تەلپۈنۈش ھۆكۈمران ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن مەسچىت ئۆيلىرى ۋە مال- مۈلۈكلىرىدىن سۆيۈملۈك ئىدى، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسىمۇ، مەسچىتتە ئولتۇرۇشتىن زېرىكىش ھېس قىلمايتتى، ئارىلىقنىڭ يىراق بولۇشى مەسچىتكە كەلمەسلىكلىرى ئۈچۈن سەۋەپ بولالمايتتى. چۈنكى، ئۇلار ھەر ئالغان قەدەملىرى ئۈچۈن ساۋاپ بىرىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، ۋاقىتلىرىنى مەسچىتتە ئۆتكۈزەتتى، مەسچىتكە بۇرۇن كىلىش ئۈچۈن ئۆز- ئارا مۇسابىقىلىشەتتى.

يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغانلار بىزدىن ئىلگىرى ياشىغان مۇسۇلمانلار ئىدى. بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك، مەسچىتكە كىچىكىدىغان ياكى كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ، نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغانلار ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپلىك ئۈممەت نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى. مەسچىتنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنى بارغانچە ئاجىزلىدى، تەسىرى كۈنسىرى تۈۋەنلەپ باردى. نەتىجىدە ئادەملەر ياتلاشتى، قەلىبلەر ئارا سوغۇقلۇق ھۆكۈمران بولدى، خوشنىلارنىڭ ئەھۋالى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنىمۇ تونىمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

ئەي ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، مەسچىتنىڭ قەلبىڭلاردىكى ئورنىنى قايتىدىن تىكلەڭلار، مەسچىتكە بۇرۇن بېرىشقا، ئۇنىڭدا كۆپرەك ئولتۇرۇشقا ھېرىسمەن بولۇڭلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتكە مېڭىپ بېرىش ۋە ئۇنىڭدا زىكىر ۋە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئولتۇرۇش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سېلىڭلاركى، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالساڭلار ئەجەپ ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ياكى بازاردىكى ئوقۇغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. سەۋەبى ئەگەر ئۇ تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، ئاندىن مەسچىتكە ئۆيدىن پەقەت ناماز ئوقۇش ئۈچۈنلا كەلسە، ئۇ ئادەم مەسچىتكە كەلگۈچە ئۇنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمى بىلەن ئۇنىڭ مەرتىۋىسى دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ بىلەن بىر خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ. ئۇ ئادەم ناماز ئوقۇغان جايىدىلا بولىدىكەن، تاھارىتى سۇنۇپلا كەتمىسە، پەرىشتىلەر مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ، ئى ئاللاھ! ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغىن، ئۇ مەسچىتكە كىرىپ نامازنى ساقلاپ ئولتۇرسا نامازنىڭ ئىچىدە بولغاندەك بولىدۇ.»

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «”مەن سىلەرنى ئاللاھ خاتالىقىڭلارنى ئۆچۈرۈپ، دەرىجەڭلارنى كۆتۈرۈدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويمايمۇ؟“ دېگەندە، كىشىلەر: شۇنداق قىلغىن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”مۈشكۈل ئەھۋالدىمۇ تاھارەتنى كامىل ئېلىش، مەسچىتكە كۆپ بېرىش ۋە بىر نامازدىن كېيىن يەنە بىر نامازنى كۈتۈش، مانا بۇ ئەمەللەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانغا ئوخشاشتۇر“»

يەنە، بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «قاراڭغۇدا مەسچىتكە پىيادە بارغانلارغا قىيامەت كۈنىدىكى مۇكەممەل نۇر بىلەن خوشخەۋەر بەرگىن.» -ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايىتى.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھ تائالا ئۈچۈن شەھەرلەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك يىرى ئۇنىڭ مەسچىتلىرى، ئەڭ ياقتۇرمايدىغان يىرى ئۇنىڭ بازارلىرىدۇر.» - ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

ئاللاھ تائالا مەسچىتنىڭ شەنىنى ئۇلۇغ قىلدى، تائەت- ئىبادەتلىرى ئارقىلىق ئۇنى گۈللەندۈرگەنلەرنى مەدھىيىلىدى ۋە كاتتا ساۋاپ بىرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فِي بُيُوتٍ أّذِنَ اللهُ أَن تُرْفَعَ وَيُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ يُسَبّحُ لَهُ فِيهَا بِالغُدُوّ وَالآصَالِ . رِجَالٌ لاَ تُلْهِيهِمْ تِجَارةٌ وَلاَ بَيْعٌ عَن ذِكْرِ اللهِ وَإِقَامِ الصَّلاةِ وَإِيتاءِ الزّكَاةِ يَخَافُونَ يَوْماً تَتَقَلّبُ فِيهِ القُلُوبُ وَالأَبْصَارُ. لِيَجْزِيَهُمُ اللهُ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا وَيَزِيدَهُم مّن فَضْلِهِ وَاللهُ يَرْزُقُ مَن يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ﴾

«ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە (مۆمىنلەر) ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا - سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ. ئاللاھنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات بەرسۇن ۋە ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بەرسۇن دەپ (ئۇلار شۇنداق ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ) ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزق بېرىدۇ.

وصلى الله على محمد وعلى آله وصحبه وسلم.

ماقالىلەر سەھىپىسىگە قايتىش

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org