|
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى، سۈننىتى ۋە بىر قىسىم ئىسلامى ئەدەب-
قائىدىلەر
ئاللاھقا
ھەمدۇ- سانا، پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارنى دوست
تۇتقانلارغا دۇئا ۋە سالام يوللايمەن.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ
عَنْهُ فَانْتَهُوا﴾ «پەيغەمبەر
سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار» -
ھەشىر سۈرىسى،7-ئايەت.
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُلْ
إِنْ كُنْتُمْ
تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ
ذُنُوبَكُمْ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ﴾ «(ئى
مۇھەممەد!ئۇلارغا)ئېيتقىنكى « ئەگەر سىلەر اﷲ نى دوست تۇتساڭلار، ماڭا
ئەگىشىڭلاركى، اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ (ئۆتكەنكى )گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ
ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» -
ئال ئېمران سۈرىسى، 31-ئايەت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«سۆزنىڭ ئەڭ توغرىسى اﷲ نىڭ كىتابىدۇر. يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ يامىنى يېڭى پەيدا قىلىنغان ئىشلاردۇر.
(دىندا) يېڭى پەيدا قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، بىدئەتنىڭ ھەممىسى
گۇمراھلىقتۇر، بارلىق گۇمراھلىق جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ.»
- سەھىھۇل جامىئـ :1353.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«كىمكى مېنىڭ سۈنىتىمدىن يۈز ئۆرىسە ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس.»
- بۇ ھەدىسنى بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇلاردىن سىرت، ئاللاھنىڭ كىتابى،
پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشكە، يېڭى ئىبادەتلەرنى ئىختىرا قىلماسلىق ياكى
ئىبادەتتە يېڭى يوللارنى پەيدا قىلماسلىققا ئۈندەيدىغان نۇرغۇن ئايەت- ھەدىسلەر
بار. بۇ سەۋەپلىك، سىزگە، شۇنداقلا ئۆزىمىزگە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەت ۋە ئەخلاقلىرىنى سەھىھ ھەدىسلەرنى چىقىش قىلغان ھالدا بۇ
سەھىپىلەرنىڭ بىزگە بەرگەن ئىمكانلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى
ۋەزىپىمىز، دەپ بىلدۇق. يەككە – يىگانە بىرلا ئاللاھتىن يارىدەم تىلەيمىز.
بامدات نامىزىغا ئويغىنالىشىڭىز ئۈچۈن بۇرۇن يېتىپ قېلىشقا ئەھمىيەت بىرىڭ. چۈنكى،
ئۆلىمالىرىمىز ئېيتقاندەك ”ۋاجىبنىڭ ئادا قىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان
ئامىلمۇ ۋاجىبتۇر.“ (سەھەر تۇرۇش بامدات نامىزىنى ئادا قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول
ئوينايدۇ. ت) بامدات نامىزى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋاجىبتۇر، بۇرۇن يېتىپ قېلىشنىڭ
سەھەر تۇرۇشقا پايدىسى بار:
ئا) تاماقنى كۆپ يىمەڭ، كۆپ سۇ ئىچىشىڭىزگە سەۋەپ بولىدۇ، نەتىجىدە ئۇيۇقتىن
بېشىڭىزنى ئالالمايسىز-دە، كېچە نامازلىرىغا تۇرالماي قالىسىز.
ئە) كۈندۈزلىرى تەنتەربىيە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەر بىلەن
ئۆزىڭىزنى ئارتۇق چارچىتىۋالماڭ. چۈنكى، كېچە نامازلىرى ۋە بامدات نامىزى تېخىمۇ
مۇھىم.
ب) چۈشلۈكتە بىر ئاز ئۇخلىۋېلىشنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىڭ، چۈنكى بۇنداق قىلىش
ھەم سۈننەتتۇر ھەم كېچە ۋە بامدات نامازلىرىغا تۇرالىشىڭىزغا ھەمدەم بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«چۈش پەيتىدە ئازراق ئۇخلىۋېلىڭلار، بۇ پەيتتە شەيتانلار ئۇخلىمايدۇ.»
پ) گۇناھلارنى كىچىك ھېساپلىماڭ، ئۇ قەلبنى قاتتۇرىۋېتىدۇ. بىر كىشى ھەسەندىن:
”كېچە نامىزىغا بەكلا تۇرغۇم بار. بىراق تۇرالمايمەن، بۇنىڭدىكى سەۋەپ نەدە؟“ دەپ
سورىغاندا: ”گۇناھلىرىڭ سېنى چىرمىۋاپتۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن.“
ت) مۇسۇلمانلارنى يامان كۆرۈشتىن ۋە بىدئەتتىن قەلبنى ساغلام تۇتۇش، دۇنيانىڭ
ئىشلىرى بىلەن مەستۇ- مۇستەغرەق بولۇپ كەتمەسلىك.
ج) ئۇخلاشتىن بۇرۇن قۇرئان كەرىم ئوقۇش، ۋىتىر نامىزىنى ئادا قىلىش. ئەگەر،
بامداتتىن ئىلگىرى تۇرالىشىڭغا ئىشەنچىڭىز بولسا، ۋىتىرنى كېچىنىڭ ئاخىرىقى
پەيتلىرىدە ئوقۇش ياخشىدۇر (ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى زاتتۇر.) مانا بۇلار،
ئاللاھ خالىسا كېچە ۋە بامدات نامازلىرىنى ئادا قىلىشقا يارىدىمى تېگىدىغان بىر
قىسىم ئامىللار. بۇ ئىشلارغا ئەھمىيەت بىرىڭ، نامازلىرىڭىزدا نېيەتلىرىڭىزنى خالىس
قىلىڭ. جانابى ئاللاھتىن ئەمەل- ئىبادەتلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىشىنى، ئىبادەتلىرىڭىزنى
ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىپ بىرىشىنى، شۇنداقلا قىلغان ئىبادەتلىرىڭىزنى ئۆزىنىڭ
كىتابى، پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن قىلىپ بىرىشىنى تىلەيمەن. چۈنكى، كىتاب ۋە
سۈننەتكە ئۇيغۇن بۇلۇش، ئەمەل- ئىبادەتنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا قۇبۇل بولۇشىنىڭ
ئىككى ئاساسلىق شەرتىدۇر. قېرىندىشىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مونۇ ھەدىسىدىكى
كىشىلەردىن بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلە:
«ئاللاھ تائالا كېچىلىرى لەشتەك ياتىدىغان، كۈندۈزلىرى ئىشەكتەك ۋاقىراپ
يۈرىيدىغان، دۇنيا ئىشلىرىغا ئالىم، ئاخىرەتتىن بىخەۋەر ھالدا بازارلاردا ۋاقىراپ-
جاقىراپ، گىدىيىپ مېڭىپ يۈرىيدىغان كىشىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ.»
- سەھىھۇلجامىئـ : 1874.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئابدۇللاھ كېچىسى ناماز ئوقۇغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى ئادەم بولغان بولاتتى ھە؟»
- سەھىھۇلجامىئـ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«پەرز نامازدىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل ناماز كېچىلىك نامازدۇر.» -
بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئويغانغان ۋاقتىڭىزدا
«بىزنى ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلدۈرگەن ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، ھەممە ئاللاھ
تەرەپكە قايتىدۇ.»
دېيىشىڭىز سۈننەتتۇر. –بۇ ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان.
تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئال ئېمران سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئوك ئايەتنى ئوقۇڭ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىغا دائىر سەھىھ رىۋايەتلەر بار.
ئارقىدىن كېچە نامىزىنى يەڭگىل ئىككى رەكئەت بىلەن باشلاڭ، ئارقىدىن قانچىلىك
خالىسىڭىز شۇنچىلىك ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكزەتتىن ئۇزۇن- ئۇزۇن ئوقۇڭ. ئەمما،
مەيلى رامىزان ياكى باشقا ۋاقىت بولسۇن، ۋىتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئون بىر
رەكئەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق
دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاندا ۋە رامزاندىن باشقا چاغلاردا كېچىلىك نامازنى
ئون بىر رەكئەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەيتتى.» -
بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. كېچىنىڭ ئاخرىقى پەيتلىرىدە ناماز ئوقۇيدىغان
بولسىڭىز، ۋىتىرنى يېتىشتىن بۇرۇن ئوقۇمىغان بولسىڭىز، تاڭ يۇرۇشتىن بۇرۇن
ئوقۇۋېلىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر
بار.
بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەندە، قايتىدىن تاھارەت ئېلىڭ. چۈنكى، تاھارىتى بولغان
تەقدىردىمۇ ھەر نامازغا تاھارەت ئېلىش سۈننەتتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن، يەڭگىل قىلىپ،
بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇڭ، ئۇنىڭدىن تاكى بامدات نامىزىنىڭ پەرزىگە
تۇرغانغا قەدەر، ھېچقانداق ناماز ئوقۇماڭ. بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى باشقا
نامازلارغا قارىغاندا ئۇزۇنراق ئوقۇش سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بامدات
نامىزىنىڭ پەرزىدە بىر رەكئەتكە 60 ئايەت ئوقۇغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەردە بايان
قىلىنغان. يەنە، بامدات نامىزىدىن كېيىن كۈن چىققانغا قەدەر ئاللاھنى زىكىر قىلىپ
ئولتۇرۇشمۇ سۈننەتتۇر. (سەھىھۇلجامىئـ : 6346-نومۇرلۇق ھەدىسكە قاراڭ.)
تاماق يەيدىغان چاغدا بىسمىللا دەپ يەڭ. ئەگەر بېشىدا بىسمىللا دېيىشنى ئۇنتۇپ
قالغان بولسىڭىز، ئېسىڭىزگە كەلگەن ھامان تاماقنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىسىدا ئاللاھنىڭ
ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېيىشنى ئۇنتۇماڭ. تاماقتىن كېيىن «مەدھىيە ۋە ماختاش بىزگە
تائام بەرگەن، ئۇسسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرغان جانابى ئاللاھقا خاستۇر.» دەپ تۇرۇپ
ئاندىن تۇرۇپ كېتىڭ.
ئۆيىڭىزدىن چىققاندا، ئۆيدىن چىقىش دۇئاسىنى ئوقۇڭ:
«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم. كۈچ - قۇۋۋەت پەقەت
ئاللاھقغا خاستۇر.» -
بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
ئەتتىگەن ۋە كەچتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مونۇ سۆزىنى ئۇنتۇماڭ:
«نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىندا ۋە ئاسماندا ھېچ شەيئى زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان
ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئۇ اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ھەممىنى
بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دەيدىغان بەندە بولىدىكەن، ئۇنىڭغا
ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. (كىمكى بۇ دۇئانى ئاخشىمى ئۈچ قېتىم ئوقۇيدىكەن تاڭ
ئاتقانغا قەدەر تويۇقسىز كىلىدىغان بالا- قازادىن ساقلىنىپ قالىدۇ، كىمكى ئەتتىگىنى
ئۈچ قېتىم ئوقۇيدىكەن ئاخشامغا قەدەر تويۇقسىز كىلىدىغان بالا- قازادىن ساقلىنىپ
قالىدۇ)»
- سەھىھۇلجامىئـ:6426 .
قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىگە ئىتائەت قىلىڭ،
بۇيرىغانلىرىنى ئىجرا قىلىپ، توسقانلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ، پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە
ئەگىشىڭ، بارلىق ئىشلىرىڭدا ئاللاھتىن قورقۇڭ، دۇنيانى ئاساسلىق غايەڭ قىلىۋالماڭ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئاخىرەتنى ئۆزىنىڭ غايىسى قىلغان كىشىنىڭ بايلىقىنى ئاللاھ قەلبىگە سالىدۇ.
ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ قېچىپ تۇرسىمۇ، دۇنيا ئۇنىڭغا كىلىپ تۇرىدۇ.
دۇنيانى ئۆزىنىڭ غايىسى قىلغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا نامراتلىقنى كۆز ئالدىدا
قىلىپ قويىدۇ، ئىشلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ، ئۇنىڭغا دۇنيا قانچىلىك تەقدىر قىلىنغان
بولسا شۇنچىلىك كىلىدۇ.» -سەھىھۇلجامىئـ
: 6510.
نامازلىرىڭىزنى ۋاقتىدا ئوقۇڭ، ناماز ۋە باشقا بارلىق ئىسلامىي پەرزلەرنى
ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلار، دەپ بىلىڭ. نامازنى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش ئۈچۈن
قىلىنغان شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە ياكى مەسچىتكە بېرىپ، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش
ئىرادىڭىزنى بۇشاشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن قىلىنغان تىرىشچانلىقلارغا پۇرسەت بەرمەڭ.
دۇنيالىق ئىشلىرىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا قويۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ئاگاھلاندۇرغان
قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ئىبارەت خەتەرلىك نوقتىغا كىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن،
ئاللاھ تائالاغا قىلىدىغان ئىبادەتلىرىڭنى ھەر دائىم ئەڭ مۇھىم ئىشلار قاتارىدا
بىلىڭ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُلْ إِنْ كَانَ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ وَإِخْوَانُكُمْ
وَأَزْوَاجُكُمْ وَعَشِيرَتُكُمْ وَأَمْوَالٌ اقْتَرَفْتُمُوهَا وَتِجَارَةٌ
تَخْشَوْنَ كَسَادَهَا وَمَسَاكِنُ تَرْضَوْنَهَا أَحَبَّ إِلَيْكُمْ مِنَ
اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَجِهَادٍ فِي سَبِيلِهِ فَتَرَبَّصُوا حَتَّى يَأْتِيَ اللَّهُ
بِأَمْرِهِ وَاللَّهُ لا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ﴾
ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار،
خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل -
ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار
سىلەر ئۈچۈن اﷲ دىن، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ
سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم
بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى اﷲ نىڭ ئەمرى (يەنى مەككىنى پەتىھ قىلىش ئىزنى)
كەلگۈچە كۈتۈڭلار، اﷲ پاسىق قەۋمنى (يەنى اﷲ نىڭ دىنىنىڭ چەك - چىگرىسىدىن چىقىپ
كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ.»
يىمەك- ئىچمەك، كېيىم- كىچەك، شۇنىڭدەك ھاياتىڭىزدىكى بارلىق ئىشلاردا گۇمانلىق
نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇڭ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى
ئاللاھ ئۈچۈن بىر نەرسىدىن ۋاز كېچىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى
تولۇقلاپ بېرىدۇ.» -
بۇ ھەدىسنى ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە «قەبىھ
ئىشلارنى تەرك قىل» دېگەن. قەبىھ ئىش، بارلىق يامان گەپ- سۆزلەرنى، ئىش-
ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خۇسۇسەن ئاممىۋىي سورۇنلاردا گەپ قىلغىنىڭىزدا
تۈۋەن ئاۋازدا گەپ قىلىشقا تىرىشىڭ.
بىرلىرىدىن كېلىدىغان يامانلىقنى بىرەر ياخشىلىق بىلەن ئۆزۈڭدىن يىراق قىلىڭ.
خىزمىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلالمىغانلارنى سىلكىيدىغان، دۈشكەللەيدىغان ئىشلاردىن
يىراق تۇرۇڭ، ۋەزىپىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىڭ، باشقىلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىغا يامان كۆز
بىلەن قارىماڭ.
ئاز كۈلۈڭ، كۆپ ھاللاردا كۈلكىڭىز تەبەسسۇمدىن ئىبارەت بولسۇن.
ئاجىزنىڭ، غېرىپ- غۇرەۋانىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن كىچىكىپ قالماڭ،
ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئۆي ئىشلىرىدا ھەمدەم بولۇڭ.
خۇسۇسەن ناماز ۋاقىتلىرىدا، ھېيىت- بايراملاردا ئەڭ ياخشى كېيىملىرىڭىزنى كېيىڭ.
كېيىم- كىچەك ۋە باشقا ئىشلاردا ئىسراپچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
يەردە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان بولۇپ قالىسىڭىز ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭ، نېمە بولسا شۇنى
يەڭ، ئاز بولسا شۇكۇر قىلىڭ.
ئىشچىلارنىڭ ئورەك قېزىش، تۇپا يۆتكەش ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىش ۋە بۇنى چوڭچىلىق
قىلماسلىق خوشاللىق بىلەن قىلىش. ئارتۇق مەدھىيە ۋە ماختاشلارغا نارازى بولۇش.
ناچار گەپ – سۆزلەردىن يىراق تۇرۇش، كۆپ چاقچاق قىلماسلىق، راسىتتىن باشقىنى
سۆزلىمەسلىك، كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش مەقسىتىدە بولسىمۇ يالغان سۆزلەپ قېلىشتىن ھەزەر
ئەيلەش.
دوست- بۇرادەرلىرىڭىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلىرىغا زورلىماڭ. ئىنسانلارغا،
ھايۋاناتلارغا رەھىمدىل بولۇڭكى، ئاللاھ تائالامۇ سىزگە رەھىل قىلسۇن.
بېخىللىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ؛ چۈنكى بېخىللىقنى ئاللاھمۇ، ئىنسانلارمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.
يېمەك- ئىچمەك، كېيىم – كىچەك ۋە بارلىق ئىشلاردا ئىسراپخورلۇق قىلىپ سېلىشتىن
ھەزەر ئەيلەڭ.
غەزەپلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن كىلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەردىن ھەزەر ئەيلەڭ. غەزەپلەنگەن
چېغىڭىزدا ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەڭ، كۆپ گەپ قىلماڭ؛ چۈنكى ئۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى
سىزنىڭ ئەمەل دەپتىرىڭىزگە يېزىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش، پىكىر قىلىش ئاساسىدا ئوقۇڭ، ئۇنى باشقىلاردىن ئاڭلاڭ.
ياخشى نەرسىلەرنى رەت قىلماڭ، ئۇنى ھەمىشە، بولۇپمۇ ناماز ۋاقىتلىرىدا ئىستىمال
قىلىڭ. خۇسۇسەن تاھارەت ئالغان، نامازغا تۇرىدىغان چاغلاردا مىسۋاك ئىشلىتىڭ.
مىسۋاك ئىشلىتىش سۈننەتتۇر.
غەيرەتلىك بۇلۇڭ، سىزگە زىيان ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ھەقىقەتنى
سۆزلەڭ، ھەر قانداق ئىنساننىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاڭ، نەسىھەتنى رەت قىلىشتىن ھەزەر
ئەيلەڭ.
خوتۇن، بالا- چاقىلىرىڭىزغا ئادىل مۇئامىلە قىلىڭ، بىر نەرسە بەرگەندە بىرلىرىگە
كۆپ، بىرلىرىگە ئاز بەرمەڭ، ھەر قانداق ئىش ۋە ساھەدە ئادىل بولۇڭ.
كىشىلەرنىڭ ئازارلىرىغا سەۋر قىلىڭ، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭ، ئاللاھ تائالامۇ سىزنى ئۆز
پەزلى، مەرھەمىتى بىلەن ئەپۇ قىلغاي. ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى باشقىلار
ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرۈڭ.
ئائىلىڭىزدىكىلەرگە، قېرىنداشلىرىڭىزغا ئۆيگە كىرگەندە چىققاندا، ھەر قېتىم ۋە ھەر
ئۇچىراشقاندا سالام بىرىشنى ئادەتلەندۈرۈڭ.
سالام بەرگەندە سۈننەتتە بايان قىلىنغان «ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى
ۋەبەركاتۇھۇ» بىلەن سالام بىرىڭ، بۇ سالامنى «خەيىرلىك سەھەر» ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش
سۆزلەرگە قۇربان قىلىۋەتمەڭ.
چېچىڭىزنى بويىماقچى بولسىڭىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆرنەك قىلغان ھالدا
سېرىق، قىزىلغا بوياڭ، قارىغا بوياشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
بارلىق ئىشلىرىڭىزدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئىزچىل ئەگىشىش
ئارقىلىق رەسۇلۇللاھنىڭ مونۇ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان كىشىلەرنىڭ دائىرىسىگە كىرىڭ:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”سىلەردىن كېيىن سەۋر قىلىش كۈنلىرى يىتىپ كېلىدۇ، ئۇ
كۈنلەردە دىنىنى چىڭ تۇتۇپ ماڭغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى سىلەردىن ئەللىك
كىشىنىڭ ساۋابىغا توغرا كىلىدۇ“ دېگەنىدى، (ساھابىلەر): ”ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى،
ئۇلاردىن (ئەللىك كىشى)مۇ؟“ دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ياق،
سىلەردىن.“ دەپ جاۋاپ بەردى.» بۇ
ھەدىسنى ئەلبانى سەھىھ ، دەپ كۆرسەتكەن.
دۇنياغا كۆڭۈل بەرمە، ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرماشما، دۇنيا پانىدۇر، باقى ئەمەستۇر. بۇ
ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈپ قالغان قۇلىقى كىچىك بىر ئوغلاقنىڭ يېنىغا بېرىپ
ئۇنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ”قايسىڭلار بۇنى بىر دەرھەمگە ئېلىشنى خالايسىلەر؟“
دېدى. كىشىلەر: ”بىز ئۇنى كىچىككىنە بىر نەرسىگىمۇ ئېلىشنى خالىمايمىز، ئۇنى ئېلىپ
نېمە قىلىمز؟“ دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى،
دۇنيا ئاللاھنىڭ نەزىرىدە سىلەرنىڭ بۇنى تۆۋەن كۆرۈشۈڭلاردىنمۇ بەتتەر
ئېتىبارسىزدۇر“ دېدى.» –
بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن:
«ئەگەر دۇنيا ئاللاھنىڭ نەزىرىدە پاشىنىڭ قانىتىچىلىك ئېتىۋارغا ئېلىنغان بولسا،
دۇنيادا كاپىرلارنى بىر يۇتۇم سۇ بىلەنمۇ سۇغارمىغان بولاتتى.» -
سەھىھۇلجامىئـ :5168.
ئاللاھ تائالانىڭ بىز ۋە سىلەرنى ئۆزىنىڭ كىتابى، پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل
قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى، بىزگە ئاللاھنى سۆيىدىغان مۇھەببەت، ئۇنىڭ سىزىقىدىن
چىقمايدىغان تائەت ئاتا قىلىشىنى، ئۇ زاتقا بولغان تەقۋادارلىقىمىز بىلەن جېنىمىزنى
ئېلىشىنى، شۇنىڭدەك پەيغەمبەر سۆيگۈسىنى نىسىپ قىلىشىنى، شاپائىتىدىن نەسىۋە
بىرىشىنى، سۈننىتىدە چىڭ تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىندىشىم، ئاقىۋىتىڭىزنىڭ يامان بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن،
ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىڭ. كىتاب ۋە
سۈننەتنى ئۆگىنىڭ ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە، تۇنۇشلىرىڭىزغا ئۆگىتىڭ. ئاللاھنىڭ ئىزنى
بىلەن سىز ساۋاپقا ئېگە بولىسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ياخشى ئىشقا يىتەكلىگەن كىشى (ئەجىر ۋە ساۋاپ جەھەتتە) ئۇنى ئادا قىلغان كىشى
بىلەن ئوخشاش.»
- سەھىھۇلجامىئـ :3399.
قولىمىزدىن كەلگىنى مۇشۇنچىلىك بولدى. توغرا قىلغان بولساق ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى،
خاتا قىلغان بولساق بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزدىندۇر…
سبحانك اللهم وبحمدك
أشهد أن لا إله إلا أنت أستغفرك وأتوب إليك. |