بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى ئالماشتۇرۇش | силавийәнчә

 

 

   

روزىغا مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالار

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇپتىسى شەيخ ئابدۇلئەزىز ئال شەيخنىڭ پەتىۋالىرىدىن

1- سوئال: زاكاتنى رامىزاندىن كېچىكتۈرۈشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ئالدى بىلەن شۇنى بىلىش كېرەككى، زاكاتنى رامىزان ئېيىدا بېرىش شەرت ئەمەس. زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن مالغا ئىگە بولغانغا تولۇق بىر يىل ئۆتۈشى بىلەن زاكات بېرىش پەرز بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. بەلگىلەنگەن بۇ پەرزنى - قايسى ئايدا بولمىسۇن- دەرھال ئورۇنلاش ئايرىم پەرزدۇر. زاكات بېرىشنىڭ ۋاقتى رامىزان ئىچىدە كەلگەن بولسا (يەنى زاكات بەرگۈدەك مال – مۈلۈككە ئىگە بولغانغا تولۇق بىر يىل توشقان ۋاقتى رامىزان ئېيىغا توغرا كەلگەن بولسا) رامىزان ئىچىدە بۇ زاكاتنى ئايرىش كېرەك. ئەگەر زاكات بېرىش ۋاقتى رامىزاندىن ئالدىنقى ئايلاردا كەلگەن بولسا، رامىزان ئېيىنى كۈتمەستىن زاكاتنى دەرھال ئادا قىلىش لازىم. زاكاتنى ۋاقتىدىن كۆپ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش زاكات ئالغۇچى پېقىرلارنىڭ مەنپەئەتىنى كېچىكتۈرگەنلىك بولىدۇ.

2- سوئال: روزا تۇتالماستىن ئۆلگەن كىشى ئۈچۈن باشقىسىنىڭ تۇتۇپ قويىشى جائىزمۇ؟

جاۋاب: رامىزان روزىسىنى ئۆزۈر سەۋىبى بىلەن تۇتالمىغان كىشى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ قوبۇشقا بولمايدۇ. كېسەللىك سەۋەبتىن روزا تۇتالماستىن ئۆلگەن بولسا، تۇتالمىغان ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن نورمالدا بىر ئادەم تويغۇدەك يېمەكنى بىر پېقىرغا بېرىش ئارقىلىق كەففارەت ئۆتەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆلمىگەن بولسىمۇ روزا تۇتالمايدىغان ئېغىر كېسەللىك ھالىتىدە بولسا، قاراش كېرەك. ئەگەر ساقىيىشتىن ئۈمىد بولسا كەففارەت بېرىلمەيدۇ ئۇنىڭ ساقىيىشى كۈتىلىدۇ. ساقايغاندىن كېيىن تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنى بىركۈنگە بىركۈندىن تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ياكى كېسىلىنىڭ ئېغىر بولغانلىقى سەۋەبلىك ساقىيىشىدىن قەتئىي ئۈمىد بولمىغاندا، ئۇكىشىنىڭ تۇتالمىغان رامىزان روزىسى ئۈچۈن كەففارەت ئۆتىسە بولىدۇ. كەففارەت بىز باشتا ئېيتقاندەك، ھەر بىر كۈنگە بىر پېقىرنى تويغۇزۇش بىلەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇكىشى سۆزنى چۈشەنمەيدىغان ھالەتتە ئېغىر كېسەل بولسا روزا ئۇنىڭدىن كېچىكتۈرىلىدۇ. كەففارەتمۇ بەرمەيدۇ. ئەگەر ساقىيىپ قالسا قازاسىنى تۇتىدۇ. ساقايماستىن ئۆلسە جاۋابكارلىق كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ ھالەتتىكى كىشىگە روزا پەرز بولمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇنى كەچۈرىدۇ. كەففارەتمۇ كەلمەيدۇ.

3- سوئال: رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون ئۇلۇغمۇ ياكى زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى 10 كۈن ئۇلۇغمۇ؟

جاۋاب: ھەر ئىككىلا ئون كۈننىڭ پەزىلەتلىرى كۆپتۇر. ھەر ئىككى ئۇلۇغ كۈنلەردۇر. ئەمما بەزى ئۆلىمالار رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈن بىلەن زۇلھەججىنىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتىنى مۇنداق ئايرىپ بايان قىلغان. رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈن كېچىگە مەخسۇستۇر. يەنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلۇغلىقى شۇ ئون كۈننىڭ كېچىلىرىگە مەخسۇستۇر. ئەمما زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كۈندۈزلەرگە مەخسۇستۇر. دېمەك، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ كېچىلىرى، زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىنىڭ كۈندۈزلىرى پەزىلەتتە ۋە ئۇلۇغلۇقتا ئالاھىدە ۋاقىتلاردۇر.

4- سوئال: ئايال كىشى ھەيزدىن پاكلىنىپ رامىزان روزىسىنى تۇتۇشقا باشلىغاندىن بىر قانچە كۈن كېيىن ھەيزنىڭ قېنى قايتا كەلگەن بولسا بۇ ئايالنىڭ بۇرۇن پاكلىقىدا تۇتقان روزىسى ھېسابقا ئېلىنامدۇ؟

جاۋاب: ساقلىق ھالىتىدە تۇتقان روزىسى مەقبۇلدۇر. ئەمما قايتا ھەيز كېلىپ تۇتۇالمىغان روزىسىنى پاكلانغاندىن كېيىن باشقا بىر ۋاقىتتا تۇتۇپ ئادا قىلسا بولىدۇ. ئەگەر قان ئون بەش كۈندىن كۆپ داۋام قىلغان بولسا، ئۇ ھەيز ئەمەس، بەلكى ئۆزۈرنىڭ قېنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھالەتتە روزىسىنى تۇتىۋېرىدۇ. چۈنكى مۇنداق كەلگەن قان ھەيز ئەمەس، بەلكى باشقا بىر سەۋەبتىن كەلگەن قان بولىدۇ. شۇڭا ئۇنى روزا تۇتۇشتىن توسالمايدۇ.

دوكتور سالىھ ئىبنى فەۋزاننىڭ پەتىۋالىرىدىن

5- سوئال: بىراۋ بامداتقا ئەزان ئوقۇلىۋاتقاندا ئويغانغان بولسا بىر نەرسە يەۋالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: سوھۇر يېيىشنى توختىتىشنىڭ ۋاقتى قوياشنىڭ چىقىشىدۇر. ئەزان بىلەن كالېندار تاڭ ئاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قويۇلغان ئالامەتلەردۇر. ئاللاھ تائالا سوھۇردىن ئېغىزنى بېكىتىشنىڭ ۋاقتىنى تاڭ ئېتىشىغا بەلگىلىگەن. «تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار» (بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت).

بىراۋ ئەزان ئوقۇۋاتقاندىلا ئويغانغان بولسا، قاراش كېرەك. مۇئەززىننىڭ ئەزاننى ناماز ۋاقتىدىن ئازراق بۇرۇنراق ئوقۇيدىغان ئادىتى بولۇپ، تېخى تاڭ يورۇمىغان بولسا، تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەپ ئىچسە بولىدۇ. ئەگەر مۇئەززىن ئەزاننى ھەمىشە دەل ۋاقتىدا ئوقۇيدىغان بولسا، مۇئەززىننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يېيىش ۋە ئىچىشنى دەرھال توختىتىش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئەززىنى بىلال ئەزاننى بۇرۇنراق ئوقۇيتتى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا «بىلال ئەزاننى كېچىدە ئوقۇيدۇ. ئۇممۇ مەكتۇمنىڭ ئەزىنى چىققانغا قەدەر سىلەر يەپ ئىچىۋېرىڭلار» دېگەن. چۈنكى بىلال ئەزاننى ۋاقتىدىن بۇرۇن ئوقۇيتتى. ئەمما ئۇممۇ مەكتۇم ”تاڭ ئاتتى“ دېيىلگەن چاغدا ئوقۇيتتى. تېخى تاڭ يورۇمىغان بولسا، ئېغىز يېپىشنى كالېندار بىلەن ئەزاندىن بىر ئىككى مىنۇت كېچىكتۈرۈشنىڭ ھېچ ۋەقەسى يوق. ئەمما كۆپ كېچىكىشكە بولمايدۇ.

6- سوئال: روزا تۇتالمايدىغان ئۆزۈرلۈك كىشىنىڭ كەففارەتنى رامىزاندىن بۇرۇن بېرىشى جائىزمۇ؟

جاۋاب: روزا تۇتۇشقا قۇدرىتى يەتمەيدىغان كىشىنىڭ رامىزاندا تۇتالمايدىغان روزىلىرىنىڭ كەففارىتىنى رامىزان ئېيى كىرىشتىن بۇرۇن بېرىۋېتىشى جائىز بولغىنىدەك، بىر ئايلىق روزىنىڭ كەففارىتىنى توپلاپ بىرلا ۋاقىتتا بېرىۋېتىشىمۇ جائىزدۇر. شۇنىڭدەك، بىر ئايلىق تۇتالمىغان روزا ئۈچۈن ئوتتۇز پېقىرنى بىر ۋاخ تويغۇزۇش جائىز بولغىنىدەك، بىر پېقىرنى بىر ئاي بېقىشمۇ (يەنى كۈنىگە بىر ۋاخ تاماق بېرىشىمۇ) جائىزدۇر.

7- سوئال: مۇساپىر ئۈچۈن روزا تۇتۇش ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتماسلىقمۇ؟

جاۋاب: رامىزان ئېيىدا 90 كىلومېتىردىن كۆپرەك مۇساپىگە سەپەر قىلغان كىشى ئۈچۈن روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت بار. تۇتماسلىق تۇتقاندىن ئەۋزەل دەيدىغان قاراشمۇ بار. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ رۇخسىتىنى قوبۇل قىلىش ياخشى ئىشتۇر. ئەگەر روزا تۇتۇشتا قىيىنچىلىق تارتماسلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتقىنى ياخشى دەيدىغان فىقھىي قاراشلارمۇ بار.

خولاسە كالام، رامىزاندا مۇساپىرنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت بار. سەپەر مەيلى پىيادە بولسۇن، مەيلى ئايروپىلان بىلەن بولسۇن، مەيلى ئاپتومۇبىل بىلەن بولسۇن بۇ رۇخسەت كۈچگە ئىگىدۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدۇ. قىيىنچىلىق تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسە تۇتمىغىنى ياخشى. قىيىنچىلىق تارتماسلىقىغا ئىشەنسە تۇتقىنى ياخشى.

8- سوئال: رامىزاندا قان ئالدۇرسا روزا بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: كۆپ قان ئالدۇرسا روزا بۇزۇلىدۇ. ئەگەر ئانالىز ئۈچۈن ئاز مىقداردا قان ئېلىنسا روزا بۇزۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك، داۋالىنىش مەقسىتى بىلەن سېلىنغان ئۇكۇللار روزىنى بۇزمايدۇ. ئەمما غىزالىنىش ۋە كۈچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇكۇل سالدۇرۇش روزىنى بۇزىدۇ.

دوكتور ئابدۇراھمان جۇبەيرنىڭ پەتىۋالىرىدىن

9- سوئال: سۇ ئىچىپ تۇرۇشىنى دوختۇرلار تەۋسىيە قىلغان بۆرەك كېسىلى روزا تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ئىشەنچلىك مۇسۇلمان دوختۇر روزا تۇتۇشقا قادىر ئەمەسلىكىنى قارار قىلغان كېسەلنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت باردۇر. مۇنداق كىشى تۇتمىغان روزىسى ئۈچۈن كەففارەت بېرىدۇ ۋە ساقىيىپ قالسا تۇتالمىغان بۇ رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ.

10- سوئال: ئايال كىشى ئۆمرىگە ئېھرام باغلاپ كەلگەندىن كېيىن ئايلىق ئادىتى كېلىپ قالسا قانداق قىلىدۇ؟

جاۋاب: ئۆمرىگە ئېھرام باغلاپ ھەرەمگە بارغان ئايال ئادەت كۆرۈپ قالسا ئېھرام باغلىغاندىكى ئۆمرە نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. لېكىن كىيىمىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ. پاكلىنىپ بولماي يۇرتىغا قايتىدىغان بولۇپ قالسا، كېتىپ پاكلانغاندا قايتا كېلىپ كەبىنى تاۋاپ قىلىدۇ. ئەگەر ئارىلىقى ئۇزاق بولۇپ ھەرەمگە قايتا بارالمايدىغان بولسا، ئادەت كۆرگەن ۋ اقتىدا بىر قوي بوغۇزلاپ گۆشىدىن ئۆزى يېمەستىن پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىپ ئېھرامدىن چىقىدۇ.

11- سوئال: رامىزاندا ئۆمرە قىلسا ھەج قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ دېگەن ھەدىس بار. بۇ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئۆمرە قىلىشنى ئىپادىلەمدۇ ياكى پۈتۈن رامىزان ئۈچۈن ئومۇممۇ؟

جاۋاب: رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تاكى ئاخىرقى كۈنىگىچە بىر قېتىم ئۆمرە قىلغان كىشى خۇددى ھەج قىلغاننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ. بۇ ساۋاب رامىزان ئېىيىنىڭ ھەممىسىگە شامىلدۇر. رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قىستىلاڭغۇ تارتماسلىق ۋە باشقىلارنىمۇ قىستاپ ئازار قىلماسلىق نىيىتى بىلەن ئۆمرىنى رامىزاننىڭ بېشىدىلا قىلىۋەتسە ياخشىراق بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەتتە باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن قېچىش ۋە باشقىلارغا ئاسانلىق، راھەت، ھۇزۇر تىلەش مۇھىم ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا ساۋابنى ئەمەللەرگىلا ئەمەس، بەلكى نىيەتلەرگە قاراپ بېرىدۇ.

12- سوئال: كۆپىنچە مۇسۇلمانلار رامىزاندا شۇنداق ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىدۇ، ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنلايدۇ. ئەمما رامىزان چىقىپ كەتسە بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالىدۇ. بۇلارغا نېمە دەيمىز؟

جاۋاب: رامىزاندىن باشقا ئايلارنىڭ ھەممىسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئايلىرىدۇر. رامىزاندا قىلغان ئەمەللەرنى قوبۇل قىلغان زات باشقا ئايلاردىكىسىنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما رامىزان ئېيى بىر يىللىق تەربىيىلىنىش كۇرسى بولۇپ، ھەركىم ئۆزىنى ياخشى بىر رېمونت قىلىدۇ. كەمچىىلىكلىرىنى تۈزىتىدۇ. گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلايدۇ. شۇڭا بۇ ئايدا قىلىنغان ئەمەللەرگە كۆپ ساۋاب بېرىلىدۇ. ئەمما رامىزان كۇرسىدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئاينى تەربىيە خاراكتېرلىك ئاي قىلىپ بەلگىلىگەنلىكىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولى رامىزان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئارقىغا چېكىنمەستىن خۇددى رامىزاندىكىدەك گۇناھلاردىن يېراق، ئىبادەتلەردە ئالدىدا، ياخشى ئىشلاردا ئاكتىپ بولۇشتۇر, شۇنداق قىلغانلار تۇتقان روزىسىنىڭ پايدىسىنى كۆرگۈچىلەردۇر. ئەكسنچە قىلغانلار بىر ئاي روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، بەس. بىراق ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان پايدىلىرى، مول ھوسۇلى ۋە نەتىجىسىدىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ. مۇنداق كىشى خۇددى سۇغا كىرىپ بەدىنى ھۆل بولماستىن چىققان كىشىگە ئوخشايدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئابلېكىم تۇرسۇن.

ماقالىلەر سەھىپىسىگە قايتىش

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org