بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

زامانىمىزدىكى روزىغا ئالاقىدار داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى پەتىۋالار

دوكتۇر نايىف ئىبنى ئەھمەد ھەمدى

جىمى ھەمدۇسانالار يېگانە اﷲ قا خاستۇر. ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت ۋە سالاملار بولسۇن!

مەن دوكتور ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد خەلىلنىڭ «زامانىمىزدىكى روزىغا ئالاقىدار داۋالاش ئۇسۇللىرى» ناملىق كىتابىنى مۇتالىئە قىلىپ، ئۇنىڭ ناھايىتى پايدىلىق، ھازىرقى زامان تىببىي مەسىلىلىرىدىكى كېسەللەرنى ۋە بۇ كېسەللەرنىڭ روزىنى بۇزىدىغان ياكى بۇزمايدىغان تۈرلىرىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتىكى سوئاللارنىڭ كۆپلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، قىسقىچە خۇلاسىلەپ چىقتىم. اﷲ تائالا ئۇنىڭ بىلەن ھەممىمىزگە مەنپەئەت يەتكۈزگۈسى!

ئۇ مەسىلىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

زىققە كېسىلى پۈركۈگۈچى:

ئىبنى باز بىلەن ئىبنى ئۇسەيمىن (اﷲ تائالا ئۇ ئىككىسىگە رەھمەت قىلسۇن!) دىن ئىبارەت ئىككى ئالىم ۋە پەتىۋا بېرىش دائىمى ھەيئەت جەمئىيىتى: «بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى پۈركۈگۈچتىن چىققان گاز ئاشقازانغا كىرمەيدۇ، پەقەت نەپەس ئېلىش يوللىرىغا كىرىدۇ. بۇنى بۇرۇنغا سۇ ئېلىش ۋە مىسۋاك قىلىش مەسىلىلىرىگە قىياس قىلىشقا بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.

بىر قىسىم يۈرەك كېسەللىرىنى داۋالاش ئۈچۈن تىلنىڭ ئاستىغا قويىدىغان تابلىت:

بۇ تابلىتتىن ھېچ نەرسە قورساققا كىرمەيدۇ. شۇڭا ئۇ روزىنى بۇزمايدۇ.

ئاشقازان كامىراسى:

كۆپچىلىك ئۆلىمالار مۇنداق دەپ قارايدۇ: «كىمكى قورسىقىغا بىر نەرسە كىردۈرسە، گەرچە ئۇ غىزا ماددىسى بولمىسىمۇ، روزىسى بۇزۇلىدۇ». ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «روزا چىققان نەرسە بىلەن ئەمەس، پەقەت كىرگەن نەرسە بىلەن بۇزۇلىدۇ». ئىمام بەيھەقى رىۋايەت قىلغان (4 ـ جىلد، 261 ـ بەت). ئىمام نەۋەۋىي ۋە ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسكە ”ھەسەن دەرىجىسىدە“ دەپ باھا بەرگەن. مالىكى مەزھىبىنىڭ بەزى ئۆلىمالىرى ۋە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە: «ئاشقازانغا كىرگەن نەرسە تاماق ياكى ئىچىدىغان نەرسىلا بولمىسا روزىنى بۇزمايدۇ» دەپ قارىغان. ئۇستازىمىز ئىبنى ئۇسەيمىنمۇ (اﷲ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) مۇشۇ قاراشنى تاللاپ: «ئاشقازاننى تەكشۈرىدىغان كامىرا روزىنى بۇزمايدۇ. لېكىن كامىرانىڭ ئاشقازانغا كىرىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن كامىراغا ياغلىق غىزا ماددىسى سۈرتۈلسە، بۇ ۋاقىتتا روزىدارنىڭ روزىسى كامىرانىڭ كىرىشى بىلەن ئەمەس، شۇ ماددىنىڭ كىرىشى بىلەن بۇزۇلىدۇ. چۈنكى روزىنى پەقەت غىزالاندۇرغۇچى ماددا بۇزىدۇ» دېگەن. ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ ئۆلىمالىرىمۇ قورساققا كىرگەن نەرسىنىڭ قورساققا يەرلىشىشىنى، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنىڭ سىرتتا قالماسلىقىنى شەرت قىلغان. ھالبۇكى، ئاشقازاننى تەكشۈرىدىغان كامىرا قورساققا يەرلەشمەيدۇ، ئۇنىڭ بىر ئۇچى قورساقنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.

بۇرۇن تامچىسى:

ئىبنى باز بىلەن ئىبنى ئۇسەيمىن (اﷲ تائالا ئۇ ئىككىسىگە رەھمەت قىلسۇن!) دىن ئىبارەت ئىككى ئالىم: «بۇرۇن تامچىسى روزىنى بۇزىدۇ» دەپ قارىغان. ئەمما ئىبنى باز: «ئەگەر كېكىردەكتە بۇرۇن تامچىسىنىڭ تەمى سېزىلسە» دېگەننى؛ ئىبنى ئۇسەيمىن: «ئەگەر ئۇ تامچە ئاشقازانغا كىرىپ كەتسە» دېگەننى شەرت قىلغان. چۈنكى بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: «روزىدار ۋاقتىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا تاھارەت ئالساڭ، سۇنى بۇرنۇڭغا تولۇق ئالغىن!» بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان (142 ـ ھەدىس). ئىمام نەسائىمۇ رىۋايەت قىلغان (87 ـ ھەدىس). ئىبنى ھىببان بۇ ھەدىسنى لەقىت ئىبنى سەبىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى ئارقىلىق سەھىھلىگەن. ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن بەزىلىرى مۇنداق دەپ قارايدۇ: «ئۇ روزىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى ئۇ نە يېمەكلىك، نە ئىچىملىك، نە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىسى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، غارغار قىلغان سۇ قالدۇقلىرىغا بۇرۇن تامچىسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئاز نەرسە كىرىدۇ».

ئوكسىگىن گازى:

ئوكسىگىن گازى روزىنى بۇزمايدۇ. چۈنكى ئۇ نە يېمەكلىك، نە ئىچمەكلىك، نە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئوزۇقلۇق ئەمەس.

بۇرۇن پۈركۈگۈچى:

ئۇنىڭ ھۆكمى زىققە كېسىلى پۈركۈگۈچىنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاشتۇر.

ناركوز قىلىش:

ئۇ مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ: 1 ـ گاز ماددىسىنى بۇرۇنغا تۇتۇش ئارقىلىق ناركوز قىلىش بولۇپ، روزىنى بۇزمايدۇ. چۈنكى گاز ئۇچۇچان ماددا بولۇپ، قاتتىق ياكى سۇيۇق ماددىلارغا ئوخشىمايدۇ. 2 ـ يىڭنە بىلەن ناركوز قىلىش بولۇپ، قورساققا ھېچقانداق ماددىنىڭ كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن روزىنى بۇزمايدۇ. 3 ـ ئوكۇل بىلەن ناركوز قىلىش بولۇپ، ئەگەر مەلۇم جاي ناركوز قىلىنسا، قورساققا ھېچ نەرسىنىڭ كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن روزىنى بۇزمايدۇ. 4 ـ پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىش بولۇپ، بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ئىش مەيدانغا كېلىدۇ: بىرىنچى، ئەس ـ ھوشىنى يوقىتىش بولۇپ، بۇمۇ مۇنداق ئىككى ھالەتتە بولىدۇ: (1) پۈتۈن كۈن ئەس ـ ھوشىنى يوقىتىش بولۇپ، مالىكى، شافىئى ۋە ھەنبەلى قاتارلىق كۆپىنچە مەزھەبنىڭ ئۆلىمالىرى مۇنداق دەپ قارايدۇ: پۈتۈن كۈن ھوشىنى يوقاتقان كىشىنىڭ روزىسى ئادا تاپمايدۇ. چۈنكى بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: «روزىدار يېمىكىنى، ئىچمىكىنى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەرك ئېتىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ (1795 ـ ھەدىس)، يېمەك ـ ئىچمەكتىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن چەكلىنىش روزىدارغا قارىتىلغان. ئەمما ھوشىنى يوقاتقان كىشىگە بۇ سۆزلەرنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ. (2) پۈتۈن كۈن ئەمەس، بەلكى مەلۇم ۋاقىت ئەس ـ ھوشىنى يوقىتىش بولۇپ، ئىمام مالىك: «ئۇنىڭ روزىسى ئادا تاپمايدۇ» دەپ قارايدۇ. ئىمام شافىئى ۋە ئەھمەد: «ئۇنىڭ روزىسى ئادا تاپىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ، توغرا بولۇش ئېھتىمالىغا ئەڭ يېقىن قاراشتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ روزىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق. ئىككىنچى، بەزىدە ناركوز قىلىش ماددىسى بىلەن بىرگە غىزا ماددىسى بېرىلىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، گەرچە بىمار پۈتۈن كۈن ئەس ـ ھوشىنى يوقاتمىسىمۇ، روزىسى بۇزۇلىدۇ.

قۇلاق تامچىسى:

ئەگەر قۇلاق پەردىسىدە تۆشۈك بولمىغان ۋە ھېچ نەرسە قۇلاقتىن كېكىردەككە يەتمىگەن تەقدىردە، روزا ئادا تاپىدۇ. ئەگەر ئۇ تامچىنىڭ تەمى سېزىلگەن تەقدىردە (كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن) روزا بۇزۇلىدۇ.

قۇلاق تازىلاش سۇيۇقلۇقى:

بۇ دورىدا سۇ ئاساسىي قىسىمنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا قۇلاق پەردىسىدە تۆشۈك بولغان ۋە ئۇ سۇيۇقلۇق كېكىردەككە كىرىپ كەتكەن تەقدىردە (كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن) روزا بۇزۇلىدۇ. ئەمما كېكىردەككە ھېچ نەرسە كىرمىسە، روزا بۇزۇلمايدۇ.

كۆز تامچىسى:

ئىبنى باز ۋە ئىبنى ئۇسەيمىن: «كۆز تامچىسى روزىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى كۆز يېمەك ـ ئىچمەك ئۆتىدىغان جاي ئەمەس» دېگەن قاراشنى تاللىغان. ئۇ ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەبلىرىنىڭ سۈرمە ھەققىدىكى قارىشىدۇر. تېرە ياكى مۇسكۇل ئۈستىدىن ئۇرۇلىدىغان ئوكۇل: ئۇ ئىككىسى روزىنى بۇزمايدۇ. چۈنكى ئۇ نە يېمەك ـ ئىچمەك، نە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان نەرسە ئەمەس. ئىبنى باز ۋە ئۇسەيمىن (اﷲ تائالا ئۇ ئىككىسىگە رەھمەت قىلسۇن!) مۇشۇ قاراشنى تاللىغان.

تومۇردىن ئۇرۇلىدىغان غىزا ئوكۇلى:

ئۇ روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەر قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ يېمەك ـ ئىچمەكنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.

مەلھەم ۋە چاپلىنىدىغان دورىلار:

ئۇ روزىنى بۇزمايدۇ. چۈنكى ئۇ نە يېمەك ـ ئىچمەك، نە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان نەرسە ئەمەس.

قورساق كامىراسى:

ئۆتنى تازىلاش ياكى بەزى كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن بېقىنىدىن كىچىك بىر تۆشۈك ئېچىپ، كامىرا كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ مەسىلىنى قورساقتا ئوق تۇرۇپ قالغان يارىدارغا قىياس قىلىشقا بولىدۇ. مالىكى مەزھىبىنىڭ ئۆلىمالىرى: «ئۇ روزىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلار جىھادتا يارىلىناتتى. ئەگەر قورساقتا ئوق تۇرۇپ قېلىش روزىنى بۇزىۋېتىدىغان ئىش بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارغا بايان قىلىنغان بولاتتى» دەپ قارىغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەمۇ مۇشۇ قاراشنى تاللىغان.

بۆرەكنى تازىلاش:

ئۇستازىمىز ئىبنى باز (اﷲ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) مۇنۇ قاراشنى تاللىغان: «ئۇ روزىنى بۇزىدۇ، چۈنكى بۆرەكنى تازىلاش بەدەننى پاكىز قان بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئۇنى غىزا ماددىسى بىلەنمۇ ئوزۇقلاندۇرۇشى مۇمكىن. بۇ روزىنى بۇزىدىغان يەنە بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا، روزىنى بۇزىدىغان ئىككى ئامىل بىرلەشكەن بولىدۇ».

جىنسىي يولنى تازىلاش، ئالدى ـ ئارقا تەرەت يوللىرىغا دورا ئىشلىتىش ۋە جىنسىي يول كامىراسى:

مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرىنىڭ ئۆلىمالىرى: «ئەگەر خوتۇن كىشى جىنسىي يولىغا سۇيۇقلۇق تېمىتسا، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ» دەپ قارىغان. كىلىزما قىلىش: تۆت ئىمامدىن ئىبارەت كۆپچىلىك ئۆلىمالار: «ئۇ روزىنى بۇزىدۇ، چۈنكى ئۇ قورساققا كىرىدۇ» دەپ قارىغان. زاھىرى مەزھىبىنىڭ ئۆلىمالىرى: «ئۇ روزىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى كىلىزما قىلىش غىزالاندۇرمايدۇ، بەلكى بەدەندىكى نەرسىلەرنى تازىلايدۇ. مەسىلەن، سۈرگە دورىسىنى پۇرىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەمۇ مۇشۇ قاراشنى تاللىغان. ئىبنى ئۇسەيمىنمۇ مۇشۇ قاراشنى تاللاپ: «ئەگەر ئىشلىتىلگەن ماددا غىزا ماددىسى بولماستىن، داۋالاش ماددىسى بولسا، روزىنى بۇزمايدۇ» دېگەننى تەكىتلىگەن. ئالدى ـ ئارقا تەرەت يوللىرىغا دورا ئىشلىتىش: ئۇ روزىنى بۇزمايدۇ. ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن (اﷲ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) مۇشۇ قاراشنى تاللىغان. چۈنكى ئۇ داۋالاش ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدا نە سۇيۇقلۇق، نە يېمەك ـ ئىچمەك، نە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان نەرسە يوق. قان ئىئانە قىلىش: قان ئىئانە قىلىش ھىجامە قىلىشقا (يەنى بۇزۇق قاننى ئېلىشقا) قىياس قىلىنىدۇ. شۇڭا: «ئۇ روزىنى بۇزىدۇ» دېگۈچىلەرنىڭ قارىشىغا ئاساسەن، قان ئىئانە قىلىش بىلەنمۇ روزا بۇزۇلىدۇ. «ئۇ روزىنى بۇزمايدۇ» دېگۈچىلەرنىڭ قارىشىغا ئاساسەن، قان ئىئانە قىلىش بىلەنمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ. ئىبنى باز ۋە ئىبنى ئۇسەيمىن: «ئۇ روزىنى بۇزىدۇ» دېگەن قاراشنى تاللىغان.

تەكشۈرۈش ئۈچۈن قان ئېلىش:

ئۇ روزىنى بۇزمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاز ئېلىنىدۇ.

جىمى ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە پۈتۈن ساھابىلىرىگە رەھمەت ۋە سالاملار بولسۇن!

مۆمىنجان تەرجىمىسى

ماقالىلەر سەھىپىسىگە قايتىش

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org