ئەلى رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن ئىلىم ھەققىدە دۇردانىلەر
كىشىلەر ئەلى
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئىلىم ۋە مال ھەققىدە
نۇرغۇنلىغان سوئال سورىغان، ئۇنىڭ ئۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋاب
دۇردانىلىرى مۇنداق بولغان:
٭ئىلىم - مالدىن
ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئىلىم سېنى قوغدايدۇ، سەن مېلىڭنى قوغدايسەن.
٭ ئىلىم - سەرپ
قىلغىنىڭچە كۆپىيىدۇ ، ئەمما مال سەرپ قىلغانسېرى ئازىيىدۇ.
٭ ئىلىمنىڭ ھۆرمىتى
بىلەن دۈشمەنلىرىڭ ساڭا دوست بولسا، مېلىڭنىڭ سەۋەبى بىلەن دوستلىرىڭ
دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ.
٭ ئىلىم - ئىنساننى
دۇنياۋىي ھەۋەسلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ ئاخىرەت ھاياتىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ،
ئەمما مال سېنى ئاخىرەت غېمىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.
٭ ئىلىم - ئادەمنىڭ
ئۆلۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئىلكىدىن چىققىپ كەتمەيدۇ، ئەمما مال ئادەمنىڭ
ئۆلۈمى بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە بولمايدۇ.
٭ ئىلىم - ئۇنىڭ
ئىگىسىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۈكسەلدۈرىدىغان نۇردۇر، مال بولسا ئۇنىڭ
ساھابىنى ھەقىقىي مەرتىۋىدىن چۈشىرىدۇ.
٭ ئىلىمنىڭ كېلىش
مەنبەسى ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، ئەمما مالنىڭ كېلىش مەنبەسى تۇپراقتۇر.
٭ ئىلىم-
پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆيگەن نەرسىسىدۇر، ئەمما مال ، نەمرۇد، فىرئەۋن،
ھامان ۋە قارۇنلارنىڭ سۆيگەن نەرسىسىدۇر.
٭ ئىلىم - باشقىلار
تەرىپىدىن خىزمەت قىلىنغۇچىدۇر، مال باشقىلارغا خىزمەت قىلغۇچىدۇر.
٭ ئىلىم - روھنىڭ
غىزاسىدۇر، مال تەننىڭ غىزاسىدۇر.
قورقۇنچلۇق
پەيتلەردە ئىلىم ئىنسانغا دوستتۇر، مال بولسا سېنىڭ قورقۇشنى
ئارتۇرىدىغان نەرسىدۇر.
٭ ئىلىم- سەپەردە
ساڭا ھەمراھدۇر، مال بولسا سەپەردە ساڭا خەتەردۇر.
٭ ئىلىم - سېنىڭ ھەر
بالادىن قۇتۇلۇشىڭغا سەۋەپ بولىدۇ، ئەمما مال سېنىڭ يامانلار تەرىپىدىن
تۇتۇلىشىڭغا سەۋەب بولىدۇ.
٭ ئىلىم-
پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسىدۇر ، مال يۇلۇپ يىغقۇچىلارنىڭ مىراسىدۇر.
٭ قىيامەتتە ئىلىمگە
ھېساب كەلمەيدۇ، ئەمما مال ھالال يولدا ئىشلىتىلسە ھېسابى ، ھارام
يولدا ئىشلىتىلسە ئازابىغا تارتىلىدۇ.
٭ ئىلىم - ئىگىلىرى
ئاللاھنىڭ ئىزىن بېرىشى بىلەن باشقىلارغا شاپائەت قىلالايدۇ، ئەمما مال
ئىگىلىرى شاپائەت قىلىنىشتىن ئۈمىد قىلىنغۇچىلاردىن بولىدۇ.
٭ ئىلىم - بولسا
كۆڭۈلنى نۇرلاندۇرىدۇ، مال بولسا كۆڭۈلنى قارايتىپ قاتتىقلاشتۇرىدۇ.
٭ ئىلىم - بولسا
ئەھلىنى ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلدۇرىدۇ، مال بولسا ئەھلىنى ئاللاھقا
يوغانچىلىق قىلدۇرىدۇ.
ئىمام شافىئىنىڭ نەسىھەتلىرىدىن:
٭ ئىلىم-
ئۆگىتىشكە لايىق بولمىغانلارغا ئىلىم ئۆگىتىش ئىلىمگە زۇلۇم قىلغانلىق
بولسا ، ئۆگىتىشكە لايىق ئادەملەرگە ئۆگەتمەسلىك ئۇ ئادەمگە زۇلۇم
قىلغانلىق بولىدۇ.
٭
ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلماق تەستۇر، ھەممە ئادەمگە يارىغىدەك
بىر ئادەم بولماق بولسا مۇمكىن ئەمەستۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئاللاھنى
رازى قىلىش ئۈچۈنلا تىرىشىش ئەڭ توغرا ۋە ئاسان يولدۇر.
*
ئۇستازىمغا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن
قاخشاپ بەرسەم ئۇستازىم مېنى گۇناھ ئىشلاردىن يېراق تۇرۇشقا بويرىدى ۋە
: ئىلىم دېگەن بىر نۇردۇر، ئاللاھنىڭ نۇرى ئاسىي ئىسيانكار كىشىلەرگە
بېرىلمەيدۇ، دېدى.