بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

 بىدئەتتىن ساقلىنىش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن سۆز ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق سۈكۈتتە تۇرۇش ياكى رۇخسەت قىلىش ئارقىلىقمۇ يولغا قۇيۇلمىغان، ساھابىلاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقان دىنغا قوشۇلغان ياكى كېمەيتىۋىتىلگەن نەرسىلەر بىدئەت دېيىلىدۇ.دېمەك دىندا چەكلەنگەن بىدئەت بۇدۇر.

ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن قىلىنىشى ياكى قىلىنماسلىقى ھەققىدە بىرەر چەكلەش بولمىغان، كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ شەرئىي مەنپەئىتى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئادەتلەر بىدئەت ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى مۇئمىنلەرنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرۈلگەن نەرسىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىمۇ گۈزەلدۇر، قوبۇل قىلىنغۇچىدۇر، دېگەن. (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن يېڭى زامان تەرەققىياتىنىڭ تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىش بىدئەت ئەمەستۇر)

بىدئەتنىڭ بەزىسى كۇفۇرلۇقتۇر. بەزىلىرى كۇفۇرلۇق ئەمەس بەلكى ئازغۇنلۇق ۋە زالالەتتۇر شۇنداقلا ئەمەلدىكى چوڭ گۈناھلارنىڭ ھەممىسىدىن يەنى خاتالىشىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇشتىن ۋە زىنادىنمۇ چوڭ گۈناھتۇر.كۇفۇردىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ گۈناھ بىدئەت ئەمەللەرنى قىلماقتۇر. بۇنىڭ دەرىجىسى شۇنداقكى قىيامەت كۈنى ئېتىقادىي مەسەلىلەردىكى بىدئەتلەرنى قىلىپ سالغان گۈناھكارلارنىڭ ئۆزۈرسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

بىرەر نەرسىنىڭ سۈننەت ياكى ئۇنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكى ھەقىدە ئىككىلىنىپ قالغاندا ئۇ ئىشنى تەرك قىلىش لازىم. چۈنكى بىر بىدئەت ئىشنى قىلىش بىر سۈننەتنى تەرك ئېتىشتىن بەكرەك زىيانلىقتۇر.

بىرەر نەرسىنىڭ رۇخسەت قىلىنغان (مۇباھ) مۇ، بىدئەتمۇ ياكى مۇستەھەبمۇ ۋە ياكى بىدئەتمۇ دېگەن مەسىلىدە شۈبھىگە چۈشۈپ قالغاندا ئۇ ئىشنىمۇ تەرك ئېتىش لازىم.

ئەمما بىر ئەمەلنىڭ بىدئەت ياكى پەرز ئىكەنلىكى ھەقىدە ئىككىلىنىپ قالغاندا ئۇ ئەمەلنى قىلىش لازىم. چۈنكى شۈبھە سەۋەبى بىلەن پەرز ئەمەل تاشلاپ قويۇلسا پەرزنى تاشلىغانلىق بىدئەتنى تاشلىغانلىقتىن چوڭراق گۈناھ بولۇدىغانلىقى ئۈچۈن پەرز ئەمەلنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھەدىس شەرىپلەردە بىدئەتتىن ساقلىنىش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ھەدىسلەر كەلگەن:

«ئاللاھ تائالا بىدئەت ئىش قىلغۇچىنىڭ روزىسىنى، ھەجىنى، ئۆمرىسىنى، جىھادىنى، پەرز ۋە نەپلە ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. »

«دىنىمىزدە بولمىغان بىر نەرسە پەيدا قىلىنسا ئۇ رەت قىلىنىدۇ.»

«سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، ھىدايەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەدكە ئاتا قىلىنغان ھىدايەتتۇر، ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى دىندا كېيىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردۇر، ھەر بىر بىدئەت ھالاكەتتۇر.»

تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org