بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

دانالار خەزىنىسى


لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان ۋەسىيەتلىرى

bullet

تارىخنىڭ جاكارچىسى ئۆتمۈشتىن شۇنداق خەۋەرلەر بېرىدۇكى، مەشھور ھۆكۈما،

bullet

ئۆز زامانىسىنىڭ دانىشمەنى بولغان لوقمان ھەكىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا

bullet

ئوغلىغا مۇنداق ۋەسىيەتلەرنى قىلغان:

bullet

«ئى ئوغۇلچىقىم! اللەغا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر»(سۈرە لوقمان 13 ـ ئايەتتىن ئېلندى)

bullet

- ئى ئوغلۇم! ئۇلۇغلۇقنىڭ دەسمايىسى ئەقىل - پاراسەت ھەم ئەدەپ - ئەخلاققا ئىگە بولۇشتۇر، چۈنكى ئەقىل- پاراسەت، ئەدەپ - ئەخلاق ئىنسانغا ئەتراپلىق پىكىر قىلىش،دەل مۇۋاپىق سۆزلەش،ئىش- ھەركەتتە ئادىل بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىسلەتنى بەخىش ئېتىدۇ.

bullet

ھەر دائىم ئاتا- ئاناڭنى ئىززەتلە، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى قىلغىن. ئۇستازلىرىڭنى داۋاملىق ئەزىز كۆرگىن.

bullet

 ھەر قاچان دانىشمەنلەرنى ئۆزەڭگە دوست تۇتقىن. ياخشى ئىشلارغا جان - دىلىڭ بىلەن تىرىشقىن،كىرىشكىن.

bullet

ھەر قانداق ئىشلىرىڭنى دانالار بىلەن كېڭىشىپ قىلغىن.چۈنكى ئادەم ئۆزىدىن ئەقىللىقراق كىشىلەرنىڭ سۆزىگە ئۇنىمىقى لازىمدۇر.بولمىسا ئاخىرىدا پۇشايماندا قالىدۇ.

bullet

ئۇلۇغلارنىڭ سۆزىگە قولاق سال. پەرزەنتىڭگە ئىلىم - ئەخلاق ئۆگەتكىن.

bullet

ھەر قانداق ئىشتا ياخشىلىق ۋە نۇسرەت تاپاي دېسەڭ ھەمراھنى ياخشى تاللاپ تۇتقىن.

bullet

ھەر قاچان بىلىملىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلا. سورماستىن ئاۋۋال سەن سۆزلىمە.ئۇستازىڭ بار جايدا تىلىڭنى ھەم قولۇڭنى يىغ.بېشىم ئامان بولسۇن دېسەڭ تىلىڭنى چىڭ تۇت، بولمىسا تىلىڭ بېشىڭنى يۇنار.

bullet

يامانغا يولداش، نادانغا سىرداش بولما.ھەمىشە ھالىڭغا بېقىپ ئىش قىل.چىرايىڭنى ئوچۇق تۇتقىن. كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىل.خەلقىڭنىڭ قەدرىگە يەت. ئۆز ئىلىڭنى سۆي.

bullet

خەلقنىڭ بېشىغا بىرەر مۈشكىلات چۈشسە، سەن قولۇڭدىن كېلىدىغان بارىلىق چارە - ئامالىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىن.

bullet

كىشىلەرنىڭ كەينىدىن غەيۋەت- شىكايەت قىلما،ئۆزەڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرمە.ئاش - نان، ئوزۇقلۇق ئۆزەڭدە بار تورۇقلۇق، باشقىلارنىڭ مىننىتىنى ئىشتىدىغان قىلىقلارنى قىلمىغىن، مىننەتلىك تائام قورساقنى ئاغرىتىدۇ.

bullet

ھەر كىشىنىڭ ئۆيىگە كىرسەڭ تلىڭ بىلەن كۆزۇڭنى يىغىپ ئولتۇرغىن.ئاز سۆزلىمەك،ئاز يىمەك،ئاز ئۇخلىماق، ئاز ئولتۇرماقنى ئۆزەڭگە ئادەت قىل,بۇ،كۆڭۈللۈك ھايات كەچۈرۈشىڭگە پايدىلىقتۇر.

bullet

ھەر جايغا بارساڭ ئۆز ئورنىڭنى بىلىپ ئولتۇرغىن. ھەرگىزمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلما، ئاچچىقلىنىپ سۆزلىمە. كېچىدە سۆزلىسەڭ ئاستا سۆزلە، كۈندۈزلىرى سۆزلىسەڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە، بىپەرۋالىقتىن خىجالەتچىلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.

bullet

بېخىلدىن ھەرگىزمۇ ياخشىلىق كۈتمە.مويسىپىتلەرگە (ئۆزەڭدىن چوڭلارغا) بىھۆرمەتلىك، بەتقىلىقىلىق قىلما.

bullet

مېھماننى ئىشقا بۇيرىما،ھاجەتمەننى نائۈمىد قايتۇرما.

bullet

قىلىقى سەت ( بەتبەشىرە) ئېسىلدىن ۋاپا ئىزدىمە.مەست بىلەن دىۋانىغا نەسىھەت قىلما،ئۇلارغا نەسىىھەتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.

bullet

ھەر قانداق ۋاقىتتا پايدا - زىيان قوغلىشىپ، ئىززەت - ئابرويىڭنى تۆكمىگىن.

bullet

ۋەدەڭگە چوقۇم ۋاپا قىلغىن.رەقىبىڭگە ھەرگىزمۇ رەھىم ئەيلىمە.

bullet

مېھمانلارنىڭ ئالدىدا كىشىلەرگە زادى ئاچچىقلانما، سۆزلىرىڭنى ئاۋۋال كۆڭلۈڭدە ئوبدان پىشۇرۇپ،ئاندىن بايان قىلغىن.

bullet

ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى ئوبدان ئويلان، ئاندىن پۇختا قىل.بىلمىگەن ئىشقا ھەرگىزمۇ ئۇستاتلىق قىلمىغىن.

bullet

ياخشىنى قەدىرلە، ئەسكىنى خارلىغىن.خۇلقىڭنى تۈزەت.غاپىل بولما. پىتنە - پاساتتىن يىراق بول.دۈشمەننىڭ ھىلىسىدىن ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرغىن.ھارامغا قوشۇلما.ناھەق قان تۆكمە.ھەممە ئىشتا ئوتتۇرا ھال يول تۇتقىن.كۆرمىگەن نەرسىگە گۇۋالىق بەرمە.ئۇنداق قىلمىساڭ، بۇ دۇنيادا خىجالەتچىلىككە ئاخىرەتتە ئازاپقا بولۇقىسەن.دوستۇڭغا كىرەكلىك نەرسىنى ھەرگىز ئاياپ قالما.

bullet

بۇ دۇنيا بىر قونئالغۇ دەڭ، سەن ئۇنىڭدىكى بىر كارۋان.ئەگەر بەخت- سائادەتمەن بولاي دېسەڭ، نەسىھەتلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتۇپ بىجا كەلتۈرگەيسەن،ساڭا ئاسايىشلىق، ئامەت ئەبەدىي يار بولغاي.

تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org