بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

 

ئەھلى سۈننەتكە ئەگەشكەنلەرنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرى

 

1-پەيغەمبەرىمىزدىن قالسىلا ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەۋزەل كىشىلەرنىڭ ئەبۇ بەكرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈيئوغۇللىرى بولغان ئوسمان بىلەن ئەلىنى ياخشى كۆرمەك.

2- ھەرەم مەسجىدى بىلەن ئەقسا مەسجىدىنىڭ مۇبارەك مەسجىدلەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماق.

مەسە ئۈستىگە مەسھى قىلماق.

3- مەيلى سالىھ ئىنسان بولسۇن، مەيلى فاجىر ئىنسان بولسۇن مۇسۇلمانلا بولىدىكەن ئۇنىڭ مېيىت نامىزىنى قىلماق. ( بۇ يەردە دېيىلگەن فاجىر كىشىدىن ئېتىقادى ئەھلى سۈننەتلەردىن بولغان ئەمما، ئەمەل جەھەتتىن ئاسىيلىق ئىشلىرىنى قىلغانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.)

4- سالىھ ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇغاندەك فاجىر ئىمام (ئەمەلىدە گۇناھ ئۆتكۈزىدىغان) نىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش.

5- پالانچى جەننەت ئەھلى، پۇستانچى دوزاخ ئەھلى دېگەندەك پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان غەيب ئىش ھەققىدە سۆز ئاچماسلىق.

6- پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ گۇناھسىز بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەك.

7- مۇمىنلەرنىڭ مەڭگۈ جەننەتتە، كاپىرلارنىڭ مەڭگۈ دوزاختا قالىدىغانلىقىغا ئىشەنمەك.

8- ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى قەلبى بىلەن تەسدىق قىلماق ۋە تىلى بىلەن ئىقرار قىلماق.

9- ئاللاھ تائالانىڭ ھاۋادىسلىرىنىڭ ۋە سۈپەتلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەك.

قەبر ۋە ئاخىرەت ھاياتىغا ئىمان كەلتۈرمەك.

10- پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھ بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن گۇناھكارلارغا قىيامەتتە شاپائەت قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەك.

تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org