|
گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئون ئالامىتى
يۇسۇف
ئىبنى ئەسبات ھەزرەتلىرى گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئالامەتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك
رەتلەپ يازغان:
دوستلىرى بىلەن زىدىيەتلەشمەسلىك.
(ھەر يەردە، ھەر ئەھۋالدا ھەر كىشىگە) ئىنساپلىق مۇئامىلىدە بولماق.
قۇسۇر ئىزدىمەسلىك.
قۇسۇرلۇق ئىش ۋە نەرسىلەرگە يولۇققاندا ئۇنىڭغا قارىتا ئەڭ ياخشى
تەرەپتىن باھا بېرىشكە تىرىشماق.
قارشى تەرەپتىن ئۆزرى تىلەشكە ئادەتلەنمەك.
ئەزىيەتلەرگە بەرداشلىق بەرمەك.
ئۆز خاتالىقلىرىنى ئەيىبلىيەلەيدىغان بولۇش.
ئۆز كەمچىلىكلىرى ھەقىدە ئىزدىنىدىغان بولۇش.
باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدىمەسلىك.
چوڭ -كىچىك ھەممىسىگە ئوچۇق چىراي ۋە يۇمشاق سۆز بولۇش.
|