|
ھېكمەت ۋە نەسىھەتلەر
ئوسمان
رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:
«ئەڭ ئەقىللىق ئىنسان ئۆز- ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىغان، ئۆزىنى ياخشى
باشقۇرالىغان، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىغان، قەبرىنىڭ
قاراڭغۇلىقىدىن قۇتۇلماق ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نۇرىدىن پايدىلىنالىغان
ئىنساندۇر».
ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى:
ئىلىم، ئەڭ خەيرىلىك مىراستۇر.
ئەدەپ، ئەڭ خەيرىلىك ھۈنەردۇر.
تەقۋا، ئەڭ خەيرىلىك رىزىقتۇر.
ئىبادەت، ئەڭ خەيرىلىك سەرمايىدۇر.
سالىھ ئەمەل، ئەڭ خەيرىلىك قامۇستۇر.
گۈزەل ئەخلاق، ئەڭ خەيرىلىك دوستتۇر.
سىلىق- مۇلايىملىق، ئەڭ خەيرىلىك ۋەزىردۇر.
قانائەتچانلىق ئەڭ خەيرىلىك بايلىقتۇر.
ماسلىشىش، ئەڭ خەيرىلىك ياردەمچىدۇر.
ئۆلۈم، ئەڭ خەيرىلىك تەربىيىچىدۇر.
ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:
كىمدە ئاللاھنىڭ سۈننىتى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى ۋە ئەۋلىيالارنىڭ
سۈننىتى بولمىسا ئۇ ئادەمنىڭ قولىدا ھېچ نەرسە يوق، دېگەنلىكتۇر.
ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ سۈننىتى دېگەن نېمە؟ دەپ سورالغاندا ئۇ:
سىر ساقلاش، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىچۇ؟ دېگەندە، ئۇ:
كىشىلەرنى ياخشى باشقۇرۇشتۇر، دېدى. ئەۋلىيالارنىڭ سۈننىتىچۇ؟ دەپ
سورالغاندا ئۇ:
كىشىلەردىن كەلگەن ئازار- كۈلپەتلەرگە چىداش، دېدى.
بىر كىشى بەيازىد باستامى دېگەن ئالىمدىن: بۇنچىلىك يۇقىرى مەرتىۋىگە
قانداق قىلىپ ئېرىشتىڭىز؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئالىم:
ھەر يەردە ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى
ئويلىنىپ، ئەدەپكە رىئايە قىلىش بىلەن ئېرىشتىم، دەپ جاۋاب بەرگەن.
ھەدىسلەر
* پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمگە ئەمەل قىلسا، بىرىنچىدىن؛ بارلىق مۆمىنلەرنىڭ
كۆڭلى ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك بولۇپ ئۇنى مۇھتەرەم ۋە ئەزىز قىلىدۇ.
ئىككىنچىدىن؛ ئۇ فاسىق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.
ئۈچىنچىدىن؛ ئۇ كىشىنىڭ رىزقى كەڭرى بولىدۇ. تۆتىنچىدىن؛ ئۇ كىشى دىنغا
بەك ئىشىنىدىغان ۋە ئىشەنچلىك كىشىلەردىن بولىدۇ.
* مىسىرنىڭ ئەينى چاغدىكى پادىشاھى مىكاۋكىس پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ ئەۋەتكەن ئەلچىسىگە
جاۋابەن ئىسلامنى قوبۇل قىلماستىن بەلكى چىرايلىق رەت ئورنىدا بىر
مۇنچە سوۋغا سالام، ئىككى كېنىزەك ۋە بىر تىبىب ھەدىيە قىلىدۇ. بۇنىڭغا
قارىتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى مىكاۋىسكى، سېنىڭ ئاقىلانىلىكىڭ بۇ
نۆۋەت سېنى زىيانغا باشلاپ قويدى، دەيدۇ.
ئەۋەتىلگەن تىبىب مەدىنىدە ئىككى يىلغا يېقىن تۇرغاندىن كېيىن بىر كۈنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!
مەن كەلگەندىن بېرى ھېچكىم مېنىڭ ئالدىمغا داۋالانغىلى كېلىپ باقمىدى،
قىسقىسى داۋالىغىدەك كېسەلمۇ ئۇچراتمىدىم، دېدى. بۇنىڭغا جاۋابەن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«بىز قورسىقىمىز ئاچمىغىچە بىر نەرسە يېمەيمىز شۇنداقلا قورسىقىمىز
تويۇپ كەتمەستە داستىخاندىن تۇرۇپ كېتىمىز، سەن يۇرتىڭغا قايتساڭ،
بولىدۇ» دەپ ئۇنىڭ قايتىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدىسىدا ئاللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
بايان قىلغان:
«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛ بىر- بىرلىرىنى مېنىڭ ئۈچۈن ياخشى
كۆرگەنلەرگە، مېنىڭ رازىلىقمنى كۆزلەپ بىر يەرگە يىغىلغانلارغا، بىر-
بىرىنى مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن يوقلاپ تۇرغانلارغا ۋە مېنىڭ رازىلىقىم
ئۈچۈن ياخشىلىق قىلغانلارغا مېنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشۈم ۋاجىپ بولدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
ئىنسان ئۆزى ئىشلىگەن بىر گۇناھى سەۋەبى بىلەن رىزىقتىن مەھرۇم قالىدۇ.
(ئىبنى ماجە، سۇنەن)
* ئاخىرەتنىڭ ئوزۇقى
ئەبۇ زەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى كەبىنىڭ يېنىدا ئورنىدىن تۇرۇپ
كىشىلەرگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
ئى ئىنسانلار! سىلەردىن بىرىڭلار سەپەرگە ئاتلانسا يولدا يېگىدەك ۋە
بارغان يېرىگە يەتكۈزەلىگىدەك ئوزۇق- تۆلۈك ئېلىۋالامدۇ؟ شۇنداق،
ئېلىۋالىدۇ. دېمەك، ئاخىرەت سەپىرى دۇنيادىكى سەپەرلەردىن ئۇزاق
سەپەردۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، خۇددى سەپەرگە ئوزۇق- تۆلۈك
ھازىرلىغاندەك ئاخىرەت سەپىرىگىمۇ ئوزۇق- تۆلۈك ھازىرلىۋېلىڭلار.
كىشىلەر ئۇنىڭدىن: بۇ يولچىلىقتا ئەڭ يارىغىدەك ئوزۇق- تۆلۈك نېمە؟ دەپ
سوراشتى. ئەبۇ زەر:
بىرىنچى، سىلەرنى كۈتۈپ تۇرغان چوڭ پالاكەتلەردىن قۇتۇلماق ئۈچۈن ھەج
قىلىڭلار.
ئىككىنچى، قاتتىق ئىسسىق بولغان كۈنلىرى روزا تۇتۇڭلار.
ئۈچىنچى ، كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدىكى قەبرىنىڭ قاراڭغۇلىقىغا قارشى
يورۇقلۇق تېپىش ئۈچۈن نامازلارنى ۋاقتىدا ئوقۇڭلار، كېچىدە ھېچ
بولمىغاندا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇڭلار.
ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك بولغان بىر كۈننىڭ دەھشىتىگە بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن
يە ياخشى سۆز قىلىڭلار ياكى يامان گەپ قىلىشتىن يالتىيىپ قىلىڭلار. ئۇ
كۈندىكى مۈشكۈلچىلىكلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ماللىرىڭلاردىن زاكات ۋە
سەدىقىلەر بېرىڭلار.
*شىرازى مۇنداق دەيدۇ:
1- بىرى سېنىڭ يېنىڭدا باشقا بىرسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ماختىسا بىلگىنكى
باشقىسىنىڭ يېنىدا سېنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ.
2- بىلگىنكى، ساڭا باشقىسىنى يامانلاپ بەرسە سېنىمۇ باشقىسىغا
يامانلاپ بېرىدۇ.
3- مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم ئۆزى بىلەن مەشغۇل
بولۇپ باشقىلاردىن غاپىل قالغان ئادەمدۇر.
ئاتىلاردىن نەسىھەت:
ھېكمەت ئىگىسى بولغان زاتلاردىن بىرى ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتىدە مۇنداق
دېگەن: «ئى ئوغلۇم! سەن ئۆيدىن چىققاندا ھېلىمىنى ئالماستىن (يەنى
ناشتىلىق قىلماستىن ) چىقما، ئەتىگەندە ناشتىلىق قىلماسلىق كىشىنىڭ
سەپراسىنى ئاشۇرۇپ، جىلىخور قىلىپ قويىدۇ. چۈنكى ئىمام غەزالى بۇ ھەقتە
«كىمكى ياش ۋە ساغلام تۇرىمەن دېسە، ناشتىلىقىنى بالدۇر قىلىشى كېرەك»
دېگەن».
دېمەك، ھازىرقى زامان تىببىي ئىلىم ئادەم مېڭىسىنىڭ ئاسان
چارچايدىغان، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تېزدىن تۆۋەنلەپ كېتىدىغان
بولۇپ قېلىشىدا ناشتىلىق تاماقنىڭ نورمال ۋە ئىلمىي بولماسلىقىغا
مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.
تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦ |