بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

⇦ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى

ئى اﷲ ! شۇنى سورايمەنكى، سەن رەھمىتىڭ بىلەن قەلبىمنى ھىدايەت قىلغايسەن، ئىشىمنى تىرىپسىن قىلمىغايسەن، تارقاق ئىشلىرىمنى جەملىگەيسەن، ئۈمىد قىلغان ئىشلىرىمنى ئەپلەشتۈرگەيسەن، ئەمەلىمنى پاك قىلغايسەن، ئىشلىرىمنى توغرا يولغا سالغايسەن، دوستلىقىمنى قايتۇرغايسەن، مېنى ھەممە يامانلىقلاردىن ساقلىغايسەن. ئى اﷲ! مەن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆلۈمنى، شېھىتلەرچە ئۆلۈشنى، بەختىيار ياشاشنى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى تىلەيمەن!

ئەسسەلامۇ ئەللەينە مىن قىبەلى رەببىنە :

ئىلىمنىڭ ئەھمىيىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۆت نەرسىگە قاراش ساۋابتۇر ئۇلار؛ ئاتا – ئانىنىڭ يۈزىگە قاراش، كەبە مۇئەززىمگە، قۇرئانغا ۋە (ھەقىقىي) ئالىمغا. كىمكى بىر ئالىمنى زىيارەت قىلسا مېنى زىيارەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى بىر ئالىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە ئۇ خۇدى مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئالىم بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرسا مەن بىلەن ئولتۇرغاندەك بولىدۇ، دۇنيادا مەن بىلەن ئولتۇرغان (ئولتۇرغاندەك بولغان) كىشى ئاخىرەتە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئاللاھ ئۇنى مېنىڭ بىلەن بىرگە قىلىدۇ.»

 

ئىمام شافىئى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) دىن كىشىلەر مۇنداق سورايدۇ:

_ ئى ئىمام! سىزنىڭ ئىلىمگە قارىتا ئىشتىياقىڭىز قانداق؟

ئىمام شافىئى: بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان بىرەر كەلىمىنى ئاڭلىغىنىمدا بەدىنىمدىكى بارلىق ئەزالىرىم قۇلۇقىم ئارقىلىق ئىشىتكەن چاغدىكى لەززەتنى بىر تېتىپ بېقىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭمۇ قۇلاق بولۇپ قېلىشلىرىنى ئارزۇ قىلىشىپ كېتىدۇ.

_ سوئال: ئىلىمگە قارىتا ھېرىسمەنلىكىڭىز قانداق؟

ئىمام شافىئى: ناھايىتى كۆپ مال توپلاشقا ھېرىسمەن بىر بېخىلنىڭ قولىغا بىرەر مال كىرگەندىكى ھېرىسمەنلىكى ۋە سۆيىنىشىگە ئوخشاش.

_ سوئال: ئىلىمگە قارىتا تەمەيىڭىز قانداق؟

ئىمام شافىئى: دۇنيالىقتا پەقەت بىرلا پەرزەنتى بولغان بىر ئانىنىڭ ئۇ پەرزەنتىنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا تېپىۋېلىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىگە ئوخشاش.

 ⇦ ئەھمەت ئىبنى ھەنبەل ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن:

پەقەت ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ۋە سۈننەتنى ئۆگەنمەك ئۈچۈن بىخەتەرلىكى ئىشەنچلىك بولمىغان شام دىيارلىرىنى، دېڭىز ساھىللىرىنى، مەغرىبنى، جەزائىرنى، يەمەننى، ئىراقنىڭ ھەممە يېرىنى، ئىراننى، خۇراسان تاغلىرىنى، بوشلۇقى بىپايان كەتكەن يۇرتلارنى... ئايلاندىم، ئاخىردا ئىراققا قايتىپ كەلدىم. بەش قېتىم ھەج قىلدىم، بۇنىڭ ئۈچ قېتىمىنى پىيادە بېرىپ قىلدىم.

 

ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن

⇦ بىلىمسىز جاھىل ئادەم بىلمىگەن نەرسىسىدىن سوراشتىن خىجىل بولماسلىقى لازىم، ئالىم ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسىسىدىن سورالسا «ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر» دېيىشتىن ھايا قىلماسلىقى لازىم.

⇦ بىلىمنىڭ بۇلاقلىرى، كېچىنىڭ چىراقلىرى بولۇڭلار.

⇦ ماڭا بىلىمدىن بىر كەلىمە ئۆگەتكەن ئادەمنىڭ قۇلى بولۇشقا رازىمەن.

⇦ مال- دۇنيانىڭ قۇلى بولغان مەڭگۈلۈك بالادادۇر، ھەۋەسنىڭ قۇلى بولغان روھىي بېسىم ئىچىدەدۇر، قانائەتچان ئىنسان ھەقىقىي ھۆر ئىنساندۇر.

⇦ شۇ ئۈچ نەرسە ئىنساننى ھالاك قىلىدۇ؛ بېخىللىق، نەپسىگە بېرىلىش ۋە ئۆز- ئۆزىگە تەمەننا قويۇش.

⇦ شۇ ئۈچ نەرسە ياخشى كۆرۈلۈشكە ئېرىشتۈرىدۇ؛ تەقۋالىق، كەمتەرلىك ۋە مەرتلىك.

⇦ ئىنسانلار كۆرۈنىشتە باراۋەردۇر، ھەممىسىنىڭ ئاتىسى ئادەم، ئانىسى ھەۋۋادۇر، مەگەر ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئەسلى بىلەن پەخىرلەنمەكچى بولسا ئۇلار ئەسلى لاي ۋە سۇدىن تۆرەلگەندۇر.

⇦ پەزىلەت پەقەت ھەقىقىي ئالىملاردىلا بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار موھتاج بولغانلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

⇦ دۇنيا خۇددى يىلانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا تەگسەڭ يۇمشاق بىلىنىدۇ. ئەمما ئۆلتۈرگۈچى زەھەر ئۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. تەككەبۇر ۋە جاھىل ئىنسانلار ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ، ئەقىللىق ئادەملەر بولسا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرىدۇ.

ئۆزىنى ئالدىغان ئىنسان باشقىلارغا توغرا يول كۆرسىتەلمەيدۇ.

⇦ ئەمەلنى زىننەتلىگەن ئىلىم نېمىدېگەن چىرايلىق ئىلىم، ئېسىل خۇلۇق بىلەن زىننەتلەنگەن ئەمەل نېمىدېگەن ياخشى ئەمەل؟!

تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org