بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

 

ئىنسانغا خىزمەت قىلىش ساۋابتۇر

 

ئەھلى بەيت ئىماملىرىدىن بولغان ئىمام مۇھەممەد رىزا بىر كۈنى ھاممامغا يۇيىنغىلى بارىدۇ. ئۇ ئولتۇرۇپ يۇيىنىۋاتقاندا ئۇنى تونىمايدىغان بىر ئەسكەر ھاممامغا كىرىپ ئىمامغا: بېشىمغا سۇ قويۇپ بەرگىن يۇيىنىۋالاي، دەيدۇ، ھەزىرىتى ئىمام بۇ ئىمامنىڭ تەلىپىگە ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىغا سۇ تۆكۈپ بۇ ئەسكەرنىڭ يۇيىنىشىغا ياردەملىشىدۇ. ئارىدىن بىرئاز ئۆتۈپ ئىمامنى تونۇيدىغانلاردىن بىرى ھاممامغا كىرىپ بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ھامان ئەسكەرگە قاراپ: ئى ئەسكەر! سەن ئۆزەڭگە خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ ئادەمنىڭ ھەزىرىتى ئەلى بىلەن ھەزرىتى فاتىمەنىڭ نەۋرىلىدىن بولغان ئىمام ئەلى رىزا ئىكەنلىكىنى بىلمىدىڭمۇ؟ دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەسكەر دەرھال ھەزىرىتى ئەلى رىزانىڭ قولىغا ئېسىلىپ: ۋاي ئاللاھ! ئى ئىمام مېنىڭ بۇ ھۆرمەتسىزلىكىمنى كەچۈرۈڭ، ئۆزىڭىزنى نېمە ئۈچۈن تونۇتمىدىڭىز، نېمە ئۈچۈن ماڭا خىزمەت قىلدىڭىز؟ دەپ يىغلىغىنىچە ئۇنىڭدىن ئۆزۈر تىلەشكە باشلايدۇ. ھەزىرىتى ئىمام ئەلى رىزا ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ: ئوغلۇم، مەن قىلغان ئىشىمنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلدىم، ئىنسانغا خىزمەت قىلىش ساۋابتۇر، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلدىم، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

 

سېنى قىلىچلىرىمىز بىلەن چاناپ تاشلايمىز

 

ئالدىنقى قاتاردىكى ساھابىلاردىن بىرى بولغان ھۇزەيفە ئىبنى يەمەن بىر كۈنى خەلىپە ئۆمەرنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگىنىدە خەلىپە ئۆمەرنىڭ ناھايىتىمۇ چۈشكۈن بىر ھالەتتە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ئى مۆئمىنلەرنىڭ خەلىپىسى! سېنى بۇنچىلىك چۈشكۈن ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان نەرسە نېمە؟ دەپ سورايدۇ.

خەلىپە ئۆمەر: مەن كىشىلەرنىڭ مەندىن قورقۇشى ياكى ياكى ماڭا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى سەۋەبىدىن ئىچڭىلاردىن مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى توسقۇدەك بىرەرسىنىڭ چىقماي قىلىشىدىن ئەنسىرىۋاتىمەن، دېدى. ھۇزەيفە ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى، بىز ناۋادا سېنىڭ توغرا يولدىن، ئادالەتتىن ئايرىلغىنىڭنى كۆرسەك ئۇنىڭدىن سېنى توسايمىز، ئەگەر سەن يەنىلا ۋاز كەچمىسەڭ سېنى قېلىچلىرىمىز بىلەن چاناپ تاشلايمىز، دېدى. ھەزرىتى ئۆمەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خوش بولدىكى: ماڭا مەن يولدىن ئازغاندا مېنى توغرا يولغا قايتۇرغىدەك دوستلارنى بەرگەن ئاللاھقا ھەمدۇلار بولسۇن، دەپ ئۆز سۆيۈنىشلىرىنى بىلدۈردى.

تۈرۈكچىدىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى مۇنەۋۋەر نىياز ئۇيغۇرى.

تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org