|
❀
كىبىرنى داۋالاش ئۇسۇللىرى
❀
سائادەتكە
ئېلىپ بارىدىغان يەنى بەخت يولىنى توسايدىغان ياكى ئىنساننى جەننەتتىن
يىراقلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق بىر كېسەللىكنى داۋالاش پەرز ئەيندۇر. بۇ
كېسەللىكلەرنىڭ بىرى كىبىر كېسەللىكىدۇر. كىشىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن
يىراقلاشتۇرۇدىغان بۇ كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بولۇپ بۇ
يەردە بىز ئۇنىڭ ئىلىم ۋە ئەمەل بىلەن داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى يولنى
بايان قىلماقچىمىز.
ئەمەل بىلەن داۋالاش بولسا كۆپىنچە كىشىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك؛
كەمتەر، ئۆزىنى چوڭ تۇتمايدىغانلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆگىنىش يوللىرىدۇر.
ئەمما كىبىرنى ئىلىم بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟
بۇنىڭ ئۇسۇلى ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇش بىلەن بولىدۇ يەنى كىبىرلىنىشكە،
ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشقا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى
بىلىش بىلەن بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئۆزىنىڭ ئەسلىدە نەقەدەر ئەرزىمەس
نەرسىدىن يارىتىلغانلىقىنى بىلىش بىلەن بولىدۇ. بۇنداق تونۇش كىبىر
كېسەللىكىنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلاشقا يول ئاچىدۇ. ئاللاھ سۈرە
ئەبەسەدە مۇنداق دەيدۇ:
ئىنسانغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇ ئەجەب كاپىر بولدى!
اﷲ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟
اﷲ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغۇچە) اﷲ ئۇنى
بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىن - پەي ياراتتى.
ئاندىن ئۇنىڭغا (ماڭار) يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى.
ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇردى، ئۇنىڭغا (كۆمۈلىدىغان) قەبرىنى بەرپا
قىلدى.
ئاندىن اﷲ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ.
(سۈرە ئەبەسە 17 دىن 22- ئايىتىگىچە)
بۇ يەردە ئاللاھنىڭ :
اﷲ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟
دېگەن
ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى ئەڭ ئەرزىمەس نەرسىدىن
ياراتقانلىقىنى، ئىنسان يارىتىلىشتىن بۇرۇن يوق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ.
ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدا نە كۆرىدىغان كۆز، نە ئاڭلايدىغان
قۇلاق، نە ھېس تۇيغۇ، نە بەدەندىكى گۈزەللىك... قالىدۇ، دەيسەن. ئەگەر
ئۆلگەن جەسەت تېزدىن توپراققا كۆمۈلمەي قالسا سېسىق پۇراقلىق بىر تاپقا
ئايلىنىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىدىن بۇرۇنلىرىنى ئەتكەن پېتى قېچىپ
كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئوچۇقچىلىقتا قالغان جەسىتى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ
ئوزۇقى، تۇپراققا كۆمۈلگەنلەرنىڭ بولسا قۇرۇت قۇڭغۇزلارنىڭ ئوزۇقى
بولۇپ تۇپراققا ئايلىنىدۇ. جەسىتىمىز كۆمىلىدىغان توپراقنى بەرپا قىلىپ
بەرگەن ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھېكەت
قۇدرىتى بىلەن قايتا تىرىلدۈرىلىدۇ ۋە مەھشەرگاھتىن ئىبارەت ئاجايىپ
بىر دەھشەتلىك كۆرۈنۈشلۈك مەيدانغا ھازىر قىلىنىدۇ.
قىيامەتتە ئاسمانلار پارچىلىنىدۇ، تاغلار ئاتقان پاختىدەك توزۇپ
كېتىدۇ، ئاي بىلەن يۇلتۇزلار تۆكىلىدۇ، يەر يۈزىنىڭ شەكلى ئالمىشىپ بىز
بىلىدىغان بۇ شەكلىدىن ھېچنېمە قالمايدۇ، دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەر
ھازىر قىلىنىدۇ. نامە- ئەمەللەر يېزىلغان دەپتەرلەر ئېچىلىدۇ. ھەر بىر
ئادەمنىڭ دۇنيادە قىلغان ئەمەللىرى سورىلىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ دۇنيادا
قىلغان يامانلىقلىرى، سەت ئىشلىرى، گۇناھلىرى ئوقۇلىدۇ. ئۇلاردىن:
جاۋاب بەر، بۇ سۆزنى نېمە ئۈچۈن دېدىڭ؟ بۇ ئىشنى نېمە ئۈچۈن قىلدىڭ؟
بۇنى نېمە ئۈچۈن يېدىڭ؟ ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئىچتىڭ؟ نېمە ئۈچۈن قارىدىڭ؟
نېمە ئۈچۈن يىغلىدىڭ ۋە نېمە ئۈچۈن كۈلدۈڭ؟... دەپ ھېساب ئېلىنىدۇ.
بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمىگەنلەر دوزاخقا تاشلىنىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ
بەندە: كاشكى تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ، چۈنكى تۇپراق قۇتۇلدى ۋە مەن
بولسام ھېسابىمغا تۇتۇلدۇم، دەپ نادەمەت چېكىدۇ.
دېمەك ئى قېرىندىشىم! بۇ ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىنى بىلگەن بىر
ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا: مەن كىم؟ دەپ كىبىرلەنگىدەك ھالى قالارمۇ؟
ھېساب:
ئاخىرەتتە ھېساب باردۇر بىلىمەن،
زىيانكاردىن قىلما بىزنى ئى رەببىم،
زىيانكارغا غەزىپىڭ بار بىلىمەن،
ئوت ئىچىگە ئاتما بىزنى ئى رەببىم.
ئېبرەتلىك
ھېكايە
ھەر قوي ئۆز پاچىقىدىن ئېسىلىدۇ، ئەمما...
ھارۇن رەشىدنىڭ مەسلىھەتچىسى بەھلۇل، دېمەكچى بولغانلىرىنى ھېچكىمنى
ئاياپ ئولتارماي دەۋېرىدىغان، نەسىھەتلىرىنى ئۇدۇللا ئوچۇق
سۆزلەۋېرىدىغان شىجائەتلىك بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزى كۆرگەن ناتوغرا
ئىشلارنى يۈز خاتىرە قىلماستىن پەرۋاسىزلارچە ئەيىپلەشلىرىدىن بىئارام
بولۇشقان بىر قىسىم كىشىلەر خەلىپە ھارۇن رەشىدنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ:
ئى بادىشاھىم! بىزنىڭ قىلغان خاتا ئىشلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭغا نېمە زىيىنى
بار؟ ئۇ بىزنى ئۆز مەيلىمىزگە قويىۋەتسە بولمامدۇ؟ بەرىبىر ھەر بىر قوي
قاساپنىڭ كىنارىغا ئۆز پاچىقىدىن ئېسىلىدىغۇ؟ دېمەك ھەر بىرىمىز ئۆز
قىلمىشلىرىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب بېرىمىز ئەمەسمۇ... دېگەندەك
شىكايەتلەرنى قىلىشىپتۇ.
بۇنىڭ بىلەن خەلىپە ھارۇن رەشىد بەھلۇلنى ئوردىغا چاقىرتىپ ئۇنىڭغا
كىشىلەرنىڭ شىكايەتلىرىنى يەتكۈزۈپتۇ. بەھلۇل ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە
لام- جىم دېمەستىن ئوردىدىن چىقىپ كېتىپتۇ ۋە بىر قانچە قوي ئېلىپ
كېلىپ سويۇپ ئۇنى مەھەلىلەرنىڭ تەرەپ- تەرەپلىرىگە پاچىقىدىن ئېسىپ
قويۇپتۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرىنى كۆرگەن كىشىلەر:
ساراڭ دېگەن شۇنداق ئىشلارنى قىلماي قانداق قىلاتتى، ئۇ ھەمىشە
مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلارنى قىلىدۇ، دېيىشىپ مەسخىرە قىلىشىپتۇ.
ئەمما ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتە- ئۆتمەي ئېسىلغان قويلارنىڭ گۆشى
پۇراپ ئەتراپنى سېسىق پۇراق قاپلاشقا باشلاپتۇ، پۇراق چېدىغۇسىز ھالغا
كەلگەندە كىشىلەر يەنە خەلىپە ھارۇن رەشىدنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ بۇ
ئەھۋالدىن ئۇنى خەۋەردار قىلىپتۇ. خەلىپە ھارۇن رەشىد يەنە بەھلۇلنى
چاقىرتىپ نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلغانلىقىنى ئۇنىڭدىن سورىغاندا بەھلۇل:
ئى پادىشاھىم! مەن ئۆز پاچىقىدىن ئېسىلغان قويلارنىڭ كىشىلەرگە زەرەر
بەرمەي قالمايدىغانلىقىنى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ بۇ زىياندىن
زەرەرلىنىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن
شۇنداق قىلدىم، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ھېكايىدىن ئىبرەتلەر:
ھەر بىر ئادەم ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان، قىلىنىۋاتقان يامان ئىشلارنى:
مەن قىلمىغاندىكىن مەن بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ پەرۋاسىز يۈرسە ، ئۇنى
توسىمىسا، بۇ يامانلىقلار پۈتكۈل جەمىئەتنى چىرىتىدۇ، كۈنلەر ئۆتۈپ
ئۆزىمىز شۇ يامانلىقلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرى بولىمىز.
ئاللاھ بىزنى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىقلارغا باشلاشقا بۇيرىمىغانمۇ؟
ۋە بۇنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنىنىڭ پەقەتلا ئۆزىمىز ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى
ھەدىسلەربايان قىلمىغانمۇ؟
تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦ |