بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

·         بالىلارغا ئەخلاق ئۆگىتىش ھەققىدە كەلگەن ماقالىلار

 

لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى

لوقمان ئوغلىغا: ئى ئوغلۇم! ھېكمەتتىن نېمەگە يەتتىڭ؟ دېدى. ئوغلى: ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتسىز نەرسىگە ئاۋارە بولمايمەن، دېدى. لوقمان: ئى ئوغلۇم! باشقا بىر نەرسە قېلىپ قاپتۇ، ئالىملار بىلەن بىرگە ئولتۇرغىن، ئۇلارغا ئىككى تېزىڭ بىلەن قىستىلىپ يېقىنلاشقىن، شۈبھىسىزكى اﷲ خۇددى ئۆلۈك زېمىنى ئاسمان سۇلىرى بىلەن تىرىلدۈرگەندەك، ئۆلۈك قەلبلەرنى ھىممەت بىلەن تىرىلدۈرۈدۇ، ئى ئوغلۇم! ئىلىمنى مۇنداق ئۈچ ئىش ئۈچۈن ئۆگەنمە ۋە مۇنداق ئۈچ ئىش ئۈچۈن تەرك ئەتمە. يەنى ئىلىمنى كىبىرلىنىش، پەخىرلىنىش ۋە رىياكارلىق ئۈچۈن ئۆگەنمىگىنكى پەقەت ئۇنى ھەم زاھىدلىق قىلىش، كىشىلەردىن ھايا قىلىش ۋە جاھىل قىلىشقا رازى بولۇش بىلەنمۇ تەرك ئەتمە. ئى ئوغلۇم! ئالىملار بىلەن جىدەل قىلمىغىن، ئۇلار سېنى خارلاپ قويىدۇ ۋە سېنى رەد قىلىدۇ، ئەخمەقلەر بىلەن جېدەل قىلمىغىن، ئۇلار ساڭا جاھىلىق قىلىدۇ ۋە سېنى تىللايدۇ. سەن ئىلىمدە سەندىن ئۈستۈن بولغانلارغىمۇ، سەندىن تۆۋەن بولغانلارغىمۇ سەۋرى قىلغىن، ئالىملارغا ئۇلارغا سەۋر قىلالىغان، ئۇلار بىلەن بىللە بولغان، ئۇلاردىن ئېلىم ئېلىشتا ناھايىتى بەك ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولغانلارلا ئېرىشەلەيدۇ. ئى ئوغلۇم! ھېكمەت مىسكىن كىشىلەرنى پادىشاھلارنىڭ مەجلىسلىرىدە ئولتۇرغۇزغان.

يەھيا ئىبنى خالىد ئوغلىغا: ئىلىمنىڭ ھەرخىل تۈرلىرىدىن ئۆگىنىشىڭ كېرەك. ئىلىمسىزلىك ئىلىملىك ئىنسانىڭ دۈشمىنى، مەن سېنىڭ ئىلىملەردىن بىرەر ئىلىمنىڭ دۈشمىنى بولۇشىڭنى راۋا كۆرمەيمەن، دېدى. ئاندىن:

بول ئىلىملىك، ئىلىم ئال ئىلىم بىلەن ئالىيدۇرسەن.

 جاھىللىق دۈشمەندۈر ھەم، بىلگىنىدە ئامان قالۇرسەن.

دېگەن بېيتنى ئوقۇدى.

ئابدۇل مەلىك ئىبنى مەرۋان ئوغۇللىرىغا: ئى ئوغۇللىرىم! ئۆگىنىڭلار، ئەگەر سىلەر ئېسىلزادىلەر بولساڭلار بىر- بىرىڭلارنى ھىمايە قىلىسىلەر، ئەگەر ئۆم بولساڭلار ياشايسىلەر، دېگەن.

تارىختا ئەدىبلەر، يازغۇچىلار، ھېكمەت ئىگىلىرى ۋە ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئەۋلادلىرىغا بالىلىق چېغىدىن باشلاپلا ئىلىم- مەرىپەت ئىگىلەشكە نەسىھەت قىلىش ۋە ئۇلارغا يول كۆرسىتىشنى داۋام قىلىپ كەلدى. بىلىمنى سۆيۈش ۋە ئۇنى ئۆگىنىشكە ئىشتىياق باشلاش بالىنىڭ ۋۇجىدىدا مۇستەھكەم ئورنىغاندا بالا ئىلىم ئېلىش يولىغا ئۆزلىگىدىن ئاتلىنىدۇ. ھەم بۇ يولدا تارتقان جەۋرى جاپالارغىمۇ بەرداشلىق بېرىدۇ، ئاتا- ئانىنىڭ ھەيدەكچىلىكىسىز كېچىلىرىنى ئېلىم ئېلىش يولىدا تۈنەپ تاڭ ئاتقۇزۇدۇ.

بالىلارنىڭ نىيىتىنى خالىس قىلغان ھالدا قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن بىرەر بۆلۈم بولسىمۇ يادا ئېلىشى تەۋسىيە قىلىنىشى كېرەك

قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى يادا ئېلىشنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشتە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەقىقەتتۇر. شۈبھىسىزكى ئۇ ئىككىسى ئىلىملەرنىڭ نۇرى بولۇپ ئۇ ئەقىللەرنى يورىتىدۇ ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا بالا ئاز دېگەندە 30 پارە قۇرئاندىن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 30- پارە يەنى ئەمما پارىسىنى بولسىمۇ يادا ئېلىشى، ھەدىسلەردىن ئاز دېگەندىمۇ ئىمام نەۋەۋىينىڭ قىرىق ھەدىسىنى يادا قىلىشى لازىم.

تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org