بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

 

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ئوخشىۋېلىشى ھەققىدە

 

 ئىسلامغا ئىمان كەلتۈرمىگەن بارلىق كىشىلەرگە بولۇپمۇ يەھۇدىي ۋە خرىستئانلارغا ئوخشىۋېلىش ئىسلامدا ئوخشىۋېلىشتىن چەكلەنگەن ئىشلاردىندۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىزدىن باشقىلارغا ئوخشىۋالماقچى بولغانلار بىزدىن ئەمەستۇر. يەھۇدىي ۋە خرىستئانلارغا ئوخشىۋالماڭلار.» [ ئىمام تىرمىزى] 

يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىرەر قەۋمگە ئوخشاش بولماقچى بولسا ئۇمۇ شۇ قەۋمدىن سانىلىدۇ.» [ئىمام ئەبۇ داۋۇد]

دېمەك بۇ ھەدىس ئوخشىشنىڭ مۇسپەت ۋە مەنپىي تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. چۈنكى باشقىلارغا ئوخشاش بولماق دېمەك باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىغا ماسلاشقان ھالدا بىر ئىش قىلماق، دېگەنلىك بولۇپ بۇ ئىشلار بەلكىم ياخشىلىقتا، يامانلىقتا، گۇناھ ئىشلاردا، كۇپۇرلۇق ئىشلاردا، ئىمانغا ئالاقىدار ئىشلاردا بولۇشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىندۇر. بۇنداق بولغاندا بۇ ھەدىس شەرىپ كاپىرلارغا، پاسىقلارغا، گۇناھكار ئىنسانلارغا ئوخشىۋېلىشتىن توسقىنىغا ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى بارلىق ساھابە كىراملارغا، سالىھ ئىنسانلارغا ئوخشاشقا تىرىشىش تەشۋىق قىلىنىدىغان ئىشلاردىندۇر.

باشقىلارغا ئوخشىۋېلىشتىن چەكلەشتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «راھىپلارنىڭ كىيىملىرىگە ئوخشاش (غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ مەخسۇس كىيىملىرىنى) كىيىشتىن ساقلىنىڭلار. كىمكى ئۇلارنىڭ شەكىلىرىگە كىرسە ۋە ئۇلارغا ئوخشىماقچى بولسا مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەستۇر.» دېگەن ھەدىسىدۇر. [تەبرانى]  

ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈستۈمدە رەڭگى ساپ ـ سېرىق بىر كىيىمنى كۆردى ۋە ماڭا : «ئۇنى تاشلىۋەت، چۈنكى، (ئۇ رەڭ ۋە شەكلى ئېتىبارى بىلەن) كاپىرلارنىڭ كىيىمىدۇر» دېدى. [ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل]

دېمەك يۇقىرىقى ھەدىس شەرىپلەرنىڭ مەزمونىدىن بىر كىشىنىڭ ئىسلامدىن چىقىپ باشقا بىر مىللەتنىڭ دىنىغا كىرىش ئۈچۈن ئىسلامغا ۋە قۇرئانغا كاپىر بولۇشىنىڭ، ئىسلامنى ئىنكار قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ ئىسلامدىن باشقا بىر مىللەتكە ئوخشىماقچى بولۇشنىڭ  ئۆزىلا يېتەرلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ھەر ئىشتا، ھەر قىلىقتا مۇسۇلمانغا ئوخشاش بولۇشى شەرتتۇر.

تۈرۈكچىدىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى مۇنەۋۋەر نىياز ئۇيغۇرى.

تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org