|
نەسىھەتلەر
عَنْ سَعْدِ بْنِ أَبِيْ وَاقَّاصٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ
قَالَ أَنَّ رَجُلاً قَالَ: يَارسول الله أَوْصِيْنِيْ قَالَ: عَلَيْكَ
بِالأَيَاسِ مِمَّا فِيْ أَيْدِي النَّاسِ، وَإِيَّاكَ وَالطَّمَعُ
فَإِنَّهُ الفَقْرُ الحَاضِرُ، وَصَلِّ صَلاَتَكَ وَأَنْتَ مُوَدِّعٌ،
وَإِيَّاكَ وَمَا يُعْتَذَرُ مِنْهُ
(الجامع الصغير، المجلد الرابع، رقم الحديث: 5485)
تەرجىمىسى:
«كىشىلەرنىڭ قولىدا بولغان نەرسىلەردىن ئۈمىدسىز بول! (كىشىدىن بىر
نەرسە ئۈمىد قىلما) تەمەدىن ساقلان! چۈنكى تەمە نەخ بولغان
پېقىرلىقتۇر. ناماز ئوقۇغاندا ئاخىرقى ناماز دەپ تۇرۇپ ئوقۇ! (يەنى بۇ
مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئاخىرقى نامىزىم بولۇپ قېلىشى مۆمكىن، دەپ ئوقىغىن!
مۇنداق ئوقۇش ئىخلاس بىلەن ئوقۇشقا سەۋەب بولىدۇ.) ئارقىسىدىن ئەپۇ
سورىغىلى، ئۆزرە ئېيتقىلى سالىدىغان ئىشنى قىلىشتىن ساقلانغىن!»
رەسۇلۇللاھ
ھەزرەتلىرىنىڭ كىشىلەر قولىدا بولغان نەرسىلەردىن ئۈمىدسىز، ھاجەتسىز
بولۇشقا بۇيرىشى، تەمەدىن ساقلىنىشقا نەسىھەت قىلىشى بولسا، بۇ دۇنيا
ھاياتى بىر تالاش ـ تارتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇشۇ تالاش - تارتىش
مەيدانىدا ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈستۈن كېلىش ئۈچۈن، غالىپ بولۇش ئۈچۈن
تىرىشىش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەقىقەتتە غەيرەت
قىلىش، سەئى ھەرىكەت قىلىش، كىشىگە مۇھتاج بولماسلىق ئىسلامنىڭ روھى
بولۇپ، ساھابىلەر ۋە سەلەپلەرنىڭ زامانىسىدا كىشىنىڭ قول كۈچىگە قاراپ
تۇرىدىغان ۋە بىرىنىڭ ماڭلاي تەرى ۋە ئەمگىكى بىلەن تاپقان نەرسىسىگە
قولىنى سۇنىدىغان (تەمە قىلىدىغان، سەدىقىگە دۇئا قىلىدىغان) ئادەم
بولمايتتى.
ئەبۇ ھۇرەيرە ئۆزۇن
بىر ھەدىسىدە
«إِنَّ
إِخْوَانَنَا مِنْ الْمُهَاجِرِينَ كَانَ يَشْغَلُهُمْ الصَّفْقُ
بِالْأَسْوَاقِ وَإِنَّ إِخْوَانَنَا مِنْ الْأَنْصَارِ كَانَ
يَشْغَلُهُمْ الْعَمَلُ فِي أَمْوَالِهِمْ»....
(صحيح البخاري)
(مەككىدىن
كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز ئېلىم ـ سېتىم قىلاتتى، مەدىنىدىلىك
قېرىنداشلىرىمىز تېرىلغۇ ۋە چارۋا بېقىشقا ئىشلەيتتى، دېدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر
بىرى بىر خىل كەسپ ۋە ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۆز يېمىكىنى ئۆز قول
كۈچى بىلەن ھاسىل قىلاتتى.
بالىلىرىنى
ئائىلىلىرىنى تەمەدىن ھەم كىشىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇشتەك پەسكەشلىكتىن
ساقلايتتى. ئۆزى تاپقان پۇل ـ مالنى سوزۇلۇپ ياتقۇچى ھورۇنلارغا،
ئەسنەپ ئۆمۈر ئۆتكۈزگۈچى ئىشسىزلارغا خەجلەپ بېرىپ شۇنى ياخشى ئىش دەپ
تونۇش ۋە شۇ ئىشىغا ساۋاب ئۈمىد قىلىش ئادىتى ئەسر سائادەتتە
(ساھابىلەر زامانىسىدا) يوق ئىدى. بۇ ئىشلار بولسا ئىسلام دىنى
بالدۇرقى ساقلىقىدىن چىقىپ كېتىپ ئىسلام دۇنياسىدا ھورۇنخانىلار،
دۇئاخانىلار پەيدا قىلىنغاندىن، ئۇلى يوق خىيالىي گەپلەر
ئورۇنلاشقاندىن كېيىن كېڭەيگەن. بولمىسا ئىسلامنىڭ بىرىنچى نەسىھىتى
تىرىشىش، ئىشلەش، ھايات جېڭىدە ئۈستۈنلۈك ھاسىل قىلىش، كىشىنىڭ قولىغا
قاراپ تۇرۇشتەك بىچارىلىكتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. دۇنيادا بولغان
پۈتۈن بۇزۇقلۇقلارنىڭ ۋە نۇرغۇن كېسەلنىڭ سەۋەبى «ھورۇنلۇق، بىكار
تەلەپلىك» ئىكەنلىكى ئەخلاق ھەم تىببىي ئالىملار تەرىپىدىن
ئىسپاتلىنىدۇھەقىقەتتە پۇل ـ مالنى قولى بىلەن ئىشلەپ تېپىپ ئۇنى
مۇسۇلمان مىللىتىنىڭ پايدىسىغا ئىشلىتىش، ۋەقپىلەرنى، سەدىقىلەرنى يەپ
ـ ئىچىپ ياتقانغا قارىغاندا ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشتۇر.
ئاخىرقى زاماننىڭ
ئالامەتلىرى
ئاتا ـ ئانىلارنى
قاخشىتىش، مال ـ دۇنيانى ئاياللىرىغا ۋە دوست ـ بۇرادەرلىرىگە خەجلەپ
بېرىش ئاخىر زاماندا كۆپ بولىدىغان ئىشتۇر. بۇ ھەقتە ئەلى (اﷲ تائالا
ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ
ئۈممىتىم ئون بەش خىل ئىشنى قىلسا ئۈممىتىمگە بالا كېلىدۇ» دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار قايسى ئىشلار
دەپ سورالدى؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئولجىغا ئېلىنغان ماللار
(بايلار ئارىسىدا) قولدىن قولغا ئۆتۈشۈپ تۇرۇلىدىغان بايلىق قىلىنسا،
ئامانەت ئولجا دەپ بىلىنسە، زاكات (مالغا كەلگەن) بىر ئالۋاڭ ـ سېلىغ
دەپ قارالسا، ئەر ئايالىغا بويسۇنسا، ئانىسىنى قاخشاتسا، دوستىغا
ياخشىلىق قىلسا، ئاتىسىغا قوپاللىق قىلسا، مەسچىتلەردە ئاۋازلار
كۆتۈرۈلسە، بىر مىللەتنىڭ باشلىقى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ پەسكەش
ئادىمىدىن بولسا، بىرەر ئادەمگە ئۇنىڭ يامانلىقىدىن قورقۇپ ھۆرمەت
قىلىنسا، ھاراق ئېچىلسە، يېپەك كىيىلسە، (ئويۇن ـ تاماششا قىلىش ئۈچۈن)
ناخشىچىلار ۋە چالغۇ ـ ئەسۋابلار تەيىن قىلىنسا ۋە بۇ ئۈممەتنىڭ
كېيىنكىللىرى بۇرۇنقىللىرىغا لەنەت ئوقۇسا، ئۈممىتىم قېزىل شامال بىلەن
يەر يۇتۇشنى ياكى سۈرىتى ئۆزگەرتىلىپ كېتىش بىلەن تاش يېغىشنى كۆتۈپ
تۇرسۇن» دېدى.( ) بۇ مەزمۇن «فىھقى ئىلمى» كىتابىدىن ئېلىندى. |