بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيىنچىلىق، خاپىلىق ۋە غەم- ئەندىشىلەرنى داۋالاش ئۇسۇلى

«سەھىھ بۇخارى» ۋە «سەھىھ مۇسلىم» دا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامگە خاپىلىق ياكى قىيىنچىلىق يەتكەندە مۇنداق دەيتتى: «ئۇلۇغ، مەرھەمەتلىك بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئاسمان – زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئۇلۇغ ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، يەتتە قات ئاسماننىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئۇ - زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئۇلۇغ ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر».

ــــ [بۇخارى 11/122، مۇسلىم 2730]

‹تىرمىزى› دا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئىش ئېغىر كەلسە مۇنداق دەيتتى: «ئەي مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان تىرىك زات! بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي باشقۇرىدىغان زات! رەھمىتىڭگە يېلىنىپ، ياردەم سورايمەن». [3522]

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر ئىشقا يولۇقسا ئاسمانغا قاراپ مۇنداق دەيتتى: «بۈيۈك اﷲ پاك – مۇنەززەھتۇر»، قاتتىق دۇئا قىلغاندا: «ئەي مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان تىرىك زات! بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي باشقۇرىدىغان زات!» دەيتتى. [تىرمىزى 3432]

‹ئەبۇ داۋۇد› دا ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: قىيىنچىلىقنىڭ دۇئاسى: «ئى اﷲ! رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، بىردەممۇ مېنى نەپسىمنىڭ مەيلىگە قويىۋەتمىگىن، مېنىڭ ئىشىمنىڭ ھەممىسىنى تۈزەتكىن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر». [5090]

ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: سىزگە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئوقۇيدىغان سۆزلەرنى ئۆگۈتۈپ قويايمۇ؟: ”مېنىڭ پەرۋەردىگارىم اﷲ دۇر، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن“». يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇنى يەتتە قېتىم ئوقۇڭ» دېگەن.

ــــ [ئەبۇ داۋۇد 1525]

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر ئادەمگە غەم- ئەندىشە يەتسە، ئاندىن: «ئەي اﷲ ! شۈبھېسىزكى مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، سېنىڭ بەندەڭنىڭ ئوغلىمەن، سېنىڭ ئايال بەندەڭنىڭ ئوغلىمەن، مېنىڭ كوكۇلام سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر، سېنىڭ مېنىڭ ھەققىمدىكى ھۆكىمىڭ ئىجرا بولغۇچىدۇر، مېنىڭ توغرامدىكى تەقدىرىڭ ئادىلدۇر، سەن ئۆزۈڭنى ئاتىغان، ياكى كىتابىڭدا نازىل قىلغان ياكى سېنىڭ ياراتقانلىرىڭدىن بىرەر نەرسىگە بىلدۈرگەن ياكى ئۇنى دەرگاھىڭدىكى غەيب ئىلمىڭغا خاس قىلغان ھەر بىر ئىسمىڭنىڭ ھۆرمىتى بىلەن سورايمەنكى: قۇرئاننى قەلبىمنىڭ باھارى، كۆكرىكىمنىڭ نۇرى ۋە بېشىمدىكى غەم – قايغۇنى كۆتىرىۋېتىدىغان يورۇقلۇق قىلغايسەن» دېسە اﷲ ئۇ ئادەمنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى يوقىتىدۇ ۋە خوشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

ــــ [مۇسنىدى ئەھمەد 1/394]

‹تىرمىزى› دا سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يۇنۇس ئەلەيھىسسالام كىت ئىچىدە تۇرۇپ بۇ دۇئانى ئوقۇغان: «ئى پەرۋەردىگارىم! سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، سەن پاك – مۇنەززەھتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆز نەپسىمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم ئەگەر مۇسۇلمان ئادەم بۇ دۇئانى قىلسىلا، اﷲ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە پەيغەمبىرمىز: «قىيىنچىلىققا يولۇققان ئادەم بۇرادىرىم يۇنۇس (ئەلەيھىسسالام) قىلغان دۇئانى ئوقۇسىلا، ئاللاھ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىل قىلىپ بېرىدۇ» دېگەن. [3500]

‹ئەبۇ داۋۇد› دا ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مەسجىدكە كىرسە بىر ساھابى (ئۇنىڭ ئىسمى ئەبۇ ئۇمامە) تۇرۇپتۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەي ئەبۇ ئۇمامە! ناماز ۋاقتى ئەمەس بىر چاغدا مەسجىدكە كىرىپسەنغۇ؟ دىۋېدى، ئۇ كىشى: ئەي اﷲ نىڭ ئەلچىسى! قەرزنىڭ غېمى مېنى مەسجىددە ئولتۇرغۇزدى دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن ساڭا شۇنداق بىر سۆزنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟ ئۇ سۆزلەرنى ئوقۇساڭ، اﷲ سېنىڭ غەملىرىڭىزنى كەتكۈزۈپ، قەرزلىرىڭنى ئادا قىلىپ بېرىدۇ» دېدى. ئۇ كىشى ماقۇل! دىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەتىسى- ئاخشىمى مۇنۇ دۇئانى كۆپ ئۇقۇ، دىدى: ««ئەي اﷲ ساڭا سېغىنىپ، غەم – قايغۇدىن، ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، بېخىللىقتىن، قەرزنىڭ بېسىۋېلىشىدىن ۋە كىشىلەرنىڭ خورلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»، ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: شۇنداق قىلىۋىدىم، ئاللاھ مېنىڭ غېمىمنى يوقىتىپ، قەرزىمنى ئادا قىلىپ بەردى. [1555]

‹ئەبۇداۋۇد› دا ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتقان ئادەمنىڭ ھەرقانداق غېمىنى اﷲ يەڭگىل قىلىدۇ. قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ ئادەمگە ئويلىمىغان يەردىن رىزقى ئاتا قىلىدۇ. [1518]

‹مۇسنەدى ئەھمەد› دە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيىنچىلىققا يولۇقسا نامازغا تۇتۇش قىلاتتى دېيىلگەن. اﷲ تائالامۇ مۇنداق دەيدۇ: ]ناماز بىلەن، سەبرى بىلەن ياردەم تەلەپ قىلىڭلار[

ــــ [سۆرە ‹بەقەرە› 45- ئايەت]

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىھاد جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن بىر ئىشىك. اﷲ ئۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى غەم- ئەندىشىدىن خالاس قىلىدۇ.»

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «غەم- ئەندىشىسى كۆپ بولۇپ كەتكەن ئادەم: ”اﷲ نىڭ مەدىتى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، اﷲ غا يۈلىنىشتىن باشقا ھېچقانداق ئامالىمىز يوق“ نى كۆپ ئوقۇسۇن.»

‹بۇخارى› ۋە ‹مۇسلىم› دا: ئۇ (يۇقىرقى دۇئا) جەننەت بايلىقلىرىدىن بىر بايلىق، دېيىلگەن. [بۇخارى 11/180، مۇسلىم 2704]

 ‹تىرمىزى› دا: جەننەت ئېشىكلىرىدىن بىر ئېشىك، دېيىلگەن. [3576]

تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org