تەپەككۇر مېۋىلىرى
ئاتا- ئانىلار توغرىسىدا:
ئاتا ئۆز پەرزەنتىنى
ساغلام، ياراملىق قىلىپ قاتارغا قوشقۇچى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۆز
نۆۋىتىدە ئۇلارغا نىسپەتەن تارىخ ۋە دۇنيادىن توغرا، مۇكەممەل خۇلاسە
چىقىرىپ، ئەقىل ۋە ھېكمەت ئاتا قىلغۇچى يېتۈك دانىشمەن بولۇشى زۆرۈر.
ئاتا بولغۇچى شۇ چاغدىلا ئائىلە ۋە پەرزەنتلەر ئالدىدا ئەمەس، بەلكى
تارىخ ۋە دۇنيا ئالدىدا لايەقەتلىك ئاتا بولغان بولىدۇ.
ئاتىلار ئاتىلىق بۇرچىنى،
ئانىلار ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي تۇرۇپ بالىلىرىدىن مېھىر-
ۋاپا تىلەش خۇددى قۇلاقنى ئېتىۋىلىپ قۇڭغۇراق ئوغرىلىغاندەكلا بىر ئىش.
بالىلارنى ھەدىدىن
زىيادە ئەركىلىتىپ باقساڭ، چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا قاپاقمۇ تۈرەلمەيدىغان
ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسەن.
ئاتىنىڭ قەھرى بالا
ئۈچۈن مېھرىبانلىق، ئانىنىڭ سەۋرى بالا ئۈچۈن دۈشمەنلىك.
ئاتىنىڭ دۇئاسى ئوغۇلغا
كۈچ- قۇۋۋەت بەرسە، ئانىنىڭ دۇئاسى ئەقىل پاراسەت بېرىدۇ.
بالاڭ ئۈچۈن تەر تۆكۈشىڭ
ئاتىلىق بۇرچۇڭ، خەلقىڭ ئۈچۈن تەر تۆكۈشىڭ ئالىملىق بۇرچۇڭ.
ئاناڭغا ئالايساڭ
بالاڭدىن مۇشت يەيسەن.
ئانىلىرى بۇزۇلغان
مىللەتنىڭ ئەۋلادى سەرسان، ئاتىلىرى بۇزۇلغان مىللەتنىڭ ئۆزى ۋەيران
بولىدۇ.
بۇۋام شۇنداق دەيدۇ:
ئەگەر رەقىبىڭ ئۈستۈدىن غالىپ كېلىشنى ئىستىسەڭ ئۇنىڭ
ئارتۇقچىلىقلىرىنى تولۇق ئىگەلەپ ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشكە تىرىش. چۈنكى
پىچاقلىق دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن چوقۇم سەندە قېلىچ بولۇشى كېرەك.
تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦