بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

 

دۇنيادا زاھىد بولۇش

 عَنْ ابْنِ عُمَرَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ قَالَ رسول الله صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: اَلزُّهْدُ فِيْ الدُّنْيَا يُرِيْحُ القَلْبَ وَالبَدَنَ وَالرِّغْبَةَ فِيْهَا تُكَثِّرُ الهَمَّ وَالحَزْنَ وَالبِطَالَةُ تُقْسِيْ القَلْبَ. (كشف الخفاء، رقم الحديث: 1425)

«دۇنيادا زاھىد بولۇش (دۇنيانى ئارتۇقچە ياخشى كۆرمەسلىك) بەدەنگىمۇ، كۆڭۈلگىمۇ راھەت بېرىدۇ. دۇنياغا ناھايىتى قىزىقىش بولسا قايغۇنى ۋە ھەسرەتنى زىيادە قىلىدۇ. ھورۇن، بىكار تەلەپلىككە ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن كۆڭۈلنى قارىلاشتۇرىدۇ».

زاھىد بولۇش دېگەنلىك: مال ـ مۈلك يوق، مىسكىن، مەنسىپى يوق ۋە ئابرۇيى يوق بولۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى دۇنياغا قىزىقىپ كەتمەسلىك، دۇنيالىق ئىشى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدىشىگە توسالغۇ، بولماسلىقى لازىم دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭدىن بىر چوڭ باينىڭ ۋە كاتتا مەنسەپدارنىڭ زاھىد بولۇشى مۇمكىن ۋە بىر مىسكىننىڭ ياكى قەدرى ـ قىممىتى يوق كىشىنىڭ زاھىد بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىمگە سىرتىدىن قاراپ زاھىدلىقىنى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش قىيىن. شۇنداق بولسىمۇ تاشقىرى ئالامەتلەرگە قاراپ ھەر كىم ئۆزى توغرىلىق بىر خىل ئويلاشقا ھەققى بار. ئۇ ئالامەتلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر:

1 ـ دۇنيالىققا ئائىت بىرەر نەرسىنىڭ ئۆزىدە بولغانلىقىغا خوش بولماسلىق، بولمىغىنىغا ئىچى پۇشماسلىق.

2 ـ ئۆزىنى ماختىغۇچىلار بىلەن يامان گېپىنى قىلغۇچىلارنى ئوخشاش كۆرۈش.

3 ـ ئاللاھ تائالاغا مۇھەببەتلىك بولۇش ۋە ھېچ بىر غەرەزسىز ئىبادەت قىلىشتىن لەززەتلىنىشتۇر.

دۇنيانى ياخشى كۆرۈش ۋە دۇنيانىڭ ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ غەم - قايغۇ ۋە ھەسرەتنى ئاشۇرىشىدا شەك يوق. بۇنى ھەركىم ئۆز تەجرىبىسى بىلەنمۇ بىلىشى مۇمكىن.

ھورۇنلۇق: ۋاقىتنى، پۇرسەتنى بىكارغا بۇزۇش دېگەنلىكتۇر. پۇل ـ مالنى ئىسراپ قىلىش بۇزۇق ئىش بولسا، ۋاقىتنى، پۇرسەتنى ئىسراپ قىلىش تېخىمۇ بەكرەك بۇزۇق ئىش بولىدۇ.

پۇل ـ مالنى تېپىش مۇمكىن. ئەمما يوقالغان ۋاقىتنى، يوقالغان پۇرسەتنى ئارقىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىش مۇمكىن ئەمەس. دۇنيادا ناھايىتى پۇشمان كەلتۈرىدغان سۆز ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى دېگەن سۆزدۇر. ئىنسانلار مال ـ مۈلكىدىن قىيامەت كۈنى ھېساب بەرگەندەك، ۋاقىتنىڭمۇ ھىسابىنى بېرىدۇ. ئىسلام ئالىملىرى يېزىپ چىققان ئەخلاق كىتابلىرى ئاز تاماق يېيىشنى، ئاز ئۇخلاشنى تاپىلايدۇ. ئەلۋەتتە ئاز يېيىش ۋە ئاز ئۇخلاشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ (ئېھتىياجىغا چۇشلۇق بولغان شەرت بىلەن). شۇ پايدىلارنىڭ بىرسى «ۋاقىت» نىڭ كۆپىيىشىدۇر.

ۋاقىت كۆپ بولسا ئاخىرەتلىك ئوزۇق تەييارلاشقىمۇ، بۇ دۇنيالىق تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى تەييارلاشقىمۇ يېتىدۇ. ھەر قايسىسىدىن تېگىشلىك ھەسسە ئېلىش مۇمكىن بولىدۇ.

خەلقلەر ئۆمرىنىڭ قىسقىلىقىدىن زارلىنىدۇ. نەتىجىلىك ئىش قىلىۋالمىغىنى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدۇ. بۇ زارلىنىش ۋە ھەسرەتلىنىش ئورۇنلۇق ئەمەس. ۋاقىت ناھايىتى كۆپ، ئۆمۈر ناھايىتى ئۆزۇن، لېكىن ۋاقىتنى، ئۆمۈرنى بىز پايدىسى يوق، مەنىسى يوق ئىشلارغا ئىشلىتىمىز. ئەگەر ئىشلىتىشنى بىلىپ ئىشلەتسەك ئىدۇق، ۋاقىتنىڭ كەڭرى ۋە ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇنلىقىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندەك بىلەتتۇق.

توغرا، ئۈنۈملۈك ئىشلەش، ئەقىل ۋە بەدەن خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش جاپاسىز ئىش ئەمەس. لېكىن ھەر ھالدا ھورۇنلۇق، بىكار چىلىق ۋە ئىشسىزلىق جاپاسىغا ۋە ھورۇنلۇقنىڭ ئارقىسىدىن كېلىدىغان پالاكەتچىلىككە قارىغاندا ئېغىر ئەمەس.

دۇنيادا نام قالدۇرۇش، چوڭ ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇش، ئىلىملىك، پەزىلەتلىك بولۇشتەك ئىشلارغا توسالغۇ بولغان نەرسە يوقسۇللۇق ئەمەس. ھورۇنلۇق ۋە بىكار تەلەپلىكتۇر. خەلقلەر ئىشلەۋاتقان، ھالال رىزىقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىشىۋاتقان ۋاقىتتا سوزۇلۇپ يېتىش، ئەسنەپ ئولتۇرۇش كۆڭۈل قارىلىقىدىن بولماي نېمە؟

«ھورۇنلۇق كۆڭۈلنى قارايتىدۇ» دېگەن سۆز ساپ ئالتۇندىن بولغان ھېكمەتتۇر. ئەگەر بۇ سۆزنى مۇندىن بىر مىڭ تۆت يۈز يىل بۇرۇن سەھرالىق ئەرەبلەر ئىچىدە تۇرۇپ ئۆسكەن ۋە ئۆمرىنى شۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى سۆزلىگەن بولسا، باشقا بىر دەلىل بولمىسىمۇ شۇ كىشىنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دەلىل بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.

ھەدىس شەرىپتە زاھىدلىق بىلەن ھورۇنلۇق ۋە ئىشسىزلىكنى بىر بىر- بىرىگە قارىمۇقارشى قىلىپ كۆرسىتىلىشىدىن، زاھىدلىق بىلەن بىكار چىلىق بىر نەرسە ئەمەسلىكىنى ھەركىم ئۆز ئەقلى بىلەن بىلىشى كېرەك. ھورۇنلۇق باشقا، دۇنياغا كۆڭۈلسىز بولۇش باشقا.

خەلقلەرنىڭ ئۈستىگە يۈك بولۇش، دۇئا تەلەپ قىلىپ يۈرۈش، زاھىدلىق بولغانلىق ۋە قانائەتچان بولغانلىق ئەمەس، بەلكى ئىشلەشنى خالىماي ئاسان پۇل تاپقانلىقتۇر. ھەر كىم ئۆز رىزقىنى ئۆزى تېپىشقا تىرىشمىغانلىقى ۋە توقسان كىشى ئون كىشىگە يۈك بولغانلىقى سەۋەبىدىن مىللىتىمىز (مۇسۇلمانلار) باي بولالمايدۇ. كۈچى يەتمەيدۇ. بەلكى بار بايلىقى ئازايغىلى تۇرىدۇ. باشقا يەرلەرنىڭ سېتىلىپ تۈگىشىگە توپاندىن بېرى پالتا كىرمىگەن ئورمانلىقلارنىڭ قۇرۇق ساي بولۇپ، قېلىشغا ئەسلى سەۋەب، ھورۇن كىشىلەر ۋە ئاسان پۇل توپلاش يولىغا كىرىۋالغان قۇرتلار بولدى.

نەسىھەتلەر

عَنْ سَعْدِ بْنِ أَبِيْ وَاقَّاصٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ أَنَّ رَجُلاً قَالَ: يَارسول الله أَوْصِيْنِيْ قَالَ: عَلَيْكَ بِالأَيَاسِ مِمَّا فِيْ أَيْدِي النَّاسِ، وَإِيَّاكَ وَالطَّمَعُ فَإِنَّهُ الفَقْرُ الحَاضِرُ، وَصَلِّ صَلاَتَكَ وَأَنْتَ مُوَدِّعٌ، وَإِيَّاكَ وَمَا يُعْتَذَرُ مِنْهُ (الجامع الصغير، المجلد الرابع، رقم الحديث: 5485)

تەرجىمىسى: «كىشىلەرنىڭ قولىدا بولغان نەرسىلەردىن ئۈمىدسىز بول! (كىشىدىن بىر نەرسە ئۈمىد قىلما) تەمەدىن ساقلان! چۈنكى تەمە نەخ بولغان پېقىرلىقتۇر. ناماز ئوقۇغاندا ئاخىرقى ناماز دەپ تۇرۇپ ئوقۇ! (يەنى بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئاخىرقى نامىزىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ ئوقۇغىن! مۇنداق ئوقۇش ئىخلاس بىلەن ئوقۇشقا سەۋەب بولىدۇ.) ئارقىسىدىن ئەپۇ سورىغىلى، ئۆزرە ئېيتقىلى سالىدىغان ئىشنى قىلىشتىن ساقلانغىن!»

رەسۇلۇللاھ ھەزرەتلىرىنىڭ كىشىلەر قولىدا بولغان نەرسىلەردىن ئۈمىدسىز، ھاجەتسىز بولۇشقا بۇيرۇشى، تەمەدىن ساقلىنىشقا نەسىھەت قىلىشى بولسا، بۇ دۇنيا ھاياتى بىر تالاش ـ تارتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇشۇ تالاش - تارتىش مەيدانىدا ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈستۈن كېلىش ئۈچۈن، غالىپ بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ھەقىقەتتە غەيرەت قىلىش، سەئيى ـ ھەرىكەت قىلىش، كىشىگە موھتاج بولماسلىق ئىسلامنىڭ روھى بولۇپ، ساھابىلەر ۋە سەلەپلەرنىڭ زامانىسىدا كىشىنىڭ قول كۈچىگە قاراپ تۇرىدىغان ۋە بىرىنىڭ ماڭلاي تەرى ۋە ئەمگىكى بىلەن تاپقان نەرسىسىگە قولىنى سۇنىدىغان (تەمە قىلىدىغان، سەدىقىگە دۇئا قىلىدىغان) ئادەم بولمايتتى.

ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇزۇن بىر ھەدىسىدە «إِنَّ إِخْوَانَنَا مِنْ الْمُهَاجِرِينَ كَانَ يَشْغَلُهُمْ الصَّفْقُ بِالْأَسْوَاقِ وَإِنَّ إِخْوَانَنَا مِنْ الْأَنْصَارِ كَانَ يَشْغَلُهُمْ الْعَمَلُ فِي أَمْوَالِهِمْ».... (صحيح البخاري) (مەككىدىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز ئېلىم ـ سېتىم قىلاتتى، مەدىنىلىك قېرىنداشلىرىمىز تېرىلغۇ ۋە چارۋا بېقىشقا ئىشلەيتتى، دېدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر بىرى بىر خىل كەسپ ۋە ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۆز يېمىكىنى ئۆز قول كۈچى بىلەن ھاسىل قىلاتتى.

بالىلىرىنى ئائىلىلىرىنى تەمەدىن ھەم كىشىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇشتەك پەسكەشلىكتىن ساقلايتتى. ئۆزى تاپقان پۇل ـ مالنى سوزۇلۇپ ياتقۇچى ھورۇنلارغا، ئەسنەپ ئۆمۈر ئۆتكۈزگۈچى ئىشسىزلارغا خەجلەپ بېرىپ شۇنى ياخشى ئىش دەپ تونۇش ۋە شۇ ئىشىغا ساۋاب ئۈمىد قىلىش ئادىتى ئەسر سائادەتتە (ساھابىلەر زامانىسىدا) يوق ئىدى. بۇ ئىشلار بولسا ئىسلام دىنى بالدۇرقى ساقلىقىدىن چىقىپ كېتىپ ئىسلام دۇنياسىدا ھورۇنخانىلار، دۇئاخانىلار پەيدا قىلىنغاندىن، ئۇلى يوق خىيالىي گەپلەر ئورۇنلاشقاندىن كېيىن كېڭەيگەن. بولمىسا ئىسلامنىڭ بىرىنچى نەسىھىتى تىرىشىش، ئىشلەش، ھايات جېڭىدە ئۈستۈنلۈك ھاسىل قىلىش، كىشىنىڭ قولىغا قاراپ تۇرۇشتەك بىچارىلىكتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. دۇنيادا بولغان پۈتۈن بۇزۇقلۇقلارنىڭ ۋە نۇرغۇن كېسەلنىڭ سەۋەبى «ھورۇنلۇق، بىكار تەلەپلىك» ئىكەنلىكى ئەخلاق ھەم تىببىي ئالىملار تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىدۇ

ھەقىقەتتە پۇل ـ مالنى قولى بىلەن ئىشلەپ تېپىپ ئۇنى مۇسۇلمان مىللىتىنىڭ پايدىسىغا ئىشلىتىش، ۋەقپىلەرنى، سەدىقىلەرنى يەپ ـ ئىچىپ ياتقانغا قارىغاندا ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشتۇر.

تەرمىلەر سەھىپىسىگە قايتىش ⇦⇦⇦

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org