بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

 

ھايات قەسىدىسى

پەقەت بىر تامچە سۇ ئېردىڭ سېنى كىم گۈزەل خەلقەتتى،

مەنىي ئاتلىق ئەشۇ "سۇ" دىن ئەزىز جىسمىڭنى خەلقەتتى .



ياراتتى بۇ كەبى كۆركەم تېنىڭنى، پۈۋلىدى جاننى،

گۈزەل قامەت ئېزىز جاننى ساڭا ھەقسىز مۇستەھەق ئەتتى .



زېمىن ـ ئاسماندىكى بارچە ساڭا خىزمەتكە تەيياردۇر،

ساناقسىز نېئمەتۇ رەھمەت ئاتانى مۇلكى ھەق ئەتتى .



خۇدانىڭ رەھمىتى ئىچرە بېلىقسەن بەھرى ئوكياندا،

نىچۈك قىلدىڭ ئۇنى ئىنكار ساڭا ئۇ كۆپ لۇتپى ھەق ئەتتى .



كۆزۈڭنى چوڭ ئېچىپ باققىن زېمىن ـ ئاسمان بىپايان كۆككە،

ئەقىل كۆزى ئوچۇقلارغا دەلىل ئۇندا بەرق ئەتتى .



ئەقىلگە پۈتمىسەڭ ئادەم ئەمەسسەن بەلكى بىر ھايۋان،

كىشى ھايۋاندىن ئۆزىنى ئەقىل بىلەن پەرق ئەتتى .



ئەقىل دەيدۇ: "جەمئى مەخلۇق دەلىلدۇر بىرلا اﷲ قا"،

قىيامەتتە مۇتتەقىيگە ھەسەل، سۈت..........تىن ئېرىق ئەتتى .



گويا ھايۋان كەبى بولمىش خۇداغا پۈتمىگەنلەرگە،

ھارارەتلىك قىزىق ئوتنى ئەبەتكە جايى ھەق ئەتتى .

 

ئەدەبىيات سەھىپىسىگە قايتىش >

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org