بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

 

بەرەقە (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)

 

بىز بۇ ھەبەشىستانلىق قىزنىڭ قانداق قىلىپ مەككىگە قۇل قىلىپ سېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئىنىق بىلمەيمىز، ئۇنىڭ نەسىبى، ئاتا ـ ئانىسى ۋە ئەجداتلىرىنىڭ كىملىكى توغرىلىقمۇ بىزدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەينى ۋاقىتتا بەرەقەگە ئوخشاشلا ئەرەبلەردىن ۋە غەيرى ئەرەبلەردىن بولغان نۇرغۇنلىغان قىزلار ۋە ئوغۇللار تۇتۇپ كېلىنىپ، قۇل بازىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ سېتىۋېتىلگەن.

رەھىمسىز خوجايىنلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالغانلىرىنىڭ تەقدىرى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ، خوجايىنلىرى ئۇلارنى ئىت ـ ئېشەكنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئەڭ قەبىھ مۇئامىلىدە بولغان. ئەشۇنداق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇھىتتا، ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىڭلا تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن، ئۇلار مېھرىبان ۋە رەھىمدىل كىشىلەر تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغانلار ئىدى.

بەرەقە ، بۇ ھەبەشىستانلىق ياش قىز ـ دەل ئەشۇنداق تەلەيلىكلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنى ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ ئوغلى، سېخى ۋە مېھرىبان ئابدۇللاھ سېتىۋالغان ئىدى. ئۇ ئابدۇللاھنىڭ ئائىلىسىدىكى بىردىنبىر چۆرىسى بولۇپ، ئابدۇللاھ ئامىنەگە ئۆيلەنگەندە، ئوخشاشلا ھەر ئىككەيلەننىڭ خىزمىتىنى قىلدى.

بەرەقەنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار توي قىلىپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇللاھنىڭ دادىسى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئوغلىغا سۈرىيەگە بارىدىغان سودا كارۋىنى بىلەن سۈرىيەگە بېرىپ، تىجارەت قىلىپ كېلىشكە تەكلىپ بەردى. بۇنى ئاڭلىغان ئامىنە قاتتىق بىئارام بولۇپ:

ــ بۇ قانداق گەپ؟ مەن تېخى تىرناقلىرىمدىكى خېنىلەرمۇ قۇرۇمىغان يېڭى كېلىن تۇرسام، يولدىشىم تىجارەت بىلەن سۈرىيەگە بارامدىكەن؟ ــ دەپ توۋلاپ كەتتى. ئابدۇللاھنىڭ تىجارەتكە كېتىشى ئامىنەگە تولىمۇ ئېغىر كەلدى، بىئاراملىق ئىچىدە ئۇ ھۇشىدىن كەتتى. بەرەقە مۇنداق دەيدۇ:

مەن ئامىنەنىڭ ھۇشىسىز ياتقىنىنى كۆرۈپ، قورققىنىمدىن "خېنىم! خېنىم!" دەپ ۋاقىراپ تاشلىدىم، ئامىنە كۆزىنى ئېچىپ ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى يۈزلىرىگە سىرغىپ چۈشۈۋاتاتتى، ئىڭراشتىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ماڭا:

ــ ئى بەرەقە، مېنى كارۋاتتا ياتقۇزۇپ قوي، ــ دېدى. ئامىنە ئۇزۇن ۋاقىت ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر، مۇلايىم بۇۋاي ــ ئابدۇلمۇتەللىبتىن باشقا ھېچكىمگە گەپ قىلمىدى. ئابدۇللاھ كېتىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، ئامىنە مېنى بىر تاڭ سەھەردە چاقىردى، ئۇنىڭ چىرايى خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ماڭا:

ــ ئى بەرەقە، مەن بىر غەلىتە چۈش كۆرۈپتىمەن، ــ دېدى.

ــ چۈشىڭىز خەيرلىك بولغاي، خېنىم ــ دېدىم مەن.

ــ چۈشۈمدە قورسىقىمدىن بىر نۇر چىقىپ، مەككىنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلارنى ۋە جىلغىلارنى نۇرلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم.

ــ خېنىم، ھامىلدار بولدىڭىزمۇ؟

ــ ھەئە، بەرەقە، ــ دېدى ئۇ ، ــ ئەمما مەن باشقا ئاياللارغا ئوخشاش بىئاراملىق ھېس قىلمىدىم.

- ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان خىسلەتلىك بىر بالا تۇغىدىغان ئوخشايسىز ، ـ دېدىم مەن.

ئابدۇللاھ قايتىپ كەلمىگەنسېرى، ئامىنە غەمكىن ۋە مەيۈس بولۇپ قالدى. بەرەقە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەتتى ۋە قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇنى غەمدىن خالاس قىلىشقا تېرىشاتتى. ئابدۇلمۇتەللىپ كېلىپ ئۇنىڭغا يەمەن پادىشاسى ئەبرەھەنىڭ پات ئارىدا شەھەرگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇ باشقا مەككىلىكلەرگە ئوخشاش ئۆيدىن چىقىپ، تاغدا پاناھلىنىپ تۇرۇشى زۆرۈرلىكىنى ئېيتقاندا، ئۇ تېخىمۇ قايغۇرۇپ كەتتى. ئامىنە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تولىمۇ ھەسرەتلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، تاغلارغا چىقالمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئەبرەھەنىڭ ھەرگىزمۇ مەككىگە كىرىپ، مەككىنى ۋەيران قىلىۋىتەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنى اللە قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئابدۇلمۇتەللىپ ناھايىتى تەشۋىشلىنىپ كەتتى، ئەمما ئامىنەنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق قورقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ كەئبىگە ھېچكىمنىڭ زەيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا قەتئى ئىشەنچىسى بار ئىدى. دېگەندەكلا قۇشۇنلىرىنىڭ ئالدىدا پىلدىن بىرنى ھەيدەپ ماڭغان ئەبرەھەنىڭ قۇشۇنى مەككىگە كىرمەي تۇرۇپلا ھالاك بولدى. بەرەقە كېچە ــ كۈندۈز ئامىنەدىن ئايرىلمىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئامىنەنىڭ كارۋىتىنىڭ تۈۋىدە ــ يەردە ئۇخلايتتىم ۋە كېچىلىرى يولدىشىنى چاقىرغاندىكى ئىڭرىغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلايتتىم. ئۇنىڭ ئىڭراشلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەتتىم".

كارۋاندىكىلەرنىڭ بىر بۆلىكى سۈرىيەدىن قايتىپ كەلدى. مەككىدىكى تىجارەتچى ئائىلىلەر ئۇلارنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. بەرەقە ئابدۇللاھنىڭ خەۋرىنى ئۇقۇپ كېلىش ئۈچۈن ئوغرىلىقچە ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئۆيىگە بارغان بولسىمۇ، ھېچبىر خەۋەر ئالالمىدى. ئۇ ئامىنەنىڭ قىشىغا قايتىپ باردى، ئەمما ئۇنىڭ قايغۇسىنى كۈچەيتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىدىن ھېچنىمە دېمىدى. كارۋاننىڭ قالغان قىسمىمۇ ئاخىرى قايتىپ كەلدى، ئابدۇللاھ يەنىلا يوق ئىدى. كېيىن بەرەقە ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئۆيىدىكى ۋاقتىدا، مەدىنىدىن كەلگەن قورقۇنۇشلۇق بىر خەۋەرنى ــ ئابدۇللاھنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چىقىراپ تاشلىدىم، شۇ كەتكەنچە ئىككىنچى قايتىپ كەلمەيدىغان ئابدۇللاھقا قايغۇرۇپ، بىز ئۇزۇندىن بېرى كۈتىۋاتقان بۇ سۆيۈملۈك ئادىمىمىزگە قايغۇرۇپ، مەككىدىكى ئەڭ چىرايلىق يىگىت، قۇرەيشنىڭ پەخرى ــ ئابدۇللاھقا قايغۇرۇپ، توۋلىغان ھالدا ئامىنەنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدىن باشقىسىنى بىلمەيمەن. ئامىنە بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھوشىدىن كەتتى. ئۇ ھايات ــ مامات ئوتتۇرىسىدا تۇرىۋاتقان شۇ ھالەتتە، مەن ئۇنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدىم. ئامىنەنىڭ ئۆيىدە مەندىن بۆلەك ئادەم يوق ئىدى. ئاسمانلار اﷲ نىڭ نۇرى بىلەن نۇرلىنىپ كەتكەن بىر كېچىسى ئامىنە ئوغلى "مۇھەممەد" نى تۇغقانغا قەدەر، مەن بۇ ئۇزۇن كۈن ــ تۈنلەردە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ياخشى كۈتتۈم"

مۇھەممەد تۇغۇلغاندا، بەرەقە تۇنجى بولۇپ ئۇنى قۇچىغىغا ئالدى. چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئۇنى كەئبىگە ئېلىپ بېرىپ، بارلىق قۇرەيش خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۇنى تەبرىكلىدى، ئاندىن ئۇ ھەلىمە بىلەن بەدىيەگە ئەۋەتىلدى. ساپ ھاۋالىق بۇ كەڭ كەتكەن چۆلدە، ھەلىمە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بەرەقە ئامىنە بىلەن بىللە تۇردى. بەش يىلدىن كېيىن مۇھەممەد مەككىگە قايتۇرۇپ كېلىندى. ئامىنە بالىسىنى سەمىيمىلىك ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تاپشۇرۇپ ئالدى، بەرەقە ئۇنى خۇشاللىق ۋە ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالدى.

مۇھەممەد ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى، ئانىسى مەدىنىدىكى يولدىشى ئابدۇللاھنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلمەكچى بولدى. بەرەقە ۋە ئابدۇلمۇتەللىپ نەسىھەت قىلىپ ئۇنى تۇسىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئامىنىگە گەپ يىگۈزەلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئامىنە، مۇھەممەد، بەرەقە ئۈچەيلەن چوڭ بىر تۈگىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىچىك ھەۋدەجگە ئولتۇرۇپ، سۈرىيەگە بارىدىغان چوڭ بىر كارۋان بىلەن بىللە يولغا چىقتى. بۇ سەبى بالىنىڭ ئازابلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئامىنە مۇھەممەدكە دادىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغىلى كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتمىدى. بەرەقە ئامىنەگە تەسەللىي بېرىپ ماڭدى. مۇھەممەد يول بۇيى بەرەقەنىڭ قۇچىقىدا، ئۇنىڭ بوينىدىن قۇچاقلىغان ھالەتتە ئۇخلىدى.كارۋان ئىلدام يول يۈرۈپ، 10 كۈن بولغاندا مەدىنىگە يېتىپ كەلدى. مۇھەممەد بەنۇ نەججار قەبىلىسىدىن ئانا تەرەپ تاغىلىرىنىڭ ئۆيىدە قالدى، ئامىنە ئابدۇللاھنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغىلى كەتتى. قىسقا بىر نەچچە ھەپتە جەريانىدا، ئامىنە كۈنلىرىنى قەبرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزدى، ئۇ قايغۇ ــ ھەسرەتتىن تۆگىشىپلا كەتكەن ئىدى.

مەككىگە قايتىش يولىدا، ئامىنە قىزىپ، ئېغىر كېسەل بولۇپ قالدى.ئۇلار مەدىنە بىلەن مەككىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئەبۋا دېگەن جايدا توختىدى. ئامىنەنىڭ سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتتى. قاپ ــ قاراڭغۇ بىر كېچىسى ئۇنىڭ قىزىتمىسى تېخىمۇ ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇ ناھايىتى ھالسىرىغان ھالدا بەرەقەنى چاقىردى. بەرەقە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ مېنىڭ قۇلىغىمغا مۇنداق پىچىرلىدى:

ــ ئى بەرەقە، مەن پات ئارىدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىمەن، ئوغلۇم مۇھەممەدنى ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇ مېنىڭ قورسىقىمدىكى چېغىدىلا دادىسىدىن ئايرىلدى، ئەمدىلىكتە ئۇ كۆز ئالدىدىلا ئانىسىدىن ئايرىلماقچى بولىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا ئانا بولغىن، ئى بەرەقە! ھەم ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلما.

بۇلارنى ئاڭلاپ يۈرىگىم ئۆرتىنىپ كەتتى، قاتتىق يىغلاشقا باشلىدىم، بالا مېنىڭ يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلاپ تەڭلا يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىنى ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ، بوينىدىن چىڭ قۇچاقلىدى. ئامىنە ئاخىرقى قېتىم بىر ئىڭراپ، ئاندىن مەڭگۈلۈككە جىمىپ كەتتى."

بەرەقە تولىمۇ ئېچىنىشلىق يىغلىدى، ئۇ ئۆز قۇلى بىلەن قۇملۇققا قەبرە كولاپ، ئامىنەنى يەرلىكىدە قويدى، كۆز ياشلىرىدىن قەبرە ھۆل بولۇپ كەتتى. بەرەقە بۇ يېتىم بالا بىلەن مەككىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇنى چوڭ دادىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئۇ بالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن شۇ ئۆيدە تۇردى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئابدۇلمۇتەللىپ ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ بالىنى ئېلىپ، تاغىسى ئەبۇ تالىپنىڭ ئۆيىگە باردى، تاكى بالا چوڭ بولۇپ خەدىچىگە ئۆيلەنگەنگە قەدەر شۇ ئۆيدە تۇرۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدى، ئاندىن خەدىچىنىڭ ئۆيىدە مۇھەممەد (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن) ۋە خەدىچىلەر بىلەن بىللە تۇردى. ئۇ دائىم:

ــ مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلمايمەن ھەم ئۇ مەندىن ئايرىلمايدۇ ، ــ دەيتتى. بىر كۈنى مۇھەممەد (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن) ئۇنى چاقىرىپ:

- ئى ئانا! (ئۇ دائىم ئۇنى "ئان" دەپ چاقىراتتى) مەن ھازىر توي قىلدىم، ئەمما سىز تېخىچىلا توي قىلمىدىڭىز، بىرەر ئادەم كېلىپ سىزگە توي قىلىش تەكلىۋىنى قويسا قانداق قارايسىز؟ ــ دېدى. بەرەقە مۇھەممەد (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن) غا قاراپ ئۇنىڭغا:

ــ مەن ھەرگىزمۇ سەندىن ئايرىلمايمەن، ئانا بولغۇچى بالىسىنى تاشلىۋىتەمدۇ؟ ــ دەپ جاۋاب بەردى. مۇھەممەد ( ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن ) كۈلۈپ ئۇنىڭ بېشىغا سۆيۈپ قويدى. ئۇ ئايالى خەدىچىگە قاراپ:

ــ بۇ بەرەقە، بۇ مېنىڭ ئىككىنچى ئانام، ئۇ مېنىڭ ئائىلەمنىڭ بىر قىسمى، ــ دېدى. بەرەقە خەدىچىگە قارىدى، خەدىچە ئۇنىڭغا:

ــ بەرەقە، سىز ياشلىقىڭىزنى مۇھەممەد ئۈچۈن قۇربان قىلدىڭىز، ھازىر ئۇ سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ ياندۇرماقچى بولىۋاتىدۇ، مۇھەممەد ۋە مەن ئۈچۈن سىزگە قېرىلىق يېتىپ قېلىشتىن بۇرۇن، ياتلىق بولۇشقا ماقۇل بولۇڭ ــ دېدى.

ــ كىمگە ياتلىق بولىمەن، خېنىم؟ ــ سورىدى بەرەقە.

ــ مەدىنىدىكى خەزرەج قەبىلىسىدىن ئۇبەيدە ئىبنى زەيد سىز بىلەن توي قىلىشنى سوراپ كەپتۇ، مەن ئۈچۈن ئۇنى رەت قىلمىسىڭىز.

بەرەقە ماقۇل بولدى. ئۇ ئۇبەيدە ئىبنى زەيدگە ياتلىق بولۇپ مەدىنىگە باردى. مەدىنىدە ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى، ئۇنىڭغا "ئەيمەن" دەپ ئىسىم قويدى، شۇنىڭدىن تارتىپ كىشىلەر ئۇنى "ئۇممۇ ئەيمەن (ئەيمەننىڭ ئانىسى)" دەپ ئاتىدى. ئەمما ئۇنىڭ تويى ئۇزۇنغا بارمىدى. يولدىشى ئۆلۈپ كېتىپ، يەنە مەككىگە قايتىپ بېرىپ، خەدىچىنىڭ ئۆيىدە "ئوغلى" مۇھەممەد بىلەن بىللە تۇردى. شۇ چاغدا ئۇ ئۆيدە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ھىندى (خەدىچىنىڭ ئىلگىرىكى يولدىشىدىن بولغان قىزى) ۋە زەيد ئىبنى ھارىسەلەر تۇراتتى.

زەيد كەلب قەبىلىسىدىن بولغان ئەرەب بولۇپ، كېچىك ۋاقتىدىلا مەككىگە تۇتۇپ كېلىنىپ، قۇل بازىرىدا سېتىۋىتىلگەن. ئۇنى خەدىچىنىڭ جىيەنى سېتىۋېلىپ، خەدىچىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بەرگەن ئىدى، خەدىچىنىڭ ئۆيىدە، زەيد مۇھەممەد (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن) نى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىدى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى دادا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايتتى. زەيدنىڭ دادىسى ئۇنى مەككىگە ئىزلەپ كەلگەندە، مۇھەممەد ئۇنىڭغا دادىسى بىلەن قايتىپ كېتىش ياكى ئۆزى بىلەن بىللە قېلىش ئىختىيارلىقىنى بەردى. زەيدنىڭ دادىسىغا بەرگەن جاۋابى بولسا: "مەن ھەرگىزمۇ بۇ ئادەمدىن ئايرىلمايمەن، ئۇ ماڭا دادا بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك، ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى، مەن ئۆزەمنى بىر كۈنمۇ قۇلدەك ھېس قىلىپ باقمىدىم، ئۇ مېنىڭ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالدى، ئۇ ماڭا كۆيىنىدۇ، مېنى ياخشى كۆرىدۇ، دائىم مېنى خۇشال قىلىشقا تېرىشىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىى، مەخلۇقاتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئادەم، مەن قانداقمۇ ئۇنى تاشلاپ، سەن بىلەن بىللە كېتىمەن؟! مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلمايمەن" دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

كېيىن مۇھەممەد كىشىلەرنىڭ ئالدىدا، زەيدنى ئازاد قىلغانلىغىنى جاكارلىدى. شۇنداق بولسىمۇ زەيد ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىدەكلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىدى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتىدى.

مۇھەممەد پەيغەمبەرلىك بىلەن ھۆرمەتلەنگەن چاغدا، بەرەقە ۋە زەيد ئۇنىڭغا كەلگەن ۋەھىگە دەسلەپ ئىمان ئېيتقانلاردىن بولدى. ئۇلار دەسلەپكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە، قۇرەيشنىڭ قىلغان زۇلۇملىرىنى ۋە زىيانكەشلىكلىرىنى باشتىن كەچۈردى. بەرەقە ۋە زەيد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز خىزمەتلەرنى قىلدى. ئۇلار قۇرەيشنىڭ زۇلۇمىدىن قورقماستىن جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، مۇشرىكلارنىڭ پىلانلىرى ۋە سۈيىقەستلىرىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خەۋەردار قىلدى.

بىر كېچىسى مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى يىغىپ ئىسلام دىنىنى ئۆگىتىدىغان ــ ئەرقەمنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يولنى توسۇپ قويدى. خەدىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇھىم بىر خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بەرەقەنى ئەۋەتتى. بەرەقە ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئەرقەمنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ خەۋەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزگەن چېغىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ تۇرۇپ:

ــ اللە سىزگە بەرىكەت بەرسۇن، ئى ئۇممۇ ئەيمەن! جەزمەنكى سىزگە جەننەتتە بىر ئورۇن ھازىرلانغان، ــ دېدى. ئۇممۇ ئەيمەن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە قاراپ:

ــ ئاراڭلاردىن كىمكى جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇ ئۇممۇ ئەيمەنگە ئۆيلەنسۇن، ــ دېدى. ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى جىمجىت ئولتۇرۇشۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدى. چۈنكى ئۇممۇ ئەيمەن چىرايلىق بولماستىن، 50 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئاجىز ئايال ئىدى. شۇ چاغدا زەيد ئىبنى ھارىسە:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇممۇ ئەيمەنگە ئۆيلىنىمەن، اللە بىلەن قەسەمكى ئۇ پۇلدار ۋە چىرايلىق ئاياللاردىن ياخشىراق، ــ دېدى.

زەيد بىلەن بەرەقە توي قىلىپ، بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى، ئۇنىڭغا ئۇسامە دەپ ئىسىم قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن) ئۇنى ئۆز ئوغلىدەكلا ياخشى كۆرەتتى، دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينايتتى، ئۇنى سۆيۈپ قوياتتى ۋە ئۆز قولى بىلەن تاماق يېگۈزەتتى. مۇسۇلمانلار دائىم مۇنداق دەيتتى: "ئۇ بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئادىمىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى". ئۇسامە كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا، ئۆزىنى ئىسلام ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىدى، كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئېغىر ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان چاغدا، ئۇممۇ ئەيمەننى ئائىلىسىدىكى بەزى مۇھىم ئىشلارنى بىجىرىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدى. كېيىن ئۇ مەدىنىگە ئۆزى يالغۇز ھىجرەت قىلدى، چۆللەردىن ۋە تاغلاردىن ئۆتىدىغان ئۇزۇن ۋە جاپالىق يوللارنى پىيادە باستى، ھاۋا چىدىغۇسىز ئىسسىق بولۇپ كەتسىمۇ، بۇران ــ چاپقۇنلاردا يوللارنى پەرق قىلغىلى بولمىسىمۇ، ئۇ اللەنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرى مۇھەممەد (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن) كە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ تۈرتكىسىدە جاپا مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، يۇلىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ مەدىنىگە يېتىپ كەلگەن چاغدا، پۇتلىرى يېرىلغان، ئىششىغان، يۈز ـ كۆزلىرى قۇم ــ تۇپىلار بىلەن بۇلغانغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ھاياجىنىنى باسالماي:

ــ ئى ئۇممۇ ئەيمەن! ئى ئانا! ھەقىقەتەن سىزگە جەننەتتە بىر ئورۇن ھازىرلانغان، ــ دېدى، ئاندىن ئۆزىنىڭ قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈز ــ كۆزلىرىنى مۇلايىملىق بىلەن سۈرتتى، پۇتلىرىنى ۋە مۈرىسىنى ئۇۋىلاپ قويدى.

مەدىنىدە ئۇممۇ ئەيمەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىغىنى ئاتىدى. ئوھۇد غازىتىدا، ئۇ ئۇسسىغانلارغا سۇ يەتكۈزۈپ بەردى، يارىلانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ، خەيبەر ۋە ھۇنەين غازىتىغا ئوخشاش بەزى غازاتلارغا قاتناشتى. ئۇنىڭ ئوغلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن ساھابىلىرىدىن بولغان ئەيمەن ھىجرەتنىڭ 8 ــ يىلى ھۇنەين غازىتىدا شېھىت بولدى. بەرەقەنىڭ يولدىشى، پۈتۈن ھاياتىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسلام ئۈچۈن بېغىشلىغان زەيدمۇ سۈرىيەدىكى مۇئتە غازىتىدا شېھىت بولدى. بەرەقە بۇ چاغدا 70 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپ ۋاقتىنى ئۆيىدە ئۆتكۈزەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر بىلەن ئۇنى يوقلاپ كېلەتتى ۋە ئۇنىڭدىن سورايتتى:

ــ ئى ئانا! ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! پەقەت ئىسلام دىنى ياخشى تۇرۇۋاتقان بولسىلا، مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، ــ دەيتتى ئۇ جاۋابەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بەرەقە دائىم يىغلايدىغان بولۇپ قالدى، بىر قېتىم باشقىلار ئۇنىڭدىن:

ــ نېمە ئۈچۈن يىغلاۋاتىسىز؟ ــ دەپ سورىغاندا، ئۇ جاۋاب بېرىپ:

ــ اللە بىلەن قەسەمكى، مەن رەسۇلۇللانىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىغىنى بىلەتتىم، ئەمما مەن ھازىر ئۈستۈنكى ئاسماندىن كېلىدىغان ۋەھىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىغا يىغلاۋاتىمەن، ــ دېگەن ئىدى.

بەرەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندىن تاكى ۋاپات بولغىچە ئۇنىڭغا يېقىن ياشىغان بىردىن ــ بىر ئادەم ئىدى. ئۇ ھاياتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدە شەخسىيەتسىز خىزمەت قىلدى. ئۇ ھۆرمەتلىك، ئەخلاقلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چوڭقۇر ئىخلاس قىلدى، ئۇنىڭ خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتىدى. ئۇنىڭ ئىسلامغا تېخىمۇ كۈچلۈك مۇھەببىتى ۋە ئىخلاسى بار ئىدى. ئۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋردە ۋاپات بولدى.

گەرچە ئۇنىڭ نەسىبى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ جەننەتتىكى ئورنى ئېنىق ۋە شۈبھىسىزدۇر.

 مەنبە: نۇر ئىسلام

ساھابىلەر ھاياتى سەھىپىسىگە قايتىش>>

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org