|
رۇمەيسە بىنت مىلھان (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)
ئىسلام دىنى مەدىنىگە تارقىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا، رۇمەيسە ئۆزىنىڭ ياخشى مىجەزى، ئۆتكۈر زېھنى ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغانلىقى، پىكىرىنىڭ ئۇچۇقلىقى بىلەن تۇنۇلغان ئىدى. باشقىلار ئۇنى رۇمەيسە، غۇمەيسە... قاتارلىق نۇرغۇن ئىسىملار بىلەن چاقىراتتى، ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ لەقىمىدىنلا ئىبارەت ئىدى. بىر تارىخچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىسمى سەھلە بولۇپ، كېيىنچە ئۇممۇ سۇلەيىم دەپ ئاتالغان ئىدى. ئۇممۇ سۇلەيىم دەسلەپتە مالىك ئىبنى نەزىرگە نىكاھلانغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەشھۇر ساھابىلىرىدىن بىرى بولغان ئەنەس ئىبنى مالىك ـ دەل ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ مالىك ئىبنى نەزىردىن بولغان ئوغلى ئىدى.
ئۇممۇ سۇلەيىم مەدىنىدىكى ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلاردىن ئىدى. ئۇ ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە تۇنجى تەشۋىقاتچى ياكى ئىسلام ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ـ بىلىملىك، ئىسلام دەۋىتىگە ئۆزىنى ئاتىغان، ئۇستا ناتىق مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇ بىرىنچى ئەقەبە بەيئىتىدىن كېيىنكى ئىش ئىدى. بىرىنچى ئەقەبە بەيئىتىدە مەدىنىلىك 12 ئادەم مەككىنىڭ سىرتىدىكى ئەقەبەگە بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش يولىدىكى چوڭ ئىش ئىدى.
ئۇممۇ سۇلەيىم ئېرى مالىك ئىبنى نەزىرنىڭ رۇخسىتىسىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. مالىك ئۇ چاغدا مەدىنىدە يوق بولۇپ، ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئائىلىسىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى سېزىپ، ئايالىدىن:
ـ ياشىرىپ كەتكەندەك كۆرىنىسەنغۇ؟ ـ دەپ سورىدى.
ـ ياق، ـ دېدى ئۇممۇ سۇلەيىم ـ مەن ھازىر بۇ ئادەمگە (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى) ئىمان ئېيتتىم. مالىك بۇنىڭدىن خۇشال بولمىدى، بولۇپمۇ ئايالى كىشىلەرنىڭ ئالدىدىلا ئۆزىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغىنىدا، ئوغلى ئەنەسكە يېڭى ئىماننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۆگەتكىنىدە قاتتىق غەزەپلىنىپ كەتتى. ئۇممۇ سۇلەيىم ئوغلىغا "بىر اللەدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەدنىڭ اللەنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن" دېيىشنى ئۆگەتتى. كىچىك ئەنەس ئىماننىڭ ئاددى، ئەمما چوڭقۇر مەنىلىك ئېلانىنى ئېنىق ۋە قەتئى ھالدا تەكرارلايتتى. ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ يولدىشى غەزەپتىن ئۆزىنى باسالماستىن، ئايالىغا:
ـ ئوغلۇمنى بۇزما! ـ دەپ ۋاقىرىدى.
ـ مەن ئۇنى بۇزمىدىم!!! ـ دېدى ئۇ قەتئى ھالدا. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ يولدا بىر دۈشمىنى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇممۇ سۇلەيىم سەل چۈچۈپ كەتتى، ئەمما بەك قايغۇرۇپمۇ كەتمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بارلىقىنى ئوغلى ئەنەسنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئاتىدى. ھەتتا تارىخچىلار ئۇنىڭ ئەنەسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، قايتا توي قىلمىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىشىدۇ.
ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ تۇل قالغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئەبۇ تەلھە دەپ ئاتالغان زەيد ئىبنى سەھل ئۇنىڭغا باشقىلاردىن بۇرۇنراق توي قىلىش تەكلىۋى قويۇش قارارىغا كەلدى. ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ ئۇنى رەت قىلمايدىغانلىقىغا ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئىشەنچىسى بار ئىدى. چۈنكى ئۇ كۈچلۈك، جاسارەتلىك، ناھايىتى باي، باشقىلانىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ھەشەمەتلىك ئۆيلىرى بار ئادەم بولۇپ، ماھىر چەۋەنداز، ئۇستا مەرگەن ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئۇممۇ سۇلەيىمگە ئوخشاشلا، بەنۇ نەججار جەمەتىدىن ئىدى.
ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. يولدا كېتىۋېتىپ، ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئەسلىدى. "ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟" دېدى ئۇ ئۆز ـ ئۆزىگە "ئۇنىڭ يولدىشىمۇ كونا دىننىڭ سادىق مۇرىتى، مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە قارشى چىققان ئادەم ئەمەسمىدى؟"، ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. ئىشىكنى چەكتى، ئۇممۇ سۇلەيىم كىرىشكە ئىجازەت بەردى، ئۆيدە ئوغلى ئەنەسمۇ بار ئىدى. ئەبۇ تەلھە ئۆزىنىڭ كېلىش سەۋەبىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قويدى.
ـ ئى ئەبۇ تەلھە! سىزگە ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلمايمەن، ئەمما سىز كاپىر، اللەغا ئىشەنمەيسىز، شۇڭا سىز بىلەن توي قىلالمايمەن، ـ دېدى ئۇممۇ سۇلەيىم. ئەبۇ تەلھە: "ئېھتىمال ئۇ مەندىنمۇ بايراق ۋە ئابرۇيلۇقراق ئادەمگە ماقۇل بولۇپ بولغان، شۇڭلاشقا رەيىمنى قايتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ" دەپ ئويلىدى. ئاندىن ئۇنىڭغا:
ـ ئى ئۇممۇ سۇلەيىم! مېنىڭ تەلىپىمنى رەت قىلىشقا نېمە سەۋەبچى بولدى؟ ئاق، سېرىق مېتاللار (ئالتۇن ـ كۆمۈشنى دېمەكچى) ئەمەستۇ؟ ـ دېدى.
ـ ئالتۇن ـ كۆمۈش؟ ـ سورىدى ئۇممۇ سۇلەيىم سەل ھەيرانلىق ئارىلاشقان ئەيىبلەش ئاھاڭىدا.
ـ ھەئە، ـ دېدى ئەبۇ تەلھە. ئۇممۇ سۇلەيىم ئۇنىڭغا:
ـ مەن سىزگە قەسەم قىلىپ بېرەي، ئى ئەبۇ تەلھە! مەن اللەغا ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرىگە شۇنداق دەپ قەسەم بېرىمەنكى، ئەگەر سىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلسىڭىز، مەن خۇشاللىق بىلەن ھېچقانداق ئالتۇن ـ كۆمۈشسىز سىزنىڭ ئايالىڭىز بولۇشقا رازىمەن، مەن سىزنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۆزەمنىڭ مەھرى قىلىمەن، ـ دېدى. ئەبۇ تەلھە ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرىنى چۈشەندى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياغاچتىن ياسىۋالغان، ئۆز قەبىلىسىنى كاتتىباشلىرى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي بۇتلىرىغا ئىخلاس قىلىپ، مۇھاپىزەت قىلغانغا ئوخشاش، ئۇنىڭغا كۆپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن بۇتلىرىنى ئەسلىدى. ئۇممۇ سۇلەيىم ئۇنىڭغا بۇتقا ئىبادەت قىلىشنىڭ بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى بىلىپ:
ـ ئى ئەبۇ تەلھە! سىز اللەدىن باشقا ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭىزنىڭ يەردىن ئۆسۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ـ دېدى.
ـ توغرا، ـ دېدى ئەبۇ تەلھە.
ـ دەرەخنىڭ بىر پارچىسىنى نان پىشۇرۇش ۋە ئىسسىنىش ئۈچۈن قالاپ كۆيدۈرىۋېتىپ، قالغان پارچىسىغا ئىبادەت قىلسىڭىز ئەخمىقانىلىق ھېس قىلمامسىز؟ ئى ئەبۇ تەلھە! ئەگەر سىز بۇنداق ئەخمىقانە ئېتىقادتىن ۋاز كېچىپ، مۇسۇلمان بولسىڭىز، مەن خۇشاللىق بىلەن سىزنىڭ ئايالىڭىز بولۇشقا رازى بولىمەن، سىزنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىڭىزدىن باشقا ھېچ نەرسىنى تەلەپ قىلمايمەن.
ـ ئۇنداقتا كىم ماڭا ئىسلامنى ئۆگىتىدۇ؟ ـ سورىدى ئەبۇ تەلھە.
ـ مەن ئۆگىتىمەن، ـ جاۋاب بەردى ئۇممۇ سۇلەيىم.
ـ قانداق؟
ئىمان كەلىمىسىنى ئېيتىپ، بىر اللەدىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ اللەنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىسىز، ئاندىن ئۆيىڭىزگە بېرىپ بۇتلىرىڭىزنى چېقىپ تاشلىۋېتىسىز.
ئەبۇ تەلھە قايتىپ كېتىپ، ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ سۆزلىرىنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلدى، ئاندىن ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ يېنىغا قان ـ قېنىغا پاتمىغان ھالدا قايتىپ كەلدى ۋە:
ـ مەن سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن قوبۇل قىلدىم، بىر اللەدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام اللەنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، ـ دېدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇممۇ سۇلەيىم بىلەن ئەبۇ تەلھەنىڭ تويى بولدى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەنەس ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى. مۇسۇلمانلار دائىم مۇنداق دەيتتى: "بىز ھازىرغىچە ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭكىدىنمۇ قىممەتلىكرەك ۋە ياخشىراق مەھرىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، ئۇ ئىسلامنى ئۆزىنىڭ مەھرى قىلدى".
ئۇممۇ سۇلەيىم ئۆزىنىڭ بار كۈچىنى ۋە تالانتىنى ئىسلام ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىغان يېڭى ئېرىدىن ناھايىتى خۇشاللىق ھېس قىلدى. ئەبۇ تەلھە ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان 73 ئادەمنىڭ بىرسى ئىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئايالى ئۇممۇ سۇلەيىممۇ بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللاردىن نۇسەيبە بىنت كەئب ۋە ئەسما بىنت ئەمىر قاتارلىقلارمۇ ئەقەبەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئىدى.
ئەبۇ تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاجايىپ ئىخلاس قىلدى. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئادەتتىكىچە قاراپ قويسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شېرىن نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىسا توىمۇ خۇشال بولۇپ كېتەتتى. ئۇ بارلىق چوڭ غازاتلاردىن قېلىپ قالمىغان ئىدى. مال ـ دۇنياغا ئۆزىنى ئۇرمىغان، دۇنيا شەھۋەتلىرىگە ۋە راھەت ـ پاراغەتكە بېرىلمىگەن ھالەتتە، ئاددى تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇ كۆپ روزا تۇتاتتى. ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ مەدىنىدە خورما ۋە ئۈزۈملەر بار، ئوتتۇرىسىدا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان كاتتا بىر مېۋىلىك بېغى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ بېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا، رەڭدار پەيلىك بىر قۇش ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۇچۇپ كەتتى، ئۇنىڭ دىققىتى بۆلۈنۈپ كېتىپ، قانچە رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئەسلىيەلمەي قالدى، ئىككى؟ ئۈچ؟...، ئۇ نامازنى ئاياغلاشتۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى بايان قىلدى. ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق دېدى:
ـ ئى رەسۇلۇللا! ۋەدە بېرىمەنكى، بۇ باغنى اللە تائالانىڭ يولىدا سەدىقە قىلىۋېتىمەن.
ئەبۇ تەلھە ۋە ئۇممۇ سۇلەيىم باشقىلارغا ئۈلگە بۇلارلىق بىر ھەقىقىي ئىسلامى ئائىلە قۇرۇپ، بارلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلام ئىشلىرىغا بېغىشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇراتتى. بەزىدە ناماز ۋاقتى كېلىپ قالسا، ئۇممۇ سۇلەيىم بەرگەن بىر پالازنىڭ ئۈستىدە ناماز ئوقۇيتتى. بەزى چۈش ۋاقىتلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە يېتىپ ئارام ئالاتتى. ئۇ ئۇخلىغان چاغدا، ئۇممۇ سۇلەيىم ئۇنىڭ پىشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتەتتى. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشلۈك ئۇيقىسىدىن ئويغىنىپ، ئۇنىڭدىن:
ـ ئى ئۇممۇ سۇلەيىم! نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ـ دەپ سورىدى.
ـ مەن تەر تامچىلىرىنى سىەدىن چىققان بەرىكەت ھېسابلاپ، سۈرىتىۋاتىمەن، ـ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
يەنە بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇممۇ سۇلەيىم ئۇنىڭغا خورما ۋە سېرىق ماي بىلەن داستىخان سالدى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئېغىز تەگمىدى، ئۇ روزا تۇتۇۋالغان ئىدى. ئۇ پات ـ پات ئوغلى ئەنەستىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاغارلاپ خورما ئەۋەتىپ تۇراتتى. باشقىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممۇ سۇلەيىمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئالاھىدە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغنىدا، ئۇ:
ـ ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ قېرىندىشى مېنىڭ يېنىمدا ئۆلتۈرۈلگەن، ـ دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.
ۇممۇ سۇلەيىمنىڭ ئۇممۇ ھەرام دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھەمشىرىسى بار بولۇپ، ئۇ مەشھۇر ساھابە ئۇبادە ئىبنى سامىتنىڭ ئايالى ئىدى. ئۇممۇ ھەرام بىر دېڭىز ئۇرۇشىدا دېڭىزدا ئۆلۈپ كېتىپ، سېپرۇسقا دەپنە قىلىنغان ئىدى. ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ يولدىشى ئەبۇ تەلھەمۇ ئۈچىنچى خەلىفە ئوسماننىڭ دەۋرىدە بىر دېڭىز ئۇرۇشىدا شېھىت بولۇپ، دېڭىزغا دەپنە قىلىندى.
ئۇممۇ سۇلەيىممۇ ئۇرۇشلاردىكى غەيرىتى ۋە قەھرىمانلىقلىرى بىلەن تۇنۇلغان ئىدى. ئۇھۇد غازىتى جەريانىدا، ئۇ كۆڭلىكىنىڭ قېتىغا بىر خەنجەرنى ئېسىپ يۈرۈپ، يارىدارلارغا سۇ بەردى، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ھۇجۇملار بەك كۈچىيىپ كەتكەن چاغدا، بار كۈچى بىلەن ئۇنى قوغدىدى. خەندەك غازىتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىر خەنجەر كۆتىرىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى نېمە قىلىدىغانلىقىنى سورىدى، ئۇ:
ـ بۇنى غازاتتىن قاچقانلارغا قارشى تەييارلاپ قويدۇم، ـ دېدى.
ـ اللە شۇ ئارقىلىق سەندىن رازى بولسۇن! ـ دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.
بەختسىزلىك ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن كۈنلەردە، ئۇممۇ سۇلەيىم ئاجايىپ ئېغىر بېسىق ۋە چىدامچانلىقىنى نامايەن قىلدى. يولدىشى مېۋىلىك باغقا قاراش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى ئۇمەير كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ بالىسىنى يۇيۇپ، كېپەنلىدى، ئۆيىدىكى باشقىلارغا بۇ ئىشنى ئەبۇ تەلھەگە خەۋەر قىلماسلىقنى، بۇ ئىشنى ئۆزى ئېيتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇممۇ سۇلەيىمنىڭ ئابدۇللا ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ ئابدۇللانى تۇغۇپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇۋاقنى ئەنەسكە قوشۇپ، بىر تاغار خورما بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇۋاقنى يۇتىسىغا ئولتۇرغۇزدى، خورمىنى يۇمشاق چايناپ، ئاندىن بۇۋاقنىڭ ئېغىزىغا سېلىپ قويدى. بۇۋاق خورمىنى لەززەتلىنىپ شوراشقا باشلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ـ ئەنسارىلار پەقەت خورمىنى ياخشى كۆرىدۇ، ـ دېدى. ئابدۇللا چوڭ بولدى، كېيىن ئۇنىڭ يەتتە بالىسىنىڭ ھەممىسىلا قۇرئاننى يادلىغان ئىدى.
ئۇممۇ سۇلەيىم بىر ئۈلگىلىك مۇسۇلمان، ئۈلگىلىك ئايال ۋە ئۈلگىلىك ئانا ئىدى. ئۇنىڭ اللەغا ئاجايىپ كۈچلۈك ۋە تەۋرەنمەس ئىمانى بار ئىدى. ئۇ ئېشىپ ـ تېشىپ تۇرغان مال ـ دۇنيانىڭ ۋە راھەت ـ پاراغەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىمانىغا ۋە بالىلىرىنى تەربىيىلىشىگە تۇسالغۇ بولۇشقا يول قويمىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ناھايىتى ئىخلاس قىلغان بولۇپ، ئوغلى ئەنەسنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئاتىدى. ئۇ بالىلىرىنى ئوبدان تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. پەقەت اللەنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياشايدىغان ھەقىقىي بىر ئىسلامى جەمئىيەت قۇرۇشتا، باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن ئېغىرچىلىق ۋە خۇشاللىقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، جامائىۋى ھاياتتا چوڭ رول ئوينىدى.
مەنبە:
نۇر ئىسلام |