بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

سەلىم مەۋلا ئەبۇ ھۇزەيفە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)

رەسۇلۇللا بىر قېتىم ساھابىلىرىغا تەلىم بېرىپ:

- قۇرئان كەرىمنى تۆت ئادەمدىن ئۆگىنىڭلار: سەلىم مەۋلا ئەبۇ ھۇزەيفە، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد، ئۇبەي ئىبنى كەئب ۋە مۇئاز ئىبنى جەبەل، - دېگەن ئىدى. بىز كېيىنكى ئۈچ ساھابە توغرىلىق ئىلگىرى توختالغان ئىدۇق، ئەمما رەسۇلۇللا ئۇنىڭ قۇرئان ئۆگىنىشتىكى يۈكسەك قابىلىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشەنچ باغلىغان يەنە بىر ئادەم كىم؟ ئۇ - سەلىم مەۋلا ئەبۇ ھۇزەيفە.

سەلىم بىر قۇل بولۇپ، ئۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلگىرى قۇرەيشنىڭ كاتتىلىرىدىن بولغان بىر مۇسۇلمان ئۇنى بېقىۋالدى. بېقىۋېلىش ئادىتى (بېقىۋېلىنغان ئادەم بېقىۋالغان دادىسىنىڭ بالىسى دەپ قارىلىدۇ) چەكلەنگەن چاغدا، سەلىم ئۇنى بېقىۋالغان ئەبۇ ھۇزەيفە ئىبنى ئۇتبەنىڭ قېرىندىشى، ھەمراھى ۋە مەۋلا (يەنى ھامىيلىقىدىكى ئادەم) بولدى. ئىسلامنىڭ بەرىكىتىدىن سەلىم مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىدىكى گۈزەل ئەخلاقى ۋە اللەغا ئسلام دىنىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سەۋەبىدىن يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.

سەلىم ۋە ئەبۇ ھۇزەيفە ئىككىلىسى ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلاردىن بولۇپ، ئەبۇ ھۇزەيفە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە ئازار- كۈلپەت كەلتۈرۈپ، دۈشمەنلىك قىلىشتا چەكتىن ئاشقان دادىسى ئۇتبە ئىبنى رابىئەنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىمان ئېيتقان ئىدى. قۇرئاندىكى بېقىۋېلىش ئادىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئايەت نازىل بولغان چاغدا، باشقىلار زەيد بىلەن سەلىمنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىت قىلدى. زەيد ئىبنى مۇھەممەد دەپ تۇنۇلغان زەيد ئۆز دادىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ زەيد ئىبنى ھارىسە دەپ چاقىرىلدى. ئەمما زەيد ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆ دادىسىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ئىلگىرىكىدەكلا ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ ھامىيلىقىدا بولدى ۋە سەلىم مەۋلا ئەبۇ ھۇزەيفە (ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ ھامىيلىقىدىكى سەلىم ) دەپ ئاتالدى. بېقىۋېلىش ئادىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق، ئىسلام بىر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئۇيۇشىشىنى تەكىتلىدى، ئەمما ئىسلامى ئىتتىپاقلىقنىڭ ۋە قېرىنداشلىقنىڭ ئاساسى بولغان ئىمانى مۇناسىۋەتتىن ئۇلۇغراق ۋە كۈچلۈكرەك بولغان ئىككىنچى بىر مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. دەسلەپكى مۇسۇلمانلار بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنەتتى. ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە اللە ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرىدىن قالسا، ئىمانى قېرىنداشلىقتىن سۈيۈملۈكرەك نەرسە يوق ئىدى.

بىز مەدىنىدىكى ئەنسارىلاررنىڭ مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ بارغان مۇھاجىرلانى قانداق قرشى ئالغانلىغىنى ۋە قۇبۇل قىلغانلىغىنى،ئۆزىنىڭ ئۆيى ۋە مال- دۇنياسىدىن مۇھاجىرلارنى ئوخشاش بەھرىمەن قىلغانلىغىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. قۇرەيش كاتتىلىرىدىن بولغان ئەبۇ ھۇزەيفە ۋە ئۇنىڭ ئەرزىمەس، ئاددى قۇلى سەلىم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن بىز دەل ئىسلامى قېرىنداشلىقنىڭ ئېسىل نەمۇنىسىنى كۆرىۋالالايمىز. ئۇلار ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرلىرىغىچە بىر تۇغقاندىنمۇ يېقىنراق ھالەتتە ياشىدى، ۋاپات بولغاندىمۇ بىرسىنىڭ جەسىدى يەنە بىرسىنىڭ يېنىدا، روھى بىر- بىرىگە ھەمراھ بولغان ھالەتتە بىرلىكتە اللەنىڭ دەرگاھىغا كەتتى. ئەنە شۇ- ئىسلامنىڭ بىردىنبىر ئۇلۇغلۇقى ئىدى. ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى اللەنىڭ نەزىرىدە ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيتتى، پەقەت قۇرئان كەرىمدە كۆرسىتىلگەن ئىمان ۋە تەقۋادارلىقلا ئەڭ مۇھىم ئىدى. رەسۇلۇللا ئۆزىنىڭ ھەدىسلىرى ئارقىلىق بۇنى قايتا- قايتا تەكىتلىدى. اللە قۇرئان كەرىمدە:

- "ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلار اللەنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر"، - دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

- ئەرەپلەرنىڭ ئەرەپ بولمىغانلاردىن تەقۋادارلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق، - دېدى، ئۇ يەنە:

- ئاق تەنلىك ئايالنىڭ بالىسىنىڭ، قارا تەنلىك ئايالنىڭ بالىسىدىن تەقۋادارلىقتىن باشقا ئارتۇقچىلىقى يوق، - دېدى.

يېڭى ۋە ھەققانى بولغان ئىسلام جەمئىيىتىدە، ئەبۇ ھۇزەيفە بىر قۇلنى ھامىيلىقىغا ئېلىش ئارقىلىق شەرەپكە ئېرىشتى. بۇ باراۋەر بولمىغان سىنىپى ئايرىمىچىلىق ۋە خاتا ئىجتىمائى پەرقلەرنى تۈپتىن يۇقىتىدىغان يېڭى ۋە توغرا يېتەكلەنگەن ئىسلامى جەمئىيەتتە، سەلىم ئۆزىنىڭ ئىمانى ۋە قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرىدىغان روھى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇردى. ئۇ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارنىڭ " ئىمامى " بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قوللىرى بىلەن ياسالغان قۇبا مەسجىدىدە ئۇلارنى باشلاپ ناماز ئوقۇيتتى. ئۇنىڭ اللەنىڭ كىتابىدىن ئىگىلىگەن چوڭقۇر بىلىمى ۋە يۈكسەك قابىلىيىتى بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭدىن قۇرئان ئۆگىنىشكە چاقىردى. سەلىم اللەنىڭ مۇھەببىتىگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:

- مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە ساڭا ئوخشاش كىشىلەرنى ياراتقان اللەغا ھەمدۇ- سانا ئېيتىمەن، - دېگەن ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنى "سەلىم مىنەسسالىھىين (يەنى سالىھلارنىڭ بىرى سەلىم)" دەپ چاقىرىشاتتى. سەلىمنىڭ ھېكايىسى خۇددى بىلال قاتارلىق ئونلىغان قۇللار ۋە پېقىرلارنىڭ ھېكايىسىغا ئوخشاشلا بولۇپ، ئىسلام ئۇلارنى قۇللۇقتىن ۋە پەس ئورۇندىن يۇقىرى ئورۇنغا كۆتىرىپ، ئۇلارنى ھەققانى ۋە يېتەكچى بولغان بىر جەمئىيەتتە ئىمام، رەھبەر ۋە ھەربى قۇماندانلارغا ئايلاندۇردى.

سەلىمنىڭ مىجەز- خۇلقى پۈتۈنلەي ئىسلامى گۈزەل ئەخلاقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرسى ئۇنىڭ ئوچۇق سۆزلىكى ئىدى. ئۇ بىرەر خاتالىق يۈز بېرىپ قالسا، دادىللىق بىلەن ئۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ ھېسابلايتتى. مەككە فەتىھ بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن تۆۋەندىكى ھەممىگە تۇنۇشلىق بولغان ۋەقە بىزگە بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا- قىشلاق ۋە قەبىلىلەرگە ئۆزىنىڭ بەزى ساھابىلىرىنى ئەۋەتتى ھەمدە ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا چاقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى قاتتىق تەكىتلىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا جاھىلىيەت ۋاختىدىكى بىر كونا ھېسابنى قىلىش ئۈچۈن، ھازىر مۇسۇلمان بولۇپ ئىمان ئېيتقان بىر ئادەم بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتى. دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ئىچىدە سەلىم ۋە باشقىلارمۇ بار ئىدى، سەلىم خالىدنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى قاتتىق ئەيىپلىدى. جاھىلىيەت ۋاختىدا ۋە ھازىر ئىسلامدا بۈيۈك رەھبەر ۋە ھەربى قۇماندان بولغان خالىد بىر ھازا جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتى، ئاندىن ئۇ قاتتىق غەيرەت قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولدى، ئەمما سەلىم ئورنىدىن تۇرپ، خالىدنىڭ كەچۈرگۈسىز گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇچۇق ئېيتتى. سەلىم خالىدقا پەس بىر قۇلنىڭ مەككىلىك كۈچلۈك بىر ئاقسۆڭەككە قىلغان مۇئامىلىسىدەك مۇئامىلە قىلمىدى. ئىسلام ئۇلارنى باراۋەر ئورۇنغا ئېرىشتۈردى. ئۇ خالىدنى باشلىق بولغاچقا خاتالىقلىرى تىلغا ئېلىنمىسىمۇ بولىدىغان ئادەم دەپ قاراپ قالمىدى، بەلكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا باشقىلار بىلەن ئوخشاش دەپ مۇئامىلە قىلدى. ئۇ بۇنى خالىدقا بولغان ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك سەۋەبىدىن قىلغان بولماستىن، بەلكى ئىسلام ئۆگەتكەن سەمىمى نەسىھەت ۋە ئورتاق بولغان ئۆزىنى تەنقىت قىلىش ھېسسىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە قىلغان ئىدى. بىر بىرىگە بولغان بۇنداق سەمىمىيەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتا- قايتا تەكىتلەپ:

- دىن- نەسىھەتتۇر، دىن- نەسىھەتتۇر، دىن- نەسىھەتتۇر، - دېگەن ئىدى. خالىدنىڭ قىلغان ئىشى رەسۇلۇللاغا ئاڭلانغان چاغدا، ئۇ چوڭقۇر ھەسرەتلىنىپ، پەرۋەردىگارىغا چىن كۆڭلىدىن يالۋۇرۇپ، ئۇزۇن دۇئا قىلدى:

- "ئى رەببىم، خالىدنىڭ قىلغان ئىشىدا مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ نەزىرىڭدە پاكمەن"، ئاندىن ئۇ سورىدى:

- بىرەرىڭلار ئۇنى ئەيىپلىمىدىڭلارمۇ؟

- سەلىم ئۇنى ئەيىپلىدى ۋە قارشى تۇردى، - دېگەن جاۋاپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزىۋى بېسىقتى.

سەلىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇئمىنلارغا يېقىن ھالەتتە ياشىدى. ئۇ ئىبادەتكە قىلچىمۇ سۇسلۇق قىلمايتتى ۋە ھېچبىر غازاتتىن قىپقالمىغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بارغانسېرى كۈچىيىپ باردى.

اللەنىڭ بۈيۈك پەيغەمبىرى (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن) ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەبۇ بەكرى خەلىفە بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي كەززاپ مۇسەيلىمەنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان سۈيقەستىگە دۇچ كەلدى ۋە يەمامەدە قاتتىق ئۇرۇش بولدى. ئەرەبىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا يۈرۈش قىلغان قۇشۇن ئىچىدە، سەلىم ۋە ئۇنىڭ "قېرىندىشى" ئەبۇ ھۇزەيفەمۇ بار ئىدى. ئۇرۇش دەسلەپ باشلانغان چاغدا، مۇسۇلمانلار ھەممىسى ئۆز ئالدىغا يەككە ئۇرۇش قىلغاچقا، كۈچ بۆلۈنۈپ كېتىپ مۇسۇلمانلار ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئەمما خالىد ئىبنى ۋەلىد مۇسۇلمانلارنى يېڭىۋاشتىن تەشكىللەپ، قۇشۇننى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ماسلاشتۇردى. ئەبۇ ھۇزەيفە ۋە سەلىم بىر- بىرىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، سۇنماس ھەقىقەت بولغان ئىسلام يولىدا شېھىت بولۇشقا، شۇ ئارقىلىق ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك بەخىتكە ئېرىشىشكە قەسەم بېرىشتى. ئەبۇ ھۇزەيفە مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ:

- ئى ئەھلى قۇرئان! ئۆزەڭلارنىڭ ئەمىلى بىلەن قۇرئان كەرىمنى زىننەتلەڭلار، - دەپ توۋلىدى- دە، مۇسەيلەمەنىڭ قۇشۇنى ئىچىگە قۇيۇندەك كىرىپ كەتتى. ئاندىن سەلىم:

- ئەگەر مۇسۇلمانلار مەن تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، مەن قۇرئان يادلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋىنى بولۇپ قالمامدىمەن!؟ ئى سەلىم، ئۇنداق بولۇشتىن ساقلان، قۇرئانغا لايىق ئادەم بول! ـ دەپ توۋلىدى دە، ئۇرۇش قاينىمىغا بۈسۈپ كىرىپ كەتتى. مۇھاجىرلارنىڭ بايراقچىسى زەيد ئىبنى خەتتاب يېقىلدى. سەلىم دەرھال بايراقنى كۆتىرىپ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ ئوڭ قۇلى ئۈزۈپ تاشلاندى، ئاندىن ئۇ بايراقنى سول قۇلى بىلەن كۆتىرىپ، شەرەپلىك قۇرئان كەرىمنىڭ تۆۋەندىكى ئايەتلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇشقا باشلىدى:

- "نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار اللە يۇلىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بۇشاشمىدى، باش ئەگمىدى. اللە ئۆزىنىڭ يۇلىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ" . (سۈرە ئال ئىمران 146- ئايەت)

ئۇرۇش مەيدانىغا نىسبەتەن بۇ نېمە دېگەن تەسىرلىك ئايەت! ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئىسلام ئۈچۈن تەقدىم قىلغانلارغا بۇ نېمە دېگەن ياخشى بېغىشلىما!

دۈشمەنلەرنىڭ بىر ھۇجۇمى سەلىمنى ھالسىرىتىپ قويدى، سەلىم يېقىلدى. ئۇرۇش ئاخىرى مۇسەيلەمەنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ چاغدا سەلىمنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى قالغان ئىدى. مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ يارىدارلىرىنى ۋە شېھىتلارنى ئىزدەۋاتقاندا سەلىمنى تېپىشتى.سەلىم ناھايىتى ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، باشقىلاردىن:

- ئەبۇ ھۇزەيفە قېنى؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار:

- ئۇ شېھىت بولدى، - دەپ جاۋاپ بېرىشتى.

- ئۇنداق بولسا مېنى ئۇنىڭ يېنىدا ياتقۇزۇپ قويۇڭلار، - دېدى سەلىم.

- ئۇ سىنىڭ يېنىڭدا، سەلىم، ئۇ مۇشۇ يەردە شېھىت بولدى.

سەلىم سۇس كۈلۈمسىرىدى، ئاندىن ھېچنەرسە دېمىدى. ھەر ئىككەيلەن ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. ئۇلار بىللە ئىسلام دىنىغا كىردى، بىللە ياشىدى، بىللە شېھىت بولدى.

سەلىم، بۇ- مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك ئۈلگىسى پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىغا كەتتى. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب سەلىم شېھىت بولغاندا، مۇنداق دېگەن ئىدى:

- ئەگەر سەلىم ھايات بولغان بولسا، مەن ئۇنى ئورۇنباسارلىققا تەيىنلىگەن بۇلاتتىم.

 مەنبە: نۇر ئىسلام

ساھابىلەر ھاياتى سەھىپىسىگە قايتىش>>

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org