بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

سۇھەيل ئىبنى ئەمىر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)

 بەدر غازىتىدا، سۇھەيل مۇسۇلمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەندە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:

- ئى رەسۇلۇللا! مەن سۇھەيل ئىبنى ئەمىرنىڭ ئىككى ئۇتتۇر چىشىنى چىشىنى يۇلىۋىتەي، ئۇ بۇندىن كېيىن سېنىڭ زىيىنىڭغا سۆز قىلمايدىغان بولسۇن - دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

- ئى ئۆمەر! ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەن ھېچكىمنى ناكا قىلمايمەن، بولمىسا مەن پەيغەمبەر بولساممۇ اﷲ مېنى ناكا قىلىدۇ، - دېدى ۋە ئۆمەرنى يېنىغا چاقىرىپ:

- ئى ئۆمەر! بەلكىم سۇھەيل كەلگۈسىدە سېنى خۇشال قىلىدىغان ئىش قىلىشى مۇمكىن، - دېدى.

سۇھەيل ئىبنى ئەمىر قۇرەيشنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئادەم ئىدى. ئۇ ئەقىللىق ۋە گەپ - سۆزگە ئۇستا بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا گېپى ئۆتەتتى. ئۇ قۇرەيشنىڭ باياناتچىسى ۋە ناتىقى ئىدى ھەمدە مەشھۇر ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ھىجىرىيىنىڭ 6- يىلىنىڭ ئاخىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە 1500دەك ساھابىلەر مەككىدىن مەدىنىگە ئۆمرە قىلىشقا ماڭدى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇرۇش ئۈچۈن قۇراللانماي، پەقەت يۇلۇچىلار ئىشلىتىدىغان خەنجەرلىرىنىلا ئېلىۋېلىشقان ئىدى. ئۇلار يەنە ھەقىقەتەن ھەج قىلىشقا ماڭغانلىغىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قۇربانلىق قىلىدىغان ماللارنىمۇ ئېلىۋېلىشقان ئىدى. قۇرەيش ئۇلارنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىغىنى ئۇقۇپ، دەرھال ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلاندى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ھەرگىزمۇ مەككىگە كىرگۈزمەسلىككە قەسەم قىلىشتى. خالىد ئىبنى ۋەلىد مۇسۇلمانلارنىڭ يۇلىنى ئۈزىۋېتىش ئۈچۈن، ئاتلىق قۇشۇنغا باش قىلىنىپ ئەۋەتىلدى. خالىدنىڭ قۇشۇنى مۇسۇلمانلارنى «كارائىل غەمىم» دېگەن يەردە كۈتۈپ تۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خالىدنىڭ ئىشلىرىنى ئالدىنئالا بىلگەن ئىدى. گەرچە قۇرەيش مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھازىر قۇرەيش ئارمىيىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشنى ياقتۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەردىن:

- ئاراڭلاردىن كىم بىزنى قۇرەيشكە ئۇچراشتۇرماي، باشقا يول بىلەن مەككىگە ئېلىپ بارىدۇ؟ - دەپ سورىدى. ئەسلەم قەبىلىسىدىن بىر ئادەم:

- مەن ئېلىپ بارىمەن، - دەپ، مۇسۇلمانلارنى ئەگرى- تۇقاي يوللار بىلەن ئېلىپ (باشلاپ) مېڭىپ، ئاخىرى مەككىگە جەنۇپ تەرەپتىن يېقىنلاشتى. خالىد ئەھۋالنى چۈشىنىپ دەرھال ئۇلارنى تۇسۇش ئۈچۈن مەككىگە قايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇدەيبىيەگە يېقىن بىر جايغا جايلىشىپ، ئەگەر قۇرەيش مۇشۇ مۇقەددەس چاغنى ۋە مۇقەددەس ئورۇننى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن قانداق شەرت قويسا قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى ئېيتتى. قۇرەيش بەدىل ئىبنى ۋەرەقە باشچىلىغىدا خۇزائە قەبىلىسىدىن بىر توپ ئادەمنى مۇسۇلمانلارنىڭ نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلىپ كىلىشكە ئەۋەتتى. بەدىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاندىن قۇرەيىشنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان خۇزائە قەبىلىسىدىن بولغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى:

- مۇھەممەد ئۆمرە قىلىشنى نىقاپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە باشلاپ كىلەمدىكەن؟ ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۇرۇش ھالىتى مەۋجۇت تۇرسا، ئەگەر ئەرەپلەر بۇنى ئاڭلىسا مۇھەممەد زورلۇق بىلەن مەككىگە كىرىپتۇ دىمەمدۇ ؟ اﷲ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ مەككىگە كىرىشىگە ھەرگىز قۇشۇلمايمىز، - دىيىشتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرەيىشنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئەھابىش قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ھەلىس ئىبنى ئەلقەمەنى ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا اﷲنىڭ سالامى بولسۇن) ھەلىسنى كۆرۇپ ساھابىلارغا:

- بۇئادەم مال قۇربانلىق قىلىشنى ناھايىتى چوڭ بىلىدىغان بىر قەبىلىدىن، ھەقىقەتەن ھەج قىلغىلى كەلگەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش ئۇچۇن قۇربانلىق قىلىدىغان ماللارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويۇڭلار، - دېدى، ئۇلار شۇنداق قىلىشتى. ھەلىس كىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ «لبيك اللّهم لبيك» دەپ توۋلاپ تەلبىيە ئېيتىۋاتقان ھالىتىنى كۆردى. ئۇ قايتىپ بېرىپ قۇرەيىشكە :

- اﷲ پاكتۇر، بىز ئۇلارنى مەككىگە كىرىشتىن توسساق بولمىغۇدەك، لەخەم، جوزام، ھىميەر قەبىلىلىرى بەيتۇللانى زىيارەت قىلىۋاتقان يەردە، مۇتەللىپنىڭ ئوغلىنى اﷲنىڭ ئۆيىدىن (بەيتۇللادىن) تۇسامدۇق ؟ كەئبىنىڭ ئىگىسى بولغان اﷲ بىلەن قەسەمكى، اﷲ قۇرەيشنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن! ئۇلار جەزمەنكى ئۆمرە قىلغىلى كەپتۇ، - دېدى. قۇرەيىش بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنى مەنسىتمىگەن ھالدا:

- جىم ئولتۇر! سەن پەقەت كۆچمەن چارۋىچى بىر ئەرەپ، سۈيقەستنى ۋە ھىيلە - مىكىرنى بىلمەيدىغان سەھرالىقسەن، - دىيىشتى. ئاندىن ئۇلار تائىف خەلقىنىڭ باشلىقى ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇدنى ئەھۋالنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:

- ئى مۇھەممەد! سەن بۇ ساياق ئادەملەرنى يىغىپ، ئۆز قەۋمى- قېرىنداشلىرىڭنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۇن، تۇغۇلغان يېرىڭگە قايتىپ كەپسەن، قۇرەيش سېنىڭ زورلۇق بىلەن مەككىگە كىرىشىڭنى توسۇش ئۈچۈن اﷲ ئالدىدا قەسەم بېرىشتى. اﷲ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئادەملەر سېنى چۇقۇم تاشلاپ كېتىدۇ، - دېدى. ئەبۇبەكرى بۇنى ئاڭلاپ، ئۇرۋەگە:

- ۋاي زاۋال تاپقۇر! بىز ئۇنى تاشلاپ كېتەمدۇق؟ - دېدى. ئۇرۋە سۆزلەۋاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقىلىغا قول يەتكۈزگەن ئىدى، مۇغىرە ئىبنى شۇئىبە:

- قولۇڭنى تارت!- دەپ ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى. ئۇرۋە چېچىلغان ھالدا:

- ئىست ساڭا! سەن نېمە دېگەن قۇپال!- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ كەتتى.

- بۇ ئادەم كىم، ئى مۇھەممەد؟ - سورىدى ئۇرۋە.

- سېنىڭ بىر نەۋرە قېرىندىشىڭ مۇغىرە ئىبنى شۇئبە.

- ھەي خائىن!

ئۇرۋە مۇغىرەگە غەزەپلىنىپ، ئۇنى ھاقارەتلەشكە باشلىدى، ئاندىن ئۇ ساھابىلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.ئۇ ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر بۇيرۇق چىقارسىلا دەرھال ئورۇندايدىغانلىغىنى، تاھارەت ئالسا، سۇنى تالىشىپ كېتىدىغانلىغىنى، ئۇنىڭ ئالدىدا سۆزلىسە ئاۋازىنى تۆۋەن قىلىدىغانلىغىنى، ئۇنى ھۆرمەتلەپ كۆزىگە تىكىلىپ قارىمايدىغانلىغىنى كۆردى. قايتقاندىن كېيىن قۇرەيش خەلقىگە:

- اﷲ بىلەن قەسەمكى، ئى قۇرەيش خەلقى، مەن كىسرا (ئىران پادىشاسى)، قەيسەر (رۇم پادىشاسى)، نەجاشىلارنىڭ ھۇزۇرىدا بولدۇم. لېكىن مۇھەممەدنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ھۆرمىتىنى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدە كۆرمىدىم. مۇھەممەدنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيدۇ. ئويلاپ بېقىڭلار، ئۇ سىلەرگە توغرا بىر تەكلىپنى بېرىۋاتىدۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، مەن سىلەرگە سەمىمىلىك بىلەن نەسىھەت قىلاي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىڭلارغا كۆزۈم يەتمەيدۇ، - دېدى. قۇرەيش:

- مۇنداق گەپلەرنى قىلما، ئۇنى بۇ يىل قايتۇرىۋىتەيلى، كېيىن كەلسۇن، - دېيىشتى.

- شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمان ئىبنى ئەففاننى قۇرەيش كاتتىۋاشلىرىغا مەككىگە كېلىشتىكى مەقسىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇغقانلىرىنى يوقلىشىغا ئىجازەت سوراش ئۈچۈن ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسماننى مەككىدە قالغان ئاجىز مۇسۇلمانلارغا غەلبىنىڭ يېقىنلىغى ۋە اﷲنىڭ دىنىنىڭ غالىپلىقى توغرىسىدا خۇشخەۋەر يەتكۈزۈشكە تەۋسىيە قىلدى. ئوسمان قۇرەيشكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى، ئەمما ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەككىگە كىرگۈزمەسلىك قارارىدا چىڭ تۇردى. ئۇلار ئوسماننىڭ كەئبىنى ئايلىنىپ تاۋاپ قىلسا بولىدىغانلىغىنى ئېيتتى، ئەمما ئوسمان:

- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاۋاپ قىلىشتىن چەكلەنگەن تۇرۇغلۇق، مەن تاۋاپ قىلمايمەن، - دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇلار ئوسماننى سولاپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن: ئوسمان ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، دېگەن خەۋەر تارقالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال پۇزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ:

- مۇشرىكلار بىلەن ئېلىشمىغىچە قايتمايمىز، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن بەيئەت قىلىشقا چاقىردى. جاكارچى چىقىپ:

- ئى خالايىق! بەيئەت قىلىڭلار، بەيئەت قىلىڭلار، - دەپ توۋلىدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغان دەرخنىڭ ئاستىغا يىغىلىپ، ئۇرۇش قىلىش توغرىلىق بەيئەت قىلىشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھېلىقى تاقالغان گەپنىڭ يالغانلىغى مەلۇم بولدى. قۇرەيش خەلقى قورقۇپ، سۇھەيل ئىبنى ئەمىرنى رەسۇلۇللا بىلەن سۈلھىلىشىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەككىگە كىرمەي، مەدىنىگە قايتىپ كېتىشكە كۆندۈرۈشكە ئەۋەتتى. سۇھەيل ئېنىقكى ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى، قابىللىقى ۋە سۈلھى تۈزۈشتىكى چىچەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ئىشقا تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇھەيلنىڭ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، قۇرەيشنىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى چۈشەندى ۋە:

- ئۇلار سۈلھىلەشمەكچى بوۇپ، بۇ ئادەمنى ئەۋەتىپتۇ، - دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە سۇھەيل ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئۇزۇن داۋاملىشىپ، ئاخىرى پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. ئۆمەر ۋە باشقىلار كېلىشىمنىڭ بەزى ماددىلىرىنى ئىسلام ئىشلىرىغا زىيانلىق، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر مەغلۇبىيەت دەپ قاراپ ناھايىتى نارازى بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ:

- ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، مەن اﷲنىڭ بۇيرۇقىغا ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايمەن، اﷲ مېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ، - دېدى، ئاندىن ئۇ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپنى چاقىرىپ، سۈلھىنىڭ مەزمۇنلىرىنى يېزىشقا بۇيرىدى:

- «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اﷲنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دەپ يازغىن، - دېۋىدى، سۇھەيل گەپ قىستۇرۇپ:

- مەن بۇ گەپنى ئۇقمايمەن، «بسمك اللّهم» ( ئى اﷲ، سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن باشلايمەن) دەپ يازغىن، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماقۇل بولۇپ ئەلىنى «بسمك اللّهم» دەپ يېزىشقا بۇيرىدى، ئاندىن:

- اﷲنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد (ئۇنىڭغا اﷲنىڭ سالامى بولسۇن) سۇھەيل ئىبنى ئەمىر بىلەن شۇنداق دەپ سۈلھى قىلىدۇكى... دەپ يازغىن، - دېدى، سۇھەيل رەت قىلىپ:

- ئەگەر مەن سېنىڭ ھەقىقەتەن اﷲنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭگە ئىشەنگەن بولسام، سەن بىلەن ئۇرۇشمىغان بۇلاتتىم، ئۆزەڭنىڭ ئىسمىنى ۋە داداڭنىڭ ئىسمىنى يازغىن، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغىمۇ ماقۇل بولۇپ ئەلىنى:

- مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا سۇھەيل ئىبنى ئەمىر بىلەن شۇنداق دەپ سۈلھى قىلىدۇكى...، - دەپ يېزىشقا بۇيرىدى. ئۇلار كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە زىيانكەشلىك قىلماي بىخەتەر ياشىشى ئۈچۈن، 10 يىلغىچە ئۇرۇش قىلماسلىق، ئەگەر قۇرەيشتىن بىر كىم ئۆزىنىڭ ۋەلىسىنىڭ رۇخسىتىسىز مۇھەممەد تەرەپكە قېچىپ كەلسە،مۇھەممەد ئۇنى قۇرەيشكە قايتۇرۇپ بېرىش، مۇھەممەدنىڭ يېنىدىن بىر كىم قۇرەيشكە قېچىپ بارسا، قۇرەيش ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. سۇھەيل مەككىلىكلەرنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاپ قالدى. ئۇ بۇ سۈلھىدە ئىمكانقەدەر قۇرەيشنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ قالماقچى بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇ بۇلارنى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەڭ قۇرساقلىغى بىلەنلا قىلالىدى.

ھۇدەيبىيە سۈلھىسى تۈزۈلۈپ ئىككى يىلغىچە مۇسۇلمانلار قۇرەيشتىن خاتىرجەم بولۇپ، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدى. ئەمما ھىجرەتنىڭ 8- يىلى قۇرەيش سۈلھىنىڭ ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىتتىپاقدىشى خۇزائە قەبىلىسىگە قارشى بەنۇ بەكىر قەبىلىسىگە ياردەم بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە يۈرۈش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئەمما ئۇنىڭ مەقسىتى قىساس ئېلىشلا ئەمەس ئىدى. 10 مىڭ مۇسۇلمان رامىزان ئېيىدا مەككىگە توپلاندى. قۇرەيش مۇسۇلمان ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرالمايدىغانلىغىغا كۆزى يەتتى. مۇسۇلمانلارنى قاتتىق ئازاپلىغان ۋە زىيانكەشلىك قىلغان، ئۇلارغا ئازار بەرگەن، ئۇلارنى يەكلىگەن، ئۆيلىرىدىن، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقارغان، باشقىلارنى ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتقان، ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچقان قۇرەيشلەرنىڭ ھالى قانداق بۇلار؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەھەرنى قولغا ئالدى. ئۇ قۇرەيشنىڭ باشلىقلىرىغا ناھايىتى كەڭ قۇرساقلىق ۋە كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئۇ ناھايتى ھېسداشلىققا تولغان سەمىمى ئاۋازدا:

- ئى قۇرەيش خەلقى! مېنى سىلەرنى قانداق قىلىدۇ دەپ ئويلاۋاتىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. شۇ چاغدا تېخى تۈنۈگۈنلا ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىدىن بولغان سۇھەيل جاۋاپ بېرىپ:

- سەن بىزنىڭ مەرت قېرىندىشىمىز ۋە مەرت قېرىندىشىمىزنىڭ ئوغلى. بىز سېنى بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ ئويلايمىز، - دېدى. اﷲنىڭ سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىنىڭ چىھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ئاندىن ئۇلارغا:

- بېرىڭلار، ھەممىڭلار ئازاد، - دەۋەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقارقىدەك ھېسداشلىقى، ئېسىل وەزىلىتى، ياخشىلىقلىرى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈپ،سۇھەيل قاتتىق تەسىرلەندى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلامىنى ياكى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲغا ئىتائەت قىلىدىغانلىغىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ئىسلامنى قۇبۇل قىلىشى ھەرگىزمۇ يىڭىلگەن بىر ئادەمنىڭ ئۆز تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ ئىسلامنى قۇبۇل قىلىشى ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى بىزگە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل ئەخلاقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، گۈزەللىكى سەۋەبىدىن ئىسلامنى قۇبۇل قىلغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

مەككە فەتىھ قىلىنغان كۈنى مۇسۇلمان بولغانلارغا «تۇلاقە (ئازاد قىلىنغانلار)» دەپ نام بېرىلدى. ئۇلار ئىسلام ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى بەخىتكە ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنى اﷲنىڭ ئىبادىتىگە ۋە نۇرغۇن يىللاردىن بېرى قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ بۈيۈك دىننىڭ يۇلىدا قۇربان بېرىشكە ئاتىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرراقى سۇھەيل ئىبنى ئەمىر ئىدى. ئىسلام ئۇنى يېڭى بىر ئادەم قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى تالانتى ئەمدى ئوبدان جارى قىلدۇرۇلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق قابىلىيىتى ۋە تالانتىنى ھەقىقەت، ياخشىلىق ۋە ئىماننىڭ يوللىرىغا سەرپ قىلدى. ئۇنى مەشھۇر قىلغان ئېسىل پەزىلەتلەرنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ: مىھرىبانلىق، سېخىلىق، دائىملىق ئىبادەت، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، اﷲدىن قورقۇپ يىغلاش. ئەنە شۇلار سۇھەيلنىڭ بۈيۈكلىكى ئىدى. گەرچە ئۇ ئىسلامنى كېيىن قۇبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر شەخسىيەتسىز ئابىد (ئىبادەت قىلغۇچى) ۋە اﷲنىڭ يۇلىدىكى بىر پىدائى جەڭچى بولدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا اﷲنىڭ سالامى بولسۇن) ۋاپات بولغان چاغدا، بۇ خەۋەر تېزلىك بىلەن مەككىگە يېتىپ كەلدى. سۇھەيل بۇ چاغدا مەككىدە ئولتۇراقلاشقان ئىدى. مەككىدىكى مۇسۇلمانلار مەدىنىدىكىلەرگە ئوخشاشلا قايمۇقۇش ۋە ئۈمىتسىزلىك ھېسسىياتىغا چۆمدى. مەدىنىدە ئەبۇ بەكرى (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) تۆۋەندىكى قەتئى سۆزلىرى بىلەن بۇ قايمۇقۇشنى تۈگەتتى:

- كىمكى مۇھەممەدكە ئىبادەت قىلىدىكەن، مۇھەممەد ئۆلدى. كىمكى اﷲغا ئىبادەت قىلىدىكەن، اﷲ تىرىكتۇر، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆلمەيدۇ!

مەككىدىمۇ سۇھەيل بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولغان خاتا كۆز قاراشلارنى تۈگىتىشتە ئوخشاش رول ئويناپ، ئۇلارنى ئىسلامنىڭ مەڭگۈلۈك ھەقىقىتىگە يېتەكلىدى. ئۇ مۇسۇلمانلارنى يىغىپ ئۆزىنىڭ گۈزەل ۋە شېرىن سۆزلىرى ئارقىلىق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقەتەن اﷲنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۈيۈك ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ، اﷲنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ۋە سۈننىتىگە ئەگىشىپ مېڭىشى زۈرۈرلىگىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى داۋالغۇشنى تۈگەتتى. شۇ كۈنى ئىلگىرى رەسۇلۇللانىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزلىرى رېئاللىققا ئايلاندى. بەدىر غازىتىدا ئۆمەر سۇھەيلنىڭ چىشلىرىنى يۇلىۋېتىش ئۈچۈن ئىجاەت سورىغاندا، رەسۇلۇللا ئۇنىڭغا:

- ئۇلارنى قالدۇرۇپ قوي، كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇلار ساڭا خۇشاللىق بېغىشلىشى مۇمكىن، - دېگەن ئەمەسمىدى!؟

سۇھەيلنىڭ مەككىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سۆزلىگەن قايىل قىلارلىق نۇتۇقلىرى ۋە ئۇنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىنىڭ خەۋىرى مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلارغا يېتىپ كەلگەندە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى ئېسىگە ئالدى. ئىسلام دىنى سۇھەيلنىڭ ئۆمەر يۇلىۋەتمەكچى بولغان ئىككى چىشىدىن پايدىغا ئېرىشىدىغان كۈن يېتىپ كەلگەن ئىدى.

سۇھەيل مۇسۇلمان بولغان چاغدا، ئۇ ئۆزىگە تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن قەسەم قىلدى: ئۆزىنى ئىسلام ئۈچۈن بېغىشلاش، ئىسلام ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ، ئۇ بۇرۇن مۇشرىكلارنىڭ مەنپەئەتىگە سەرپ قىلغانچىلىك سەرپ قىلىش؛ ئۇ ئىلگىرى مۇشرىكلار بىلەن بىللە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتلارنى بۇتلارنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ئىدى، ھازىر ئۇ مۇئمىنلار بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇن ۋاقىتلارنى بىر اﷲنىڭ ئالدىدا ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزدى؛ ئىلگىرى ئۇ مۇشرىكلار تەرەپتە تۇرۇپ، ئىسلامغا قارشى نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا قاتناشقان ئىدى، ھازىر مۇسۇلمانلار ئارمىيىسىدە تۇرۇپ غەيرەت بىلەن جەڭ قىلدى. پىرسىيىگە ۋە تەڭسىزلىك، ئىكىسپىلاتتاتسىيەگە تولغان ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىگە قارشى ئۇرۇشتا ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى. مۇشۇ جەڭگىۋارلىقى بىلەن ئۇ مۇسۇلمانلار ئارمىيىسى بىلەن بىللە سۈرىيەگە ئاتلىنىپ، ۋىزانتىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان شىددەتلىك يەرمۇك ئۇرۇشىغا قاتناشتى.

سۇھەيل ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنى تۇلىمۇ ياخشى كۆرەتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سۈرىيەدىكى غەلبىسىدىن كېيىن، مەككىگە قايتىپ كېتىشنى رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

- مەن رەسۇلۇللانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ اﷲ يۇلىدا بىر قەدەم ئالغا مېڭىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئائىلىسىدىكى دۇنيا ئىشلىرىدىن ئارتۇقتۇر» .

 ئاندىن ئۇ قەسەم قىلدى:

- مەن تاكى ۋاپات بولغىچە اﷲنىڭ يۇلىدا مۇرابىت بۇلىمەن، ھەرگىز مەككىگە قايتمايمەن.

ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا ئۆزىنىڭ شۇ ۋەدىسىدە چىڭ تۇردى. پەلەستىندىكى يېرۇسالىمغا يېقىن ئەمەۋاس دىيىلىدىغان كىچىك كەنتتە ئالەمدىن ئۆتتى.

 مەنبە: نۇر ئىسلام

ساھابىلەر ھاياتى سەھىپىسىگە قايتىش>>

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org