|
ئۇبەي ئىبنى كەئب (ئەبۇ مۇنزىر)
ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!
- ئى ئەبۇ مۇنزىر، الله نىڭ كىتاۋىدىكى
قايسى ئايەت ئەڭ ئۇلۇغ؟ - سورىدى رەسۇلۇللا (ئۇنىڭغا الله نىڭ سالامى بولسۇن). -
الله ۋە الله نىڭ ئەلچىسى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ، - دېدى ئەبۇ مۇنزىر. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام سۇئالىنى قايتا تەكرارلىۋىدى، ئاندىن ئۇ تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇدى:
- «بىر الله دىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر،
الله ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى
ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە الله نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ الله
نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ الله نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ الله ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى
(يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان)
ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار الله نىڭ مەلۇماتىدىن (الله ) ئۇلارغا
بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن
نەرسىلەردىن) باشقا ھېچنەرسىنى بىلمەيدۇ، الله نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسماننى ۋە
زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان- زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ، ئۇ
يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر». (سۈرە بەقەرە 255- ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ قۇلى بىلەن
كۆكرىكىگە ئۇرۇپ، ئۇنىڭ جاۋابىنى تەستىقلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى
خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئەبۇ مۇنزىرغا:- ئى ئەبۇ مۇنزىر، الله سېنى
ئىلىم بىلەن خۇشاللاندۇرسۇن ۋە مەنپەئەت بەرسۇن، - دەپ خەيرلىك دۇئا قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلىمىنى ۋە الله نازىل قىلغان ئايەتلەرنى
چۈشىنىشتىكى ئىقتىدارىنى تەبرىكلەۋاتقان ئەبۇ مۇنزىر دېگەن بۇ ئادەم- ئۇنىڭ مەشھۇر
ساھابىلىرىنىڭ بىرى، دەسلەپكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر
بولغان ئۇبەي ئىبنى كەئب ئىدى. ئۇبەي خەزرەج قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولغان ئەنسارلارنىڭ
بىرى بولۇپ، مەدىنىدىكى ئىسلامنى دەسلەپ قۇبۇل قىلغانلاردىن ئىدى ھەمدە ھىجرەتتىن
بۇرۇن ئەقەبەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئىدى.
ئۇ بەدىر غازىتىغا ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى
باشقا پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. ئۇبەي قۇرئان ئايەتلىرىنى كۆچۈرۈپ يېزىشقا
قاتناشقان بىر نەچچەيلەننىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قوليازمىسى بار ئىدى. ئۇبەي
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاتىۋىدەكلا، ئۇنىڭ خەتلىرىنى يېزىپ بېرەتتى. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، ئۇ قۇرئان كەرىمنى پۈتۈنلەي يادلىغان 25 ياكى
شۇنچىلىك ئادەمنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ قىرائىتى تۇلىمۇ چىرايلىق، قۇرئاننى چۈشىنىشى
ئاجايىپ مۇكەممەل بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ئۇنىڭدىن ۋە
باشقا ئۈچ كىشىدىن قۇرئان ئۆگىنىشكە چاقىردى. كېيىن ئۈمەرمۇ مالىيە ئىشلىرىنى بىر
تەرەپ قىلىۋېتىپ، باشقا مۇسۇلمانلارغا: - ئى خالايىق! ئاراڭلاردىن كىمكى قۇرئان
توغرىلىق سورىماقچى بولسا، ئۇبەي ئىبنى كەئبنىڭ قېشىغا بارسۇن؛ كىمكى مىراسخورلۇققا
ئائىت مەسىلىلەرنى سورىماقچى بولسا، زەيىد ئىبنى سابىتنىڭ قېشىغا بارسۇن؛ كىمكى
فىقھى مەسىلىلىرى توغرىلىق سورىماقچى بولسا، مۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ قېشىغا بارسۇن؛
كىمكى پۇل- مۇئامىلە ئىشلىرى توغرىلىق سورىماقچى بولسا، مېنىڭ قېشىمغا كەلسۇن، -
دېگەن ئىدى. ئۇبەي قۇرئان ئارقىلىق كاتتا شەرەپكە ئېرىشتى. بىر كۈنى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
- ئى ئۇبەي ئىبنى كەئب! مەن ساڭا قۇرئاننى
كۆرسىتىشكە ياكى ئېچىپ بېرىشكە بۇيرۇلدۇم. ئۇبەي خۇشاللىقتىن قىن- قىنىغا پاتماي
كەتتى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت ئاسماندىن ۋەھى ئالىدىغانلىغىنى
بىلگەچكە، ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا: - ئى رەسۇلۇللا! الله مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا
ئالدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.- ھەئە، الله ئەڭ ئېگىز ئاسماندا سېنىڭ ئىسمىڭنى ۋە
نەسىبىڭنى تىلغا ئالدى، - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
بىلەن بولغان بىر نەچچە يىللىق ئالاقە جەريانىدا، ئۇبەي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئېسىل ئەخلاقى ۋە ھېكمەتلىك كۆرسەتمىلىرىدىن نۇرغۇن مەنپەئەتكە ئېرىشتى. ئۇبەي
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قېتىم ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
- مەن ساڭا تەۋراتتا، ئىنجىلدا، زەبۇردا ۋە
قۇرئاندا نازىل بولمىغان بىر سۈرىنى ئۆگىتىپ قۇيايمۇ؟ - ئەلۋەتتە بۇلىدۇ، - دېدى
ئۇبەي. - مەن سېنىڭ ئۇ سۈرىنى بىلىشتىن بۇرۇن ئىشىكتىن چىقىپ كەتمەسلىكىڭنى ئۈمىت
قىلىمەن، - دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇبەينىڭ تەشنالىغىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش
مەقسىدىدە. ئۇبەي مۇنداق دەيدۇ: - ئۇ ئورنىدىن تۇردى، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە
تۇردۇم، ئۇ مېنىڭ قولۇمنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى.
مەن ئۇنىڭ قايسى سۈرە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ
بەرمەيلا كېتىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ، ئۇنى تۇتۇپ قېلىشقا تېرىشتىم. ئۇ ئىشىكىنىڭ
قېشىغا كەلگەن چاغدا مەن سورىدىم: «ئى رەسۇلۇللا، ماڭا ئېيتىپ بېرىشنى ۋەدە قىلغان
سۈرىنى ئېيتىپ بەرمەمسەن؟»
- سەن نامازغا تۇرغان چېغىڭدا قايسى سۈرىنى
ئوقۇيسەن؟ مەن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇدۇم، رەسۇلۇللا:
- ئاشۇ شۇ! ئاشۇ شۇ! ئۇلار تەكرارلانغان
يەتتە ئايەت، قۇدرەتلىك الله مۇنداق دېگەن: «بىز ساڭا تەكرارلانغان يەتتە ئايەتنى
ۋە قۇدرەتلىك قۇرئاننى نازىل قىلدۇق»، - دېدى. ئۇبەينىڭ قۇرئانغا ئۆزگەرمەس
مۇھەببىتى ۋە چوڭقۇر ئىخلاسى بار ئىدى. بىر قېتىم ئۇ بىر ئايەتنىڭ بىر بۆلىكىنى
ئوقۇۋىدى، خەلىفە ئۈمەر ئۇ ئايەتنى چۈشىنەلمىدى ياكى ئەسلىيەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ
ئۇبەيگە:
- سەن يالغان ئېيتتىڭ، - دېدى. بۇنى
ئاڭلىغان ئۇبەيمۇ:
- ياق، سەن يالغان ئېيتتىڭ، - دېدى.
بۇنى ئاڭلىغان بىر ئادەم ئۇبەيگە:
- سەن مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرىنى يالغانچى
دېدىڭمۇ؟ - دېدى. - مېنىڭ ساڭا قارىغاندا مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرىگە تېخىمۇ چوڭقۇرراق
ھۆرمىتىم ۋە ئىخلاسىم بار، - دېدى ئۇبەي – ئەمما ئۇ الله نىڭ كىتاۋىنى چۈشىنىشتە
خاتالاشتى. مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى الله نىڭ كىتاۋى توغرىلىق خاتالاشسا، مەن ھەرگىزمۇ
ئۇنىڭ سۆزىنى توغرا دېيەلمەيمەن. - ئۇبەينىڭ سۆزى توغرا ئىكەن، - دېدى
ئۈمەر ئاخىرى.
ئۇبەي قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھىملىغى توغرىسىدا
پىكىر بايان قىلغان ئىدى، بىر ئادەم كېلىپ:
- ماڭا نەسىھەت قىلىپ قويغىن، - دېدى. ئۇبەي
ئۇنىڭغا: - الله نىڭ كىتاۋىنى ئۆزەڭگە يولباشچى (ئىمام) قىلغىن، ئۇنىڭ ھۆكىمىگە ۋە
ھۆكۈم چىقىرىشىغا رازى بولغىن، ئۇ رەسۇلۇللانىڭ بىزگە قالدۇرغان مىراسى، سېنىڭ
چۇقۇم بويسۇنۇشىڭغا تېگىشلىك بولغان قانۇن ۋە سەن بىلەن الله ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتە،
- دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن
كېيىنمۇ، ئۇبەي ئىلگىرىكىدەكلا ئىسلام دىنىغا مۇستەھكەم يېپىشتى ۋە قۇرئان كەرىم،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىپ ماڭدى. ئۇ ئىبادەتتە ناھايىتى
چىداملىق ئىدى، دائىم خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن، مەسجىدتە قېلىپ ئىبادەت بىلەن ياكى
قۇرئان ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. بىر قېتىم ئۇ مەسجىدتە بىر توپ مۇسۇلمانلار
بىلەن بىللە الله غا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغان ئىدى، ئۈمەر كىرىپ كېلىپ ئۇلار بىلەن
بىللە ئولتۇردى ھەمدە ھەر بىرەيلەننىڭ بىردىن دۇئا ئوقۇشىنى ئېيتتى. ئۇلار ھەممىسى
بىردىن دۇئا قىلىشتى، نۆۋەت ئۇبەيگە كەلدى، ئۇ ئۈمەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدى. ئۇ
سەل تارتىنىپ، ھۇدۇقۇپ كېتىۋىدى، ئۈمەر ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشنى ئېيتتى:
- ئى الله ، بىزنى مەغفىرەت قىل، ئى الله ،
بىزگە رەھىم قىل.
ئۇبەي پۈتۈن ھاياتىدا تەقۋادارلىقنى ئۆزىگە
يېتەكچى قىلدى. ئۇ ناھايىتى ئاددى ھالەتتە ياشاپ، دۇنيانىڭ ئۇنى چىرىتىشىگە ۋە
ئالدىشىغا ھەرگىز يول قويمىدى. ئۇ بىر ئىنسان دۇنيادا ھەر قانچە راھەت- پاراغەتتە
بەخىتلىك ياشىسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىلىدىغانلىغى، الله نىڭ ئالدىدا
پەقەت ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمىلىلا پايدا بېرىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەتنى ۋە
رېئاللىقنى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنەتتى. ئۇ دائىم مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن
ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ ياشىدى ۋە دائىم ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ۋاقتىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلگىرىكى ئىسلامغا بولغان مۇھەببىتىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ
ئىلگىرىكى ئاددى- ساددا تۇرمۇشىنى ھەمدە قۇربان بېرىش روھىنى ئەسلىتەتتى. نۇرغۇن
كىشىلەر ئۇنىڭدىن بىلىم ئېلىش ۋە مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كېلەتتى. ئاشۇلارنىڭ بىرىگە
ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى:
- مۇئمىننىڭ تۆت ئالاھىدىلىكى بار: ئەگەر
بىرەر خاپىلىققا ياكى كېلىشمەسلىككە ئۇچرىسا، سەبر قىلىدۇ، تەۋرەنمەيدۇ. ئۇنىڭغا
بىر نەرسە بېرىلسە رەھمەت ئېيتىدۇ.سۆزلىسە ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ. ھەر قانداق ئىشتا
ھۆكۈم چىقارسا، ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇبەي دەسلەپكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۈيۈك
شەرەپكە ۋە يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. ئۈمەر ئۇنى «سيد
المسلمين» (مۇسۇلمانلارنىڭ خۇجىسى)
دەپ ئاتايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مۇشۇ نام بىلەن مەشھۇر بولدى. ئۇ ئەبۇ بەكرىنىڭ
خەلىفىلىك دەۋرىدە خىلمۇ - خىل مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىش، مەسلىھەت بېرىش مەقسىدىدە
قۇرۇلغان مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولدى. بۇ گۇرۇپپا مۇھاجىرلار ۋە
ئەنسارلار ئىچىدىكى بىلىملىك، ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان
مۇسۇلمانلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار: ئۈمەر، ئوسمان، ئەلى، ئابدۇرراھمان
ئىبنى ئەۋف، مۇئاز ئىبنى جەبەل، ئۇبەي ئىبنى كەئب ۋە زەيىد ئىبنى سابىتلار ئىدى.
كېيىن ئۈمەر خەلىفە بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ گۇرۇپپا ئۆزگەرمىدى. فەتىۋا بېرىش ئۈچۈن
ئوسماننى، ئۇبەينى ۋە زەيىد ئىبنى سابىتنى بەلگىلەپ قويدى. ئۇبەينىڭ جەمئىيەتتىكى
يۇقىرى ئابرويىغا قاراپ، باشقىلار ئۇنى بىرەر يەرنىڭ باشلىقىمىكىن، تېز سۈرئەتتە
كېڭىيىۋاتقان ئىسلام دۆلىتىدە، بىرەر ۋىلايەتنىڭ ۋالىسىمىكىن دەپ ئويلاپ قالاتتى.
(ئەمەلىيەتتىمۇ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا سەدىقە يىغىشقا مەسئۇل
ئىدى.) ئۇبەي بىر قېتىم ئۈمەردىن سورىدى:- ساڭا نېمە بولدى؟ مېنى نېمە ئۈچۈن باشلىق
قىلمايسەن؟
- ئىمانىڭنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن، - دېدى ئۈمەر.
ئۇبەي ئېھتىمال بۇ گەپنى مۇسۇلمانلارنىڭ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىكى ئىمانى پاكلىقتىن ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش
روھىدىن بارغانسىرى يېراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، ئۈمەرگە ئېيتقان ئىدى.
ئۇبەي نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ باشلىقلىرى ئالدىدا ھەددىدىن زىيادە ئەدەپلىك
ۋە خۇشامەتچىلىك پۇزىتسىيىدە بولىدىغانلىغىغا قەتئى قارشى تۇراتتى. چۈنكى ئۇنىڭ
نەزىرىدە ئۇنداق قىلىش باشلىق بولغۇچىغىمۇ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگىمۇ زىيانلىق
ئاقىۋەت ئېلىپ كېلەتتى. ئۇبەي باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىدە ناھايىتى سەمىمى ۋە
ئاقكۆڭۈل ئىدى، الله دىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايتتى، ئۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا
ھەقىقى ۋىجدان ئىگىسى ئىدى. ئۇبەي مۇسۇلمانلار ئۇممىتىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە
پارچىلىنىپ، ئۇرۇش- ماجرا قىلىپ كېتىشىدىن تۇلىمۇ ئەندىشە قىلاتتى. ئۇ دائىم
قۇرئاننىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىنى ئوقۇسا ۋە ئاڭلىسا، ئۆزىنى ناھايىتى ئاجىز ھېس
قىلاتتى:
- (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «الله
سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (لۇت ۋە نوھ ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھابۇلفىلگە
ئەۋەتىلگەن ئازاپقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (فىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا
ئەۋەتىلگەن ئازاپقا ئوخشاش) ئازاپ ئەۋەتىشكە ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ
ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازاۋىنى تېتىتىشقا
قادىردۇر. ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان
قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن. (سۈرە ئەنئام 6- ئايەت) ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارىغا چىن
كۆڭلىدىن دۇئا قىلىپ، الله نىڭ توغرا يول كۆرسىتىشىنى، كەڭچىلىك ۋە مەغفىرەت
قىلىشىنى تىلەيتتى.
ئۇبەي ھىجرەتنىڭ 29- يىلى ئوسماننىڭ
خەلىفىلىك دەۋرىدە ۋاپات بولدى.
مەنبە:
نۇر ئىسلام |