بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

خەبباب ئىبنى ئەرتتى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)

 

 ئۇ قىزىقىپ مۇسۇلمان بولغان، بويسۇنۇپ ھىجرەت قىلغان، مۇجاھىد بولۇپ ياشىغان... كىشىدۇر.

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ.

خۇزائى قەبىلىسىلىك ئۇممۇ ئەنمار مەككىدىكى قۇل بازىرىغا ماڭدى، ئۇ ئۆز خىزمىتىگە سېلىپ مەنپەئتلىنىش، قول ھۈنىرى بىلەن پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىگە بىر قۇل سېتىۋالماقچى بولغان ئىدى، ئۇ سېتىلىشقا چىقىرىلىپ قويۇلغان قۇللارنىڭ يۈزىگە سەپسېلىپ قاراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزى تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بىر كىچىك بالىغا چۈشتى. ئۇ بالا ناھايىتى ساغلام كۆرۈنەتتى، كۆزلىرىدىن بولسا ئۇنىڭ چېچەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ بالىنى سېتىۋىلىپ ئېلىپ ماڭدى.

ئۇ يولدا كېتىۋاتقاچ بۇ بالا بىلىەن تۆۋەندىكىدەك سۆزلىشىپ ماڭدى:

ئى بالا! ئىسمىڭ نېمە؟ دېدى.

خەباب.

ئاتاڭنىڭ ئىسمىچۇ؟

ئەرەت.

سەن قەيەرلىك؟

نەجدىدىن.

ئۇنداقتا سەن ئەرەبكەنسەنغۇ؟

شۇنداق، مەن بەنى تەمىم قەبىلىسىدىن.

سەن قانداق بولۇپ مەككىدىكى قۇل بېدىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىڭ؟

بىزنىڭ قەبىلىمىزگە ئەرەب قەبىلىلىرىدىن بىر قەبىلە ھۇجۇم قىلىپ، تۆگىلەرنى ھەيدەپ كەتتى، ئاياللارنى ئەسىرگە ئالدى، كىچىك بالىلارنى قۇللۇققا تۇتىۋالدى، مەنمۇ شۇ بالىلارنىڭ قاتارىدا ئىدىم، مەن قولدىن- قولغا ئۆتۈپ مەككىگە كېلىپ سىزنىڭ قولىڭىزغا چۈشتۈم، دېدى.

ئۇممۇ ئەنمار بالىنى قىلىچ ياساشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن مەككىدىكى تۆمۈرچىلەردىن بىرىگە شاگىرتلىققا بەردى، ئۇ قىلىچ ياساشنى ناھايىتى ئاسانلا ئۆگىنىۋالدى ۋە قىلىچنى ناھايىتى ياخشى ياسىيالايدىغان بولدى. خەبباپ بۇ ھۆنەرنى پۇختا ئىگەلەپ بولغاندا ئۇممۇ ئەنمار ئۇنىڭغا بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، دۇكانغا كېتەرلىك كېرەكلىك سايمانلارنى سېتىۋىلىپ بەردى ۋە خەببابنىڭ ھۈنىرى بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە باشلىدى.

خەبباب دۇكاننى ئېچىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىشىلەر ئۇنىڭ ۋاپادار، راستچىل ئىكەنلىكىگە ۋە ياسىغان قىلىچلىرىنىڭ ياخشىلىقىغا قاراپ بەس- بەست بىلەن ئۇنىڭ ياسىغان قىلىچلىرىنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى. چۈنكى خەبابنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ لىكىن ئۇ چوڭلارغا خاس ھېكمەتلىك سۈپەتلەرگە ئىگە بىر بالا ئىدى.

ئۇ ھۈنىرىدىن بىكار بولسىلا پۈتۈنلەي بۇزۇقچىلىققا چۆكۈپ كەتكەن بۇ نادان جەمىئەتنىڭ ئېچىنارلىق ئەھۋالى ئۈستۈدە پىكىر يۈرگىزەتتى ۋە ئۆزىنىڭمۇ شۇنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ ئازغۇنلۇق، چىرىكلىك ئىچىدىكى ئەرەپ دۇنياسىغا، ئۇنىڭدىكى قالايماقانچىلىققا قاراپ گاڭگىراپ قالاتتى ۋە بەزىدە ئۆز- ئۆزۈگە: بۇ زۇلمەتلىك كۈنلەرمۇ ئاخىرلىشىدۇ! دەپ قوياتتى. ئۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ يوقۇلۇپ قۇياشنىڭ پارلاپ چىقىشىنى، ئۇ خىلدىكى ھاياتنىڭ ئۇزۇنغا داۋاملىشىشىنى ناھايىتى بەك ئۈمۈد قىلاتتى.

خەبابنىڭ كۈتىشى ئۇزۇنغا بارمىدى، ئۇ بەنى ھاشىم جەمەتىدىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىرىنىڭ ئېغىزىدىن ھەقىقەت قۇياشىنىڭ پارلىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى ۋە دەرھاللا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىلىرى ئۇنىڭ ئەقلىنى ھەيران قىلدى، ھەم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جەلىپ بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قولىنى ئېچىپ: ”بىر اﷲ تىن باشقا ئىلاھ يوق! مۇھەممەد اﷲ نىڭ ئەلچىسى“ دەپ گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ زېمىن يۈزىدە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ئالتە كىشىنىڭ ئالتىنچىسى بولدى.

خەباب ئۇزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ھىچكىمدىن يوشۇرمىدى. ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىق خەۋىرى خۇجايىنى ئۇممۇ ئەنمارغا يېتىشى بىلەنلا ئۇ ئاچچىقىنى باسالماي بىر تۇغقىنى سىبا ئىبنى ئابدۇلئۇززانى ئەگەشتۈرۈپ خەببانىڭ قىشىغا باردى، ئۇ ئىككەيلەنگە خۇزائە قەبىلىسىنىڭ ياشلىرىدىن بىر تۈركۈمى ئەگىشىۋالغان ئىدى، بۇ چاغدا خەباب دۇكاندا خاتىرجەم ھالدا ئۆز ئىشىنى بېرىلىپ ئىشلاۋاتقان ئىدى. سىبا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: بىزگە سەن تورغرۇلۇق بىر خەۋەر يەتتى، بىراق بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمىدۇق، دېدى. خەبباب: نېمە ئىش؟ دېدى. سىبا: سېنىڭ ئۆز دىنىڭدىن يېنىپ بەنى ھاشىم جەمەتىدىكى ھېلىقى كىشىگە ئەگەشكەنلىكىڭ خەۋىرى، دېدى. خەباب:

مەن دېنىمدىن يانمىدىم، مەن شېرىكى يوق بىر اﷲ غا ئىشەندىم ۋە سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلاردىن قول ئۈزدۈم، مۇھەممەدنىڭ اﷲ نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىم... دېدى.

سىبا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى خەببابنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش بىلەن تەڭلا يۇپۇرلۇپ كېلىپ ئۇنى ئۇرۇپ- دەسسەپشە باشلىدى، ئاخىرى ئۇ تاياق دەستىدىن يۈز- كۆزى يارىلانغان ھالدا يەرگە يېقىلدى. خەبباب بىلەن ئۇنىڭ خۇجايىنى ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىش قورۇق چۆپكە تۇتاشقان ئوتتەك بىردىنلا مەككىنىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە تارقالدى. كىشىلەر خەببابنىڭ جۇرئەتلىك ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالدى، چۈنكى تاكى شۇ كۈنگىچە ئۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىمانلىرىنى يوشۇرنۇپ كېلىشىۋاتقان بولغاچقا ئۇلاردىن بىرەرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىمانىنى ئاشكارلىشى كۆرۈلمىگەن ئىدى.

بۇ ئىش قۇرەيش كاتتىلىرىنىمۇ تەۋرىتىۋەتتى. ئۇلار ئۇممۇ ئەنماردىن باشقا خۇجايىنى ياكى بىرەر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىسى يوق بىر قۇل تۈمۈرچىنىڭ ئۆزلىرىنى ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشىنى، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىللاپ، ئاتا- بوۋىلىرىنى ھاماقەتلەر قاتارىغا چىقىرۋېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇلار مۇشۇنداق ئىشنىڭ كېيىن يەنە يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئالدىن جەزىم قىلىشتى.

قۇرەيشلەر خاتا مۆلچەرلىمىگەن ئىدى، خەببابنىڭ جاسارىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىمانلىرىنى ئاشكارلاشقا رىغبەتلەندۈردى، نەتىجىدە ئۇلارمۇ ئىمان ئېيتقانلىقلىرىنى بىر- بىرلەپ ئاشكارلاشقا باشلىدى.

قۇرەيش كاتتاۋاشلىرى كەبىنىڭ ئالدىغا يېغىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ رەئىسلىرىدىن، ئەبۇ سوفىيان ئىبنى ھەرىب، ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە، ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشام قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇلار مۇھەممەدنىڭ ئەھۋالى توغرۇسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۈندىن- كۈنگە چوڭىيۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار ئىشنىڭ تېخىمۇ يوغىناپ كېتىشىدىن ئىلگىرى ئۇنى يېغىشتۇرۇشنىڭ چارىلىرىنى ئويلاپ تېپىپ ئاخىرىدا ھەر بىر قەبىلە ئۆز قەبىلىسىدىن ئىمان ئېيتقانلارنى تاكى دىنىدىن يانغان ياكى ئۆلگەنگە قەدەر جازالاش قارارىنى چىقاردى.

سىبا ۋە ئۇنىڭ قەۋمىدىكىلەرگە خەبابنى جازالاش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن بولۇپ، ئۇلار كۈننىڭ ھارارىتى تازا قىزىغان ۋاقىتتا خەببابنى مەككىنىڭ قۇملىقىغا ئېلىپ چىققىپ، كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، تۆمۈر چاپان كەيدۈرۈپ سۇمۇ بەرمەي ئازاپلايتتى، ئۇ قاتتىق قىينىلىۋاتقاندا ئۇلار خەببابتىن: مۇھەممەد توغرۇسىدا نېمە دەيسەن؟ دەپ سورايتتى. خەبباب:

اﷲ نىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى، ئۇ بىزنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىشىمىز ئۈچۈن توغرا ھەق بىلەن كەلگەن! دەيتتى. ئۇلار ئۇنى بىرھازا ئازاپلاپ: لات ۋە ئۇززا ھەقىدە نېمە دەيسەن؟ دەيتتى. خەبباب: ئۇ ئىككىسى يا مەنپەئەت، يا بىر زەرەز بېرەلمەيدىغان گاس كاچىدۇر، دەيتتى. ئۇلار قىزىتىلغان تاشنى ئەكەلدۈرۈپ ئۇ تاشلارنى خەببابنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ تاشلاپ قوياتتى، خەببابنىڭ قوۋۇرغىلىرىنىڭ مايلىرى پىژىلداپ ئېقىپ چۈشەتتى.

ئۇممۇ ئەنمارنىڭ خەببابقا سالغان ئازابى بىر تۇغقىنى سىبانىڭكىدىن قېلىشمايتتى. بىر كۈنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈتۈپ كېتىۋاتقاچ خەببابقا گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قىلىپ جۇدىنى تۇتتى، ئۇ كۈندە دېگىدەك خەببابنىڭ قېشىغا كېلىپ قىزىتىلغان تۆمۈرنى ئۇنىڭ بېشىغا ياقاتتى، ھەر قېتىم ياقاندا كۆيۈكتىن بېشىدىن تۈتۈن چىققىپ كېتەتتى ۋە ئۇ ھۇشىدىن كىتەتتى. خەبباب ئۇممۇ ئەنمار بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشى سىباغا اﷲ تىن جازا تىلەيتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغاندا خەببابمۇ ماڭماق ئۈچۈن تەييارلاندى. لىكىن ئۇ تېخى مەككىدىن ئايرىلمايلا اﷲ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۇممۇ ئەنمارغا شۇنداق غەلىتە بىر باش ئاغرىقى چاپلاشتىكى ئاغرىق ئازابىدىن ئۇ ئىتققا ئوخشاش ئېڭرايتتى. بۇنداق كېسەلنى ھەم ھىچكىممۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ بالىلىرى ھەر تەرەپتىن تىۋىپ ئىزدەشتى، ئاخىرى ئۇلارغا بۇ كېسەلگە بېشىنى داغلاشتىن باشقا چارە يوقلىقىنى ئېيتىشتى، شۇنىڭ بىلەن بالىلىرى تۈمۈرنى قىزىتىپ ئۇنىڭ بېشىنى داغلاشقا باشلىدى. داغلىغاندىكى كۈيۈك ئازابىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۇ باش ئاغرىقىدىن سەل ئارام تاپقاندەك بولاتتى.

خەبباب ئەنسارىلارنىڭ ھىمايىسىدە ئۇزۇندىن بېرى مەھرۇم بولغان راھەتنىڭ لەزىتىنى قايتا تېتىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ياشاش ھاياتىدىن خۇرسەن بولدى. ئۇ بەدىر ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بايرىقى ئاستىدا جەڭ قىلدى، ئاندىن كېيىن ئوھۇد ئۇرۇشىغا قاتناشتى.. . ئۇ ئۇرۇشتا سىبانىڭ اﷲ نىڭ يولۋىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەلىپنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدى.

خەبباب ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يەنى ئابا بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلىيلارنىڭ(اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! ) زامانىسىغىچە ياشىدى.

ئۆمەر(اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) نىڭ خەلىپىلىكى دەۋرىدە بىر كۈنى ئۆمەرنىڭ قېشىغا كىردى، ئۆمەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئۆز يېنىدىكى تۆردىن ئورۇن بەردى ۋە: بۇ ئورۇنغا بىلالدىن قالسا سەنلا لايىق بولالايسەن، دېدى. ئاندىن كېيىن خەببابتىن ئەينى چاغدا مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭغا سالغان كۈلپەتلىرى توغرىسىدا سورىدى، خەبباب ئۇلارنى تىلغا ئېلىشتىن خىجىل بولغىنىدا ئۆمەر قايتا ئىلتىماس قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. خەبباب كىيىملىرىنى سالدى، ئۆمەر ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تارتۇق ئىزلىرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ۋە ئۇنىڭدىن: بۇ ئىشلار قانداق بولغان؟ دەپ سورىدى. خەبباب: مۇشرىكلار مېنى جازالاش ئۈچۈن ئوت قالاپ چوغ چۈشۈرەتتى، ئاندىن مېنىڭ كىيىملىرىمنى سالدۈرۈپ مېنى چوغ ئۈستۈدە سۆرەيتتى. ھەتتە مېنىڭ تېنىمدىن گۆش- مايلىرىم ئاجىراپ چۈشەتتى. مېنىڭ بەدىنىمدىن چۈشكەن سۇلار بىلەن ئوت ئۈچۈپ قالاتتى، دېدى.

خەبباب ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىرىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولدى، ئۇ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە كۆپ ئالتۇرن- كۈمۈشكە ئېرىشتى، لىكىن ئۇ ماللىرىنى ھىچكىم ئويلاپ باقمىغان يوللارغا ئىشلىتەتتى.

ئۇ دىنار- دەرھەملىرىنى پېقىرلار بىلىدىغان يەرگە قويۇپ قويۇپ ئۇنىڭغا قۇلۇپ سالمايتتى، ھاجەتمەنلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ خالىغانچە ئېلىپ كېتەتتى. ئۇ ماللىرىنى شۇنداق سەرىپ قىلىپ تۇرۇپمۇ مۇشۇ ماللىرىدىن ھېساپ بېرەلمەي قىلىشىدىن ۋە بۇ سەۋەپ بىلەن ئازاپلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى.

ساھابىلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: بىز خەبباب ئاغرىپ يېتىپ قالغاندا ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق، ئۇ بىزگە: بۇ يەردە سەكسەنمىڭ بار، اﷲ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنى تۇتۇپ قېلىپ باقمىدىم ھەم سورىغانلاردىنمۇ يوشۇرمۇدۇم، دېگىنىچە يىغلاپ كەتتى. بىز ئۇنىڭدىن: نېمىشقا يىغلايسەن؟ دېسەك ئۇ: مەن يىغلايمەن، چۈنكى، مېنىڭ دوستلىرىم كېتىپ قالدى، ئۇلار بۇ دۈنيادىكى ئەجىرلىرىدىن ھىچنېمىگە ئېرىشەلمىدى، مەن بولسام ھايات قالدىم ۋە مۇنۇ ماللارغا ئېرىشتىم، مەن بۇ ماللارنىڭ ئەمەللىرىمنىڭ ساۋابى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، دېدى.

خەبباب ۋاپات بولغاندا خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ خەببابنىڭ قەبرىسى ئالدىدا: اﷲ خەببابقا رەھمەت قىلسۇن! ئۇ قىزىقىپ مۇسۇلمان بولغان، بويسۇنۇپ ھىجرەت قىلغان، جىھاد قىلىپ ياشىغان ئىدى. اﷲ ياخشى ئىش قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ! دېگەن ئىدى.

ساھابىلەر ھاياتى سەھىپىسىگە قايتىش>>

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org