بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى ئالماشتۇرۇش | силавийәнчә

 

 

   

 

ئاتاقلىق دىنى ئالىم ھەبىبۇللاھ خان مەخسۇم

ئاتاقلىق دىنىي ئالىم، مەشھۇر جامائەت ئەربابى ھەبىبۇللاھ خان مەخسۇم قاغىلىق ناھىيىسىدە ئەينى زاماندىكى قاغىلىق مۇپتىسى راشىدىن مۇپتى ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن باشلاپ ئىلىمگە ھىرىسمەن بولۇپ، ئۆز يۈرتىدا ئوقۇپ، مەلۇم سەۋىيىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، 1955 ـ يىلى بېيجىڭدىكى جۇڭگو ئىسلام ئىنىستوتىغا قۇبۇل قىلىنىپ، مەزكۇر ئىنىستۇتقا مىسىردىن ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلىنغان ئالىملاردىن تەلىم ئېلىپ دىنى ئىلىملەرنى تەھسىل قىلغاننىڭ سىرتىدا ، ئەرەبچە ھەم خەنزۇچە تىللارنى ئۆگەنگەن.

 مەرھۇم ھەبىبۇللاھ خان مەخسۇم ھاجىم، مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمدىن كېيىنكى، پۈتكۈل رايۇنىمىزدا جۈملىدىن قاغىلىقتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دىنى ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى ئىدى، مەرھۇم ھەبىبۇللاھ خان مەخسۇم 1990 ـ يىللىرى "شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستوتى"غا ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلىنىپ ئۇ يەردە بىر يىلغا قەدەر ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق بىر قانچە ئەللەرنى زىيارەت قىلغان.

مەرھۇم بۇ يىل 5 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۇنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 70 يېشىدا قاغىلىقتا ۋاپات بولۇپ، يەكشەنبە كۇنى ئەتتىگەندە ئۆز يۇرتىدا دەپنە قىلىنغان.

 مەرھۇمغا ئاللاھتىن چەكسىز رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز.

مەشھۇر شەخسلەر سەھىپسىگە قايتىش>

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org