ئەپسۇسلۇق ئېغىر تىنىقلارنىڭ ھېكايەسى مۇنداق ئىدى.
لوندۇندا بىر ئۇيغۇر 2023- يىلى بىر چېركاۋنى سېتىۋېلىپ سۇتۇق بۇغراخان مەسچىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى دەپ نام قويۇپتۇ. ئورۇننى ئىزچىلار ساخاۋەت ئورگىنى باشقۇرۇپ بېرىدىكەن. كاشكى، شۇ كۈنى شۇ ئۇيغۇرنىڭ ساخاۋىتى بىلەن قۇرۇلغان، ئۇيغۇرنىڭ مائارىپ مەشئىلىنى ياققۇچى ئىزچىلارنىڭ ئىسمىدا باشقۇرۇلۇۋاتقان قەلئەيىمىزگە يىغىلغان بولساق ھە! شۇ شەھەردىكى سۇتۇق بۇغراخانغا ئاتالغان ئۇيغۇر مەسچىتىدە بالىلار بىلەن بىرلىكتە جۈمە ئوقۇۋالغان بولساق ھە! شۇ سورۇندا، مەيدىمىزنى كېرىپ تۇرۇپ مانا قاراڭلار، بۇ ئۇيغۇرنىڭ مەسچىتى دېيەلىگەن بولساق! ئىشىكلەردىن ھېچكىمنىڭ تەلەتىگە قارىماي، بۇ يەر بىزنىڭ يايراڭلار بالىلار! دەپ ئىچ ئىچىمىزدىن كۈلەلىگەن بولساق!
سۇتۇق بۇغراخان مەدەنىيەت مەركىزىگە ھەر جۈمە كۈنى لوندۇنغا داڭلىق خاتىپلار تەكلىپ قىلىنىدىكەن، خەيىر ئىھسان توپلىنىدىكەن. توردىن ئاختۇرۇپ باقسام مەسچىتتە زۇلۇم تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، مەسچىت ئۈچۈن ئىئانە يىغىلىدىغاننىڭ گېپى تۇرۇدۇ. مەنچە ئىئانىگە كېرەك يوق ئىدى، مەدەنىيەت كۇرسىمىزغا ساھىپخان بولغان بولسا بىزنىڭ پۇلىمىزمۇ ئىھسان ئىدى. تىلىنىپ ئىئانە چاقىرىقى چىقراغاننىڭ ئورنىغا مەبلەغ چاقىرىقى چىقارغان بولسا بېشىمىز تىك بولاتتى. مىڭ بىر يۈز يىل بۇرۇن ھازىرقى ئافغانىستان، كەشمىر، ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى باشقۇرغان دۆلەتنىڭ، خانىنىڭ، ئىران شاھىغا پاناھلىق بەرگەن سۇتۇق بۇغراخاننىڭ نامىدا ياردەم توپلانمىغان بولسىمۇ بوپتىكەن. ۋەتەنگە زار چوڭ بولۇۋاتقان بوغۇنلارغا بېزىرىپ ساخاۋەت توپلاۋاتقان ھېكايەمىزنى ئەمەس، «سىلەرنىڭ بوۋاڭلار سۇتۇقنىڭ روھى مىڭ يىلدىمۇ يوقالمىدى، مانا لوندۇندا مەسچىت بولۇپ قەد كۆتۈرۈپ مىڭ يىل بۇرۇنقىدەك مۇسۇلمانلارغا قۇچاق ئېچىپتۇ، قاراڭلار!» دېگەن پەخىرلىك ھالىتىمىزنى كۆرسەتسەك يۈرەكلەر ئويناپ كەتمەسمىدى؟ ئەييۇھەنناس! سۇتۇق بۇغراخان دەپ نام قويۇلغان مەدەنىيەت مەركىزىدە، خۇددى مەشەتتە ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇپ يۈرۈشلۈك «ئاتۇش خەلق ناخشىلىرى»نى بالىلارغا ئۆگەتسەك بولماسمىدى! سۇتۇق بۇغراخان ئۇسۇلنى رەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئابىدەسىنى باغرىغا باسقان ئاتۇشتا ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى ئۇسۇلغا سالىدىغان «ئاتۇش پەدىسى» قانداق پەيدا بولدى؟
مىڭ ئەپسۇسكى، تەمبۇرچى مەمتىلى تەۋپىق باشلىغان ئىزچىلار ھەرىكىتىنىڭ نامىنى قوللانغان ساخاۋەت تەشكىلاتى باشقۇرۇۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىمىز، ئىتىقادىنى قوغدايمىز دەپ يازغان مەدەنىيەت مەركىزىدە ئانا تىل دەرسىگە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۇرسىمىزغا ئورۇن چىقماپتۇ. يۈز يىل بۇرۇن ئۇيغۇرنى مائارىپقا باشلىغان مەمتىلى تەۋپىق باشلىغان ئىزچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىسمىدا تەشكىلات قۇرغانلار بۈگۈن لوندودىكى ئانا تىلغا شەيدا بالىلارنى باغرىغا باسماپتۇ. بىز مۇسۇلمان، روھنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ئاللاھ قۇرئاندا «شېھىتلارنى ئۆلدى دېمەڭلار» دېگەنلىكىدىن بىلىمىزكى، تاجاۋۇزچى دۈشمەننىڭ تۈرمەسىدە ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن ئۇستازىمىز مەمتىلى ئەپەندى تىرىكتۇر. ئىزچى ياشلارغا ئاتۇشتا مەسچىت سالغان، ناخشا ئۆگەتكەن، ئاتۇشتىن باشلانغان يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىنى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا كېڭەيتكەن بىر پىكىرنىڭ، تەۋپىق روھىنىڭ نامىدا لوندوندا تەشكىلات قۇرۇپ، ئۇيغۇرچە ئانا تىل مائارىپىغا، مەدەنىيەتكە ئورۇن بەرمەسلىك شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاسىيلىق بولماي نېمە؟