تەرجىمە:سۈنئىي ئىدراك (ai) ئەتراپىدا ئۈچ خىل ئوخشىمىغان لاگېر شەكىللەنمەكتە: ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلەر، گۇمانلانغۇچىلار ۋە قارشى تۇرغۇچىلار

ئاكسيوس، 13-ئاپرىل

سۈنئىي ئىدراك پەقەت تەرەققىي قىلىپلا قالماي، بەلكى كىشىلەرنىڭ دۇنياغا بولغان كۆز-قارىشىنى پارچىلىماقتا.

ئومۇمىي مەنزىرە: بۇ خىل پەرق ھەممە يەردە — خىزمەتتىن ئايرىلىش قورقۇنچىسىدىن تارتىپ، سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىگە قارشى نامايىشلار ۋە ئەمەلىي زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگىچە كۆرۈلمەكتە.

  • گۇمانلانغۇچىلار: سۈنئىي ئىدراكنى يەنىلا خاتالىقى كۆپ بولغان مۇڭداشقۇ (چات-بوت) (chatbot) ۋە توردا مەسخىرە قىلىنغان مەغلۇبىيەتلەر دەپ قارايدۇ. ئۇلار سۈنئىي ئىدراكنىڭ تولۇق ئىقتىدارىدىن پايدىلانمايدۇ.

  • ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلەر: سۈنئىي ئىدراك ۋاكالەتچىلىرىنى (AI agents) كېچە-كۈندۈز ئىشلىتىدۇ؛ خىزمەت ۋە قارار چىقىرىشنى قانداق ئاپتوماتلاشتۇرۇش ھەققىدە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرىدۇ.

  • قارشى تۇرغۇچىلار: سۈنئىي ئىدراكنى چۈشىنىدۇ، ئۇنىڭ نەگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز دەپ قارايدۇ ۋە بۇ جەريانغا قاتنىشىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.

مەشھۇرلار نىمە دەيدۇ؟

OpenAI ۋە Tesla نىڭ سابىق سۈنئىي ئىدراك مەسئۇلى ئاندرېج كارپاتى (Andrej Karpathy) X سۇپىسىدا: «سۈنئىي ئىدراك ئىقتىدارىنى چۈشىنىشتە بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقان بىر بوشلۇق بار» دەپ يازدى. ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ChatGPT نىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى بىر قېتىم ئىشلىتىپ كۆرۈپلا، سۈنئىي ئىدراكقا باھا بېرىدىغانلىقىنى قوشۇپ قويدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارپاتى «No Priors» پودكاستىدا ئۆزىنىڭ ھازىر كۈنىگە 16 سائەت ۋاقتىنى سۈنئىي ئىدراك ۋاكالەتچىلىرىگە بۇيرۇق بېرىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

Box شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئارون لېۋى (Aaron Levie) بولسا: «سۈنئىي ئىدراكقا ماسلىشىش خۇددى ‘ئىككى شەھەرنىڭ ھېكايىسى’گە ئوخشاپ قالدى» دېدى.

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا: بۇ بىر ئاكتىپ دەۋرىيلىك. ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلەر ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتكە ۋە يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىگە ئېرىشمەكتە. Anthropic شىركىتىنىڭ مارت ئېيىدىكى ئىقتىسادىي تەسىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەجرىبىلىك ئىشلەتكۈچىلەر تېخىمۇ قىيىن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا تىرىشىدىكەن ۋە كۆپىنچە ھاللاردا غەلبە قىلىدىكەن. نەتىجىدە، ئىلغار ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدا يېڭىچە بىر «ئىقتىسادىي پەرق» شەكىللەنمەكتە.

تېگىدىكى ھەقىقەت: ئۈچىنچى گۇرۇپپا، يەنى قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە.

  • ئىندىئاناپولىسدا بىر قانۇن چىقارغۇچى ئۆيىگە ئوق ئېتىلغانلىقىنى، نەق مەيداندا «ئەمدى سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلمىسۇن» دەپ يېزىلغان بىر پارچە خەت قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

  • ئۆتكەن جۈمە كۈنى، بىر كىشى OpenAI نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سام ئالتماننىڭ ئۆيىگە يانغىنلىق بومبا (Molotov cocktail) تاشلىغانلىقى گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىندى.

  • خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ گۇماندار سۈنئىي ئىدراكقا قارشى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ۋە سۈنئىي ئىدراك تەرەققىياتىنى توختىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان «PauseAI» گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

نۆۋەتتىكى ئەھۋال: نۇرغۇن سۈنئىي ئىدراك شىركەتلىرى جايلاشقان سان-فرانسىسكو ۋە يېڭى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى قۇرۇلماقچى بولغان رايونلاردا نامايىشلار كۆپەيمەكتە. تېخنىكىلىق ماھارەتكە ئىگە نۇرغۇن خادىملار سۈنئىي ئىدراك بىزنى ئ‍شسز قالدۇرىدۇ دەپ ئەنسىرىمەكتە.

سام ئالتمان ھۇجۇمدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ھەممە ئىش ئوڭشىلىپ كەتمەيدۇ. سۈنئىي ئىدراكقا بولغان قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ئورۇنلۇق؛ بىز جەمئىيەتتىكى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن، بەلكىم تارىختىن بويانقى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشكە شاھىت بولۇۋاتىمىز.»

خۇلاسە: سۈنئىي ئىدراك بەرپا قىلىۋاتقان ۋە ئۇنى تولۇق كۈچى بىلەن ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەر، باشقىلارغا قارىغاندا تامامەن ئوخشىمايدىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىدۇ.

مەزكۇر ماقالە ئاكسيوس ماقالىسدىن تەرجىمە قىلىندى.