ئابدۇۋەلى ئايۇپ: بىچارە ئايالغا نېمە كۈن بۇ، قىزىنى قوغداش گۇناھمۇ؟

بىچارە ئايالغا نېمە كۈن بۇ، قىزىنى قوغداش گۇناھمۇ.

25-ئاپرىل، 2026-يىلى

ف ب ئادېرسى:https://www.facebook.com/abduwali.ayup.3/posts/pfbid0oqyrKi24bPx66cifz3Zepz8pTrP7jjmc2eo9aesvbUUupG51t6irwwgA6bmRnxql

بۇ 2023-يىلى ئىستانبۇلنىڭ سەلىم پاشا ئۇيغۇر مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن سەبىلەرگە قىلىنغان جىنسى خورلۇقنى ئاشكارىلىغان ئابلىكىم غازىنىڭ ئايالى، جىسنى خورلۇققا ئۇچرىغان بىر قىزنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە بېشىغا كەلگەن پاجىيەلەر شۇڭا بولۇۋاتقان دۈشمەنلىك ئىكەن.

بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئايالنىڭ ئەرەبىستاندا ئىشلەۋاتقان ئېرى ئابلىكىم غازى جىنسى خورلۇق مەسىلىسىدە داۋاگەر بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنىپ تۈركىيەگە كىرەلمەس قىلىپ قويۇپتۇ. بىر ئۆيدە ئايال ئىشسىز، بالا كىچىك، ئەر ئەرەبىستاندا…

بۇ بايانلارنى دەلىللەش ئىمكانىمىز يوق، ئەمما تۈركىيەدە ئاجايىپ بىر ھۆكۈمەت بار، بىرى شىكەيەت قىلىپ قويسىمۇ ئادەم تۇتۇدۇ. ساختا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇر باشقانى جېنىدا نەچچە ئون ئۇيغۇرنى شىكايەت قىلىپ سولىتىپ قويغان.

بۇ ئايالنىڭ كىملىكى ئېنىق، دەۋاتقان گېپىگە ئۆزى ئىگە، شۇڭا ئۇنىڭ نىيىتى، كىيىمى بىلەن قالمىغان بولساڭلار. ياردەم قىلالمايمىز دېسەڭلار ئەيىپلەپ دىلىغا ئازار بەرمىگەن بولساڭلار