يوللىغۇچى: ئابدۇۋەلى ئايۇپ:
ۋاقتى: 2026-يىلى 22-ئاپرىل
ئورنى:فايىس بۇك
ئۇلىنىشى ۋە جامائەت پىكرى: https://www.facebook.com/share/p/1AzuonxkaG/
ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىسى ھېساپلانغان سەلىم پاشادا ئۇيغۇرغا ياردەم ئۈچۈن سېلىنغان ئۆيلەر بار. بۇ ئۇيغۇرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، بىنالار سۈپەتسىز، يامغۇر ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەسىلەنى ئىنكاس قىلىپ شىكايەت قىلغانلار كۆچۈشكە زورلىنىدۇ. بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس.
2023-يىلى دەل مۇشۇ سەلىمپاشادا سەبى قىزلار جىنسى خورلۇققا ئۇچرايدۇ، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بېسىمغا ئۇچرايدۇ، جىنايەت كىچىكلىتىلىدۇ، شاھىتلار بېسىمغا ئۇچرايدۇ، كۆچۈشكە زورلىنىدۇ.
بۇ كىشى مەزكۇر سىندىكى گۇۋاھلىقىدا شىكايەت قىلغان يەنە بىر مەسىلە مەكتەپتە ئاشخانا، ھاجەتخانا، ياتاقلارنىڭ تازىلىقى ۋە تازىلىق شارائىتىدۇر. ئاڭلىشىمچە تازىلىقنىڭ ناچارلىقى سەۋەپلىك ھېلىمۇ كىشىلەر شىكايەت قىلىپ تۇرۇپتۇ.
تازىلىقتىكى مەسىلە بۇرۇنمۇ بار ئىدى. شۇ قەدەر ئېغىر بولغانكى، 2017-يىلى سەلىم پاشادىكى مەزكۇر مەكتەپتە قۇۋاتقان 14 ياشلىق ئۈرۈمچىلىك كامران ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياتاقتا تارقالغان يۇقۇملۇق تېرە كېسىلى سەۋەپتىن ئۆلۈپ كەتكەن.
ئۇيغۇرغا ياردەم ئۈچۈن كانادادىكى بىر تەشكىلات تەرىپىدىن يىغىلغان پۇللار بەدىلىگە سەلىمپاشاغا سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ چاتىقى بۇرۇنمۇ پاش بولغان، شىكايەتلىك گەپلەر بۇرۇنمۇ بولغاندەك قىلغان ئىدى. بۇرۇنمۇ بەزىلەر سەلىمپاشادا ئۆيلەر سەۋەپلىك يۈزبەرگەن مەسىلەلەر ھەققىدە شىكايەت قىلغان ئىدى.
ھالبۇكى كىشىلەر مەسىلە ھەققىدە، پاكىتنىڭ توغرا خاتالىقى، مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە ئەمەس شىكەيەت قىلغۇچىلار ھەققىدە مۇنازىرە پەيدا قىلىپ ئىككى تەرەپ بولۇپ بولۇشۇپ بوغۇشۇپ ئىش بېسىقىپ قالغان. مەنچە بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولۇدۇ. چۈنكى تۈركىيە تولۇق قانۇن بويىچە باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت ئەمەس. شۇڭا ئادالەت ئەمەلگە ئاشمايدۇ، مەسىلە مەسىلە پېتى قالىدۇ. ئۇۋالچىلىق مەسىلەنى ئىنكاس قىلغۇچىغا يۈكلىنىدۇ.
بۇ يەردە ۋىجدانىمىزغا بىر قانچە سوئال تۇغۇلىدۇ
ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنى خىتاي خورلايدۇ؟ مۇھاجىرەتتىكىلەرنىچۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەققى بولغان ياردەمنى ئادالەت بىلەن تارقاتماي، ئۇلارنى يالاقچىغا، تىلەمچىگە ئايلاندۇرۇپ خورلىساق بۇنىڭ سەۋەپكارى كىم؟
نېمە ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ئۆلۈم يۈز بەرسىمۇ، جىنسىي خورلۇق يۈز بەرسىمۇ، ئۇيغۇرنىڭ ئازابى، ۋەتەندىكى تۈمەنلىگەن ئۇيغۇرنىڭ قان ياشلىرى بەدىلىگە يىغىلغان ئىقتىسات بىلەن سېلىنغان ئۆيلەردە سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلسىمۇ كۆزلەر يۇمۇلىدۇ؟ ئېغىزلار تۇۋاقلىنىدۇ؟
بىز بالىلارغا ئۆلۈمنى راۋا كۆرسەك، قىزلىرىمىزغا خورلۇقنى قوبۇل كۆرسەك قاتىل خىتايدىن پەرقىمىز نېمە؟ بىز ئۇيغۇرنىڭ ھەققى بولغان ئۆيىنى ساختا سالساق، ساختىلىقنى پاش قىلغان كىشىگە زۇلۇم قىلساق بىزنىڭ زالىم خىتايدىن پەرقىمىز نېمە؟ ئۆزىمىز زالىمغا يانتاياق تۇرۇپ قايسى زۇلۇمدىن شىكايەت قىلىۋاتىمىز؟