ئامېرىكا ئەلرايى: 81% ئامېرىكا خەلقى ختاي دۆلىتىنى ياقتۇرمايدۇ(2024)

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋىرى، 2-ماي

ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئەلرايى تەكشۈرۈش تەتقىقات مەركىزى پېۋ ئىنۇستىتۇتى ئىلان قىلغان ئەلرايى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، 81 % ئامېرىكا خەلقى-ختاي دۆلىتىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئ‍ۇدا 5 يىل ئامېرىكىلىقلارنىڭ ختايغا بولغان ياقتۇرماسلىقىنى ئىپادىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

43% ئامېرىكىلىقلار ختاينى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدىكەن.

50% ئامېرىكىلىق ختاينى رىقابەتچى دەپ قارايدىكەن.

42% ئامېرىكىلىق ختاينى دۈشمەن دۆلەت دەپ قارايدىكەن ۋە ختاي ئامېرىكا ئېقتسادىغا زەربە بىرىۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن.

يېرىمىدىن كۆپ ئامېرىكىلىقلار «ختايغا زەربە بىرىش-ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق تاشقى سياسىتى بولۇشى كىرەك»دەپ قارايدىكەن.

71% ئامېرىكىلىقلار ختاي دۇنيادا بارغانسرى كۈچلىنىپ كېتىۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن.

ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ ئوبرازىمۇ يىلسرى يامانلاشقان.

كونسرۋاتىپ ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسگە ئەگىشىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ختايغا بولغان ياقتۇرماسلىقى-لىبرال ئامېرىكىلىقلارغا قارىغاندا 25 % كۈچلۈك ئىكەن.

يوللىغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

ۋاقتى:2024-يىلى،2-ماي