مېنىڭچە ئىككى تەرەپنىڭ ئىمزا قويۇش پائالىيىتىنى مۇنازىرە قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى. شۇڭلاشقا مەن دىليار مۇساباي ئەپەندىنى ئېكرانىمغا تەكلىپ قىلدىم ،
تەكلىۋىمنى قوبۇل قىلدى.
دۇق تەرەپتىن مەمەت توختى ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىغۇم
بار. (ھازىرچە ئالاقىلىشالمىدىم، ئالدىراشلىقىنى بىلىمەن. ئۇچۇرۇمنى كۆرسە جاۋاپ قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن.)
مېنىڭچە مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن دىليار ئەپەندى نەق مەيدان مۇنازىرە قىلىشقان بولسا، نۇرغۇن مەسىلىلەر ئايدىڭلىشامدېكىن دەيمەن.
زادى پايدىسى بارمۇ-يوقمۇ؟؟
ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى مۇنازىرە ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.
ئەگەر مەمەت توختى ئەپەندى خالىمىسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن باشقا بىرەيلەن چېقىپ ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالىسا ئۇلارنىمۇ قارشى ئالىمەن.
شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا نۆۋەتتە تالاش-تارتىشقا، خەلقىمىزنى بۆلۈشكە سەۋەپ بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ھەقىقەتنى مەردانىلىق بىلەن دېموكراتىك شەكىلدە ئورتاقىلىشىشى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاشقا تەييارمەن.
ۋاقتى:2024-يىلى 14-فېۋرال