دىلارا ساتتار: قايسى كىملىكنى تەكتلەيمىز ؟(2019)

بۇنى فايس بۇكقا يوللىغۇچى Dilara Sattar

يوللىغان ۋاقتى:2019-يىلى 6-مارت

ئىنگلىزچە مۇنازىرە تور بەتلىرىدىن كۆزىتىشىمچە كۆپىنچە غەرپلىكلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان بىزارلىقى ئۇيغۇر ئىنسانلىرىغا بولغان ھىسداشلىقىدىن غالىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى شۇنداق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: < بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشى خاتا بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان. مۇسۇلمانلار كۆپىنچە ھاللاردا دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن باش ئاغرىقى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىشىغا كىلىۋاتقان ئىشلارنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىيى ھەرىكەت قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق >.

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا خەلقئارا سەھنىدە بىزنىڭمۇ <ئىنسان> ئىكەنلىكىمىزنى تەكىتلىشىمىز، مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى كۆپ تەكىتلەپ تۇرۇۋالماسلىقىمىز كىرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقىمزنى تەلەپ قىلىشتا نەتىجە قولغا كەلتۈرەلەيمىز. بىز خالىساقمۇ، خالىمىساقمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىق مۇشۇنداق.