ئۇيغۇرىئان
بۇ يازما تاھىر ئىمىن تەرىپىدىن 2023-يىلى 20-مايدا فايس بۇكتا ئىلان قىلىنغان.ئۇلانمىسى ۋە ئىنكاسلارنى ئاستدا كۆرەلەيسز.
مۇنازىرە سۇئالى: بىر نەچچە يىلدىن بىرى ، مەن ھەر قايسى دۆلەت ۋە شەھەرلەردە خىلى كۆپ كىشلەر ،جۇملىدىن ياشلارنىڭ ھىچكىمگە ئارىلاشماي، مەخپى پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم،بەزىلىرىگە شاھىت بولدۇم،ئۇلارنىڭ ئايرىم سورىغان مەسلىھەتلىرىگە جاۋاپ بەردىم. ئۇلار بەزىلىرى ئايرىم تەشكىلات قۇرغان ۋە تېزىمغا ئالدۇرغان، بەزىلىرى بىر نەچچە ياش بىر يەرگە كىلىپ ئايرىم گۇرۇپپا بولغان. يەنە بەزىلىرى يالغۇز ھەرىكەت قىلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېقتسادى جەھەتتە قېيىنچىلىقى بار ئۇيغۇرلارغا ياردەم توپلاش، ئۇيغۇر مەسلىسى ھەققىدە ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقە قىلىش، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى قۇرۇش ۋە مەبلەغ سىلىش، چوڭ مېدىيالارغا سۆزلەش، مەكتەپ، مەسجىد ياكى چىركاۋلارغا بىرىپ لېكسيە سۆزلەش، ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەتقىقات تۈرىگە قاتنىشش ، نامايىش قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللىكلەر بىلەن ھەمكارلىشپ ئشلىگەچكە ۋە فايىس بۇكتا ئۆزىنى ئۇيغۇرلارغا تەشۋىق قىلمىغاچقا، كۆپ قسم ئۇيغۇرلار بۇلاردىن تامامەن خەۋەرسز. مەن بۇلارنىڭ بىر نەچچسدىن نىمە ئۇچۇن مەخپى ياكى ئايرىم ھەرىكەت قىلغانلىقىنى سورىسام، ئۇلار ئىككى سەۋەبنى دىدى:«بىرى، بىز چوقۇم مەلۇم تەشكىلاتنىڭ ئاستىغا كىرىپ ھەرىكەت قىلىشمىز كىرەككەن، بوپتۇ شۇلار بىلەن ھەمكارلىشپ ئشلەيلى دىسەك، كۆپ قسم تەشكىلاتلارنىڭ بىز قىلىۋاتقان ئشلار بىلەن ئالاقىدار پىروگراممىسى ياكى پىلانىمۇ يوقكەن،كەسپى خادىملار يوق دىيەرلىك،ئەكسچە باشلىقلار كۆپكەن، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بىلەن ھەرىكەت قىلىدىكەن، ئوخشاش ئشنى تەكرارلايدىكەن، شۇڭا قوشۇلماي،ئۆزىمىزنى ئاشكارىلاپ، ئايرىم قىلايلى دىسەك، مەۋجۇت ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ياكى شەخسلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدىكەنمىز. ىر قسم تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆز-ئارا رىقابەت ۋە جىدەللىرى بىزنى قورقۇتتى.بىز مىللەت ئۇچۇن ئش قىلغانلىقىمىز، ھىچقانداق سەۋەبسز ھالدا، تورلاردا ئسممىزنى، رەسمىمىزنى سازايى قىلىپ ھاقارەتكە قالىدىكەنمىز، شۇنداقلا ھىچقانداق ئۇيغۇر تەشكىلاتى-بىز تەرەپتە تۇرۇپ بىز ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىىنى تونۇپ يەتتۇق. چوڭ تەشكىلاتلار ياكى يەرلىكتە ئۆزىنى ۋەكىل دەۋالغان تەشكىلاتلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ياكى يوقتىش نشانى بولۇپ قىلىشدىن قورقتۇق. ىزنى ھىچكىم بىلمىسە مەخپى تۇرساق، مىللەتنىڭ ئشنى قىلالايدىكەنمىز،بىزنىڭ جىدەللىشىدىغان ۋاقتىمىز يوق.يەنە بىرى، بىزنىڭ ئارىمىزدا نۇرغۇنلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋەتەندە، بىز ئاشكارا ھەرىكەت قىلساق،ئۇلارنى خەتەرگە ئىتترىپ قويىدىكەنمىز، بىزگە لازىمى-مۇشۇ ھىچكىم بىزنىڭ مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشمىزغا دەخلى قىلمسا، شۇ يتەرلىك ، بىز ھىچنىمە قوغلاشماي مىللەتنىڭ خىزمىتىنى قىلساق دەيمىز.» دىدى.
سلەر بۇنىڭغا قانداق قارايسلەر؟
ئەسلى ئۇلانما: