توردا ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇپ، ھاقارەتلەپ پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلىمەكچى بولغان بىر ئوچۇم شەرەپسىزلەر ما گەپنى ئاڭلاش. ئېنتېرنېت بىر سوسيال پلاتفورم. بۇ دىجىتال زوراۋانلىق قىلىدىغان بىر گۇرۇپ كونۇپكا قەھرىمانلىرىنىڭ شەخسى زېمىنى ئەمەس.
ئىنسانلار ھەقلىق تۇرۇپ نېمىشقا قورقىسىلەر؟
قانۇن سېستىمىسى بىزنى قوغداش ئۈچۈن مەۋجۇت.
بىز ھەرگىز بىزنى ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللاپ نام شەرىپىمىزگە خالىغانچە تىل ئۇزىتىدىغان ئىنسانلاردىن قورقۇپ پىكىر بايان قىلىش ھەققىمىزدىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. ساختا ھېساپلارنىڭ كەينىگە مۆكۈۋېلىپ بىزگە ھۇجۇم قىلىدىغان تور ئەخلەتلىرىگە بويۇن ئەگمەسلىكىمىز كېرەك.
كىمنىڭ پىكىرى ياقمىسا ئانىسىدىن بالىسىغىچە قوشۇپ تىللاپ ھاقارەت قىلىدىغان ئەخلەتلەردىن قورقساق بىزدىكى غۇرۇر نەگە كېتىدۇ.
توردا سىزنى تونۇمايدىغان ئىنسانلارنىڭ سىزنى ھاقارەتلىشىگە يول قويماڭ. بۇنىڭ ئۇسۇلى قېچىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى بىتچىت قىلىش.
تور دۇنياسىدا نامسىز ھېساباتلار بىلەن زوراۋانلىق قىلىدىغانلار كوچىدا ھايۋانلارغىمۇ زىيانكەشلىك قىلالايدۇ، ھەتتا ئاياللارغىمۇ ۋە بالىلارغىمۇ زىيان سالالايدۇ.
بۇنداق زوراۋانلارنىڭ ئەمەس پىكىر ۋە سۆز ھەققىنى ئىشلەتكۈچى ئۆز نامىدا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ئاۋازى بەكرەك چىقسۇن.
تورنى ئادەم تىللاپ جان باقىدىغان بىر توپ شەرەپسىز سېتىۋالمىغان.