مۇنبەر قۇرۇلدى:ۋەتەندىكى تور مۇنبەرلىرىنى سېغىندىڭىزمۇ؟ (2026-4)

ۋەتەندىكى تور مۇنبەرلىرىنى سېغىندىڭىزمۇ؟ كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئەركىن كۆز-قاراشلىرىنى يازاتتى. تېخنىكا، ئىقتىساد، تۇرمۇش ساھەسىدە يېڭىلىق بولسا، چاققان قىلىپ ئورتاقلىشاتتى. ياردەم سورايدىغان تېمىلار بويىچە تارتىنماي سوئال تاشلايتتى. ئەدەبىي ئەسەر يازىدىغانلارمۇ كوللېكتىپ بىلەن ئورتاقلىشاتتى. مۇھىمى، ئۇيغۇرچە يېزىقتا بىر كوللېكتىپ جەم بولىدىغان، كىشىلەر ھەققىدە تېز ھەم ئاممىباب ئۇچۇر بېرىدىغان سەھنە بار ئىدى.

چەتئەلدە بۇ يوق. بۇ بوشلۇق فېيسبۇك (Facebook) بىلەن توشقۇزۇلغان بولسىمۇ، ئەمما تارقاقلىقى ۋە ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن قولايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مەزمۇنلار پەقەت بىر كىشىنىڭ ھېساباتىدىلا تارقىلىدۇ، كۆپچىلىككە ئورتاق سەھنە يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پەقەت فېيسبۇكقىلا تەۋە بولۇپ، خالىغاندا ئۆچىدۇ، يوقىلىدۇ، ۋاقىت ئۆتسىلا كۆمۈلۈپ قالىدۇ.

ئەمدى بۇ بوشلۇق توشقۇزۇلدى؛ «مۇنبەر» تورى مەخسۇس مۇشۇ ئېھتىياج ئۈچۈنلا قۇرۇلدى. ماقالە يازالايسىز، ئىنكاس يازالايسىز، باھا بېرەلەيسىز ۋە ئايرىم ئۇلانما شەكلىدە تارقىتالايسىز. ۋەتەندىكى مۇنبەرلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى — ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغانلىقىدۇر. قىممەتكە ئىگە مەزمۇنلىرىڭىز ياكى نامسىز يازغان يازمىلىرىڭىز يوقاپ كەتمىسۇن.

ئادېرىس:munber.org