ئۆمەر فارۇق: دەردىم بار (28-ئۆكتەبىر، 2026)فايس بۇك

السيف المسلول:

دەردىم بار.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۈتۈن دۇنيادا مۇساپىر ،مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم. سالامەت تۇرۇۋاتامسىلەر؟ تېنىڭلار سالامەت ،كۆڭۈللىرىڭلار خاتىرجەممۇ؟ سۈرىيە تۇپراقلىرىدا ياشاۋاتقان مۇجاھىد ئىنىڭلاردىن ھەممىڭلارغا سالام.

ھەش پەش دېگۈچە ئون يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. بۇرۇتى خەت تارتمىغان بىر ئۆسمۈر بىردەملا ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويدى. شۇ بالىلىق ۋاقتىم،ھىجرەت سەپەرلىرى، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ يىغلاپ ئۇزۇتۇۋاتقان ھالىتى كىنو فىلىمدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ قالىدۇ. ھازىر مەنمۇ ياپلاشلا يىگىت ،ئاللاھ نىىسپ قىلىپ ئۆيلىنىۋالدىم ئەلھەمدۇلىللاھ.

ھازىر بىر ئۆينىڭ مۇرىسىدىن تۈتۈن چىقىرىشقا باشلاۋاتىمەن. لېكىن مىڭ ئەپسۇس كۆڭلۈم پەقەت جايىدا ئەمەس. بىز چوڭ بولۇپ قاتارغا قېتىلىپ بولغىچە جامائەتكە كۆز تېگىپ نەس بېسىشقا باشلىدى.جامائەتنىڭ فىلىملىرىدىكى ھېلىقى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر مىڭ بىر كېچىلەردىكى ئەپسانىلەردەك بوپ قالدى. جەمىيەتتە مىھىر مۇھەببەت كۆتۈرلۈپ شەخسىيەتچىلىك ئەۋج ئالدى.مەسئۇللاردا خىيانەت كۆپىيىپ ،مەئمۇرلاردا پوداقچىلىق يامرىدى.سەھنىلەردە ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىرىپ سۆزلەۋاتقان رەھبەرلىرىمىزگە بولغان ئىشەنچ يوقىدى. چۈنكى ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمىدى…

تور دۇنياسىدا مىنىڭ بۇنداق دەرت تۈكۈشىمگە سەۋەب بولغان ئىش ماقاردىن ئۆيگە كېلىپ ئاڭلىغان بىر ھەقىقى ۋەقە. ئىراق چىگراسىغا بېرىپ رىبات تۇرىمىز دىگەن تەييارلىقلار بىلەن ماقاردا نەچچە كۈن مۇقۇم تۇرۇپ قالدۇق. ماقاردا ئاكاشلار مىش مىش گەپلەرنى قىلغاندا بەك دىققەت قىمماپتىمەن. ئۆيگە كەلسەم ،تېخى ئۇھ دەپ ھاردۇقۇم چىقمايلا نىرۋام ئۆرلەيدىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ سىرتقا چىقتىم. باشقىلاردىن سورىسام راس دەيدۇ. مەلىمىزنىڭ مەسچىت ئىمامى،دەۋەتچىسى كىرىيەلىك مۇجاھىد ئۇستاز ئابدۇللاھ تەۋپىق داموللامنى ئەمىنىيەدىكىلەر تۇتۇپ ئەكىتىپتۇ…

بۇنىڭسىزمۇ كاللام نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ساق بولماي كېلىۋاتاتتى. چۈنكى كاللامدا بىر سۇئالغا جاۋاب تاپالماي يۈرىيتتىم. بىز ئون نەچچە يىل نىمە ئۈچۈن جىھاد قىلدۇق؟زادى نىمە ئۈچۈن؟

بىزنىڭ مەسئۇللىرىمىزنىڭ پارادو ماشىنىسى ئۈچۈنما؟

ياكى ھازىر ئېلىۋاتقان 350$ئايلىق ئۈچۈنما؟

ياكى ھازىرقىدەك بايلار تىجارەت قىلىپ پۇل تاپىدىغان ،كەمبەغەللەر ئىش ئىزدەپ مەدىكارچىلىق قىلىدىغان بىر ھاياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنما؟

ۋە ياكى زادى نىمە ئۈچۈن ؟

مەشەدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ غايىسى يوق،جىھادنى چۈشەنمەيدۇ،تۈركىستان دىگەن ئەسلا يادىدا يوق دەپ بىزدەك ياشلار ماقاردا كۆزگە ئىلىنمايمىز.

ئۇنداقتا سىلەر چوڭ ئاكاشلار جاۋاب بېرىپ بېقىڭلار سىلەرنىڭ غايەڭلەر نىمە؟ سىلەر نىمە ئۈچۈن جىھاد قىلغان؟ئەمدى نىمە قىمماقچى؟

مىنىڭ دەردىم جىق. دەردىم جىق دىسەم بىرە قىز بالا بىلەن ئىش پەش تارتىشىپ ۋىسالىغا يىتەممەي ئىشىقى مۇھەببەتنىڭ دەردىنى تارتىۋاتامدىغاندۇ دەپ قالماڭ. كاللامدىكى جاۋابسىز سۇئاللار يۈرىكىمدە دەرت پەيدا قىلدى.ئون نەچچە يىل جىھاد قىلدۇق، 2000دىن جىق ئۇيغۇرنى يەرنىڭ تېگىغا كۆمدۇق؟ پۈتۈن دۇنياغا تاراپ كەتكەن قاچقۇن،كۆچمەن سۈرىيەلىكلەر ئۆز ئۆيىنى تاپتى. ئەمدى نەچچە ئاي بولدى بىز ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىمىزگە ئىجارە تۆلەيدىكەنمىز؟ جىھادنى بىز قىلدۇق، قاچقۇنلار قايتىپ كەلدى ،ئەمدى بىز كۆچمەن بولىمىز ، ئۆيگە ئىجارە تۆلەيمىز.

ئۆتكەندە ئەسالە دەيدىغان بىر ناخشىچى مەينەت سۈرىيەگە قايتىپ كەلدى دەپ ھەممە شەھەرلەردە قاتتىق كۈتۈۋالدى. بىزنى ئىجارە بەرمىسەك ھەربىي سوتتىن چاقىرىق ئەۋەتىدىكەن. ھەممىدىن قىززىق يېرى تېخى ئەسالە دىگەن مەينەت قايتىپ كېلىپ سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندە ،كونا كەفەرجالىسقا خوشنا بولغان ئەرەب مەلىسىدە تۆت كىچە داقا دۇمباق چېلىپ بىزنىڭ باللا ئۇخلىيلماي تۆتىنجى كۈنى ئەرەبلەر يېنىغا چىقىپتۇ. تاس قاپتۇ شۇ يىگىرمە نەچچە ئۇيغۇر ئەرەبلەردىن تايىقىنى يىگىلى. ئۇيغۇر مۇجاھىدلارمۇ قورقۇپ ئاستا قايتىپ،سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. نىمىشقا شۇنچە جىق ئادەم تۇرۇپ ھېچ ئىش قاملاشتۇرالماي يېىنىپ كىردىڭلا ئاداش ،دەپ سورىسام. ئاداش تاياق يىسەك بىزگە ھېچكىم ئىگە بولمايدۇ دەيدۇ. بۇ گەپ ناھايىتى توغرا. مەلىمىزدە تۆت بەش قېتىم ئەرەبلەر بىلەن قاتتىق توپلىشىپ مۇشلىشىلار بولدى. بەزىسىدە مەن بار،بەزىسىدە يوق. ئەمما ھەر قېتىم ئوخشاش نەتىجە‌. نىمە قىلىدۇ بىزنىڭ باللار غىت قىسماي ئۇرۇشۇپ ،خوپ بوپتۇ… مەسئۇللاردىن مۇشۇنداق گەپ ئاڭلايمىز. ئەڭ ئېچىنىشلىقى تاياقنى بىز بەكرەك يەپ ،تۈرمىدە يەنە بىز ياتتۇق. بىزنىڭ مەسئۇل قۇماندانلار ،رەھبەرلەر قورساق بېقىش بىلەن ئاۋارە. ئۇنداق ئىشنى ئاڭلىسىمۇ بېشى ئاغرىيدۇ. شۇڭا كەفەرجالىستىكىلەرمۇ قورقۇپ يېنىپ كىرىپتۇ. ياتنىڭ ياندىن ئۆتىدۇ،قېرىنداشنىڭ جاندىن دەپ ئەرەبنىڭ تايىقىدىن بىزنىڭ مەسئۇللارنىڭ سېسىق گېپى بىزنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. ھەي…مۇھاجىرچىلىق…

يەنە قانداق دەردىڭ بار دەمسىز؟ دەردىم جىق…

نىمىشقا بىزنىڭ مەسئۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ خەززانو دىگەن ئاۋات شەھەردە شەخسىي ئۆيى بار؟ بىز نىمىشقا ئۆيىمىزگە ئىجارە تۆلەيمىز؟

مۇشۇ يېقىندا ئاڭلىسام مەسئۇللارغا ئايلىق 1000$مائاشتىن سىرت تاماق پۇلى دەپ 300$ئەتراپىدا، چاي قەھۋە پۇلى دەپ 150$ ئەتراپىدا ھەر ئايدا مۇقىم پۇل بېرىدىكەن. 600لىتىر ئەتراپىدا ماشىنىسىغا ھەقسىز ماي. ئۇنداقتا نىمىشقا مىنىڭ خوشنام 425$پۇلنى يەتكۈزەلمەي ، سەككىز بالىسىنى باقىمەن دەپ مەدىكار ئىشلەيدۇ؟…شۇڭا دەردىم بار.

ئاڭلىسام شۇرادا قايسى توخۇ پۇقى دىدى مۇنداق دەپتۇمىش. پۇلنى جىق بەرسەك بۇلارنى باشقۇرغىلى بولمايدۇ، شۇڭا نۇرمال بولغىينى ياخشى. شۇنىڭ بىلەن بىزگە دۆلەت بەرگەن 5000$دىن غەنىمەت پۇلنى تارقاتماپتۇمىش. ئاغزىمغا ھەر گەپلەر كېلىۋاتىدۇ لېكىن… ھەتتا تېخى نەچچە يىللىنىڭياقى شەھىد ئەھلىگە خاس پۇل دەپ دۆلەتتىن ھەر ئايدا مۇقۇم بېرىۋاتقان تەمىناتنى بىزنىڭ شەھىد ئەھلى ئانىلىرىمىز ئەپ باقماپتۇ. بالىلار غۇرابا جامائتىدىن سوراپتىكەن

ئۇلار ھەر ئايدا بېرىدىكەن.ھەتتا ئېرى شەھىد بولۇپ كېتىپ كىيىن باشقا ئەرگە تېگىپ تۈركىيەگە چىقىپ كەتكەن ۋە ياكى ياۋرۇپاغا كەتكەن ئاياللارغىمۇ ئايدا 200$ياكى 400$مۇقۇم ئەۋەتىۋېتىپتۇ.ئىشەنمىشەڭلار كىچىك جامائەتتىكى بالىلاردىن سوراڭلار.بىزنىڭ ئانىلىرىمىزغا نىمىشقا ئۇ پۇل يوق. ئاڭلىسام ،بەزى ئانىلىرىمىز دەمەشىققە ئەرىز قىپتىكەن، دەمەشىق ھۆكۈمىتى زاھىد قارىمىغا كايىپ سەن 2يىللىق پۇلنى يەپسەن دەپ ئۈچ كۈن سولاپ قويۇپتىمىش.جازا ئۆتەپ كەپ بولدى دەيدۇ. ئۈچ كۈن تۈرمىدە ياتسىلا ھەممە ئىش تۈگەمدا ؟ بىزنىڭ غەنىيمەت پۇللار نەدە؟ شەھىد ئەھلى ئانىلىرىمىزغا بېرىلىۋاتقان 2يىللىق تەمىنات پۇلى نەگە كەتتى؟…

كۆپۈنچە دۆلەتلەردە بەش يىل ياكى يەتتە يىل ياشىسا نىزامىي كىملىك ۋە پاسپورت بېرىدىكەن.بىزچۇ؟ بىز تېخى سۈرىيەدە ئون تۆت يىل ئادەتتىكىدەك ياشىمىدۇق بەلكى سۈرىيەنى پەتىي قىلدۇق. دۆلەتنى بىز پەتىي قىلدۇق دەپ يوغان گەپ قىلغانغا چۇشلۇق بىرەسىڭلارغا كىملىك چىقتىما؟ مەسئۇللارغۇ ئاپتۇ. ئالغاندىمۇ تۈركىيەدىن ،سۈرىيەدىن قوش قوش ئاپتۇ. ئۇ ناھايىتى بولسا قىرىق ئەللىك ئادەمنىڭ گېپى. ئۇنى دىمەي ،ئۆزىمىزنىڭ گېپىنى قىلىشايلى. بىزنىڭ پاسپورت ،ۋەتەنداشلىق قاچانراق قولىمىزغا تېگىدۇ. زاھىدكام يېڭى ئەمىر بولغاندا نۇرغۇن ۋەدە قەسەملەرنى بەرگەن. شۇ ۋەدىلەرنىڭ ئىچىدە پاسپورت ،كىملىك گېپىمۇ بار ئىدىغۇ دەيمەن…شۇڭا دەردىم بار. كاللامنىڭ دەردى يوق، دەرت يۈرەكتە.

بۇ دەرتلەرگە قېتىلغان يېڭى دەرت، شەرئىي ئۇستازلارنى تۇتقۇن قىلىش مەسلىسى. مانىڭغا يۈرەك چىدىمىدى. ئابدۇللاھ تەۋپىق داموللام ئىلگىرى مەدرىستە خىزمەت قىلغاندا بىزگە ئۇستاز بولغان. ئۆزى خۇشچاخچاق ،شوخ ،بەكلا ئاقكۆڭۈل كىشى، مىجەزى بەك تۈز. باشقىلارغا يامانلىق قىممايدىغان ،ئويلىغاننى تۈزلا دەيدىغان ئوچۇق يورۇق كىشى. بۇ كىشى نىمىشقا تۇتۇلدى دىسەم مەلىدە ھەرخىل گەپلەر بولدى . زاھىدقارىمغا قارشى گەپ قىلىپتىكەن، مەسچىتتە دەۋەت قىلپتىكەن، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت قىلىپتىكەن دىگەندەك ماز گەپلەر. بەلكىم بەزى ئاكاشلار مىنى كىچىك كۆرەپ چاخچاق قىلغاندۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇستازنى مەن بەك ياخشى تونۇغاچقا، بۇ ئىش بەك ئىچىمگە ئۆتەپ كەتتى. ئەمىنىيە ماقاردىكىلەرگە تۈركىيەدىن كىرگەن ئابدۇقەييۇم داموللام دەۋەت قىلىپ گەپ ئۆگىتىپتۇمىش، سۈرىيەدە مىنىڭ شاگىرتلىرىم جىقكەن ،كۆپۈنچىسى ياخشى خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ ،لېكىن ئابدۇللا تەۋپىقتە ئېغىر مەسىلە بار،..دەپ. ئابدۇقەييۇم داموللام ئەمىنىيە ماقاردا دەۋەت قىلىپ ئۇستازىمنى قارىلاپ سۆكەپ قوياپ تۈركىيەگە چىقىپ كەتكەن بىلەن ،مانا ئەمدى ئۇستازىم تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. مەلىمىزدىكى بەزى ئاكاشلار داموللامنى تۇتۇپ ئەكەتكەن خەلىيلۇللاھ دىگەن ئەمىنىيە خىزمەتچىسى بىلەن كۆرىشەپتىكەن، ئۇ جاۋاب بېرىپ مەن شەرئىيلەرنىڭ پەتىۋاسى بىلەن تۇتتۇم دەپتۇمىش. ئەمىنىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باش شەرئىيسي مۇتيئۇللاھ داموللامنىڭ ھېچ ئىشتىن خەۋرى يوقمىش. ئۇنداقتا بۇنىڭغا قايسى شەرئىي ئىگە؟ مەلىىمىزدىكى ئىمران تاغ ئەمىنيگە شەرئىيمىش دەيتتى ئاكاشلار،شۇ ئىمران تاغ بىلەمۇ يا؟ ياكى شۇ ئابدۇللا تەۋپىق داموللامنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇستازى ئابدۇقەييۇم داموللامنىڭ پەتىۋاسى بىلەن تۇتقانمىدۇ؟ ھېچ ئۇقمىدۇق…

زاھىدكام يېڭى ئەمىر بولغاندا سەيفۇللاھ ئوۋچى كىچىك جامائەتتىن نەسرۇللاھ دەپ بىرەيلەننى تۇتۇپتىكەن، زاھىد قارىمىغا قارشى يازما يازدى دەپ. نەسرۇللاھ دىگەن ئۇ ئاكاش ئېغىر ياردار زەخمىي ئىكەنتۇق، سەيفۇللاھ ئوۋچىنىڭ تۈرمىسىدە شەھىد بولۇپ كېتىپتۇ. بەكلا ئېچىنىشلىق.

مەن دەپ قوياي ،مىنىڭ ئۇستازىمنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئاشقازان كېلىسى بار، بۇرۇن مەدرىستىمۇ دائىم يېنىدىن دورا ئايرىمايتتى، بىرە ئىش بولاپ قالسا شۇنىڭغا پەتىۋا پىچقان داموللاملار ياكى شۇنىڭغا ياردەملەشكەن ئەمىنىيەدىكى ئاكاشلار قىيامەتتە ھەممىڭلارغا كېلىدۇ سورىقى. ئۇستازىمنى تۇتقان خەلىيلۇللاھ دىگەن ئاكاشنى مەن تونىمايمەن، لېكىن ياشتا چوڭ ئاكاش دەيدۇ ئۇنى. خەلىيلۇللاھ ئاكا،مەن سىلىگە دىسەم تۇتۇپ سولاپلا قويغانغا ئىش تۈگىمەيدۇ، خۇدايىم سالامەت قىلسۇن، ئۇستازىمنى تۇتۇپ سولىغان قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن. ھەرقانداق زۇلۇمنىڭ دۇنيا ئاخىرەتيە سورىقى بار. ئەھلى ئىلىملەرگە قارا قول سۇنۇش دۇنيا ئاخىرەتلىك ھالاكەتتۇر. بىزنى تەربىيەلىگەن ،بىزگە دەۋەت قىلغان ،بىزنى يىتەكلىگەن، بىزگە ئاق قارىنى بىلدۈرگەنلەر شۇلار.تۇزىنى يەپ تۇزلىقىنى چاقىدىغان تۇزكور نامەدلەر مۇشۇ دۇنيادىلا خار بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزگە ئىنساب ئاتا قىلسۇن.

ئەمىينىيەدىكى ئاكىلار ،ئويلاپ بېقىڭلا،تۇتۇپ قامايدىغان خۇمارىڭلار قوزغالغان بولسا ،تۇتۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن جىنايەتچىلەر بار ئەمەسمۇ؟ياشلاردا تاماكا ئەۋىج ئالدى، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلار يوق.ھازىر قىمار ئوينايدىغان ياشلارنى تىزگىنلەيلى دەپ ئۇنىڭغا تېخى كۆڭۈل بۆلمەيسىلە. قىز ئوغۇللار مۇھەببەتلىشىپ ئىشلار بىر يەرگە باردى.ھەممىنى بىلىپ تۇرىسىلەر بوممىسا . ھەتتا زىنادىن قورساق كۆتىرەپ ھارامدىن بالا تۇغقانلار بولدى. تۈرمىدە ئۇزۇن ياتماي چىقىپ بالىسىنى بېقىۋېتىپتۇمىش كونا كەفەرجالىستا. يەنە يېڭىدىن بەزى قىزلار قورساق كۆتىرەپ بالىنىڭ دادىسى بىر نەچچە چىقىپ قېلىپ، ئايرىيالمايۋاتقان ئىشلار باركەن. ياسىمەن دىگەن مەلىدە ئوغرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۆينى تاشلاپ خاتىرجەم بىر يەرگە بېرىپ كەلگىلى بولمايدۇ دەيدۇ، ئىشەنمسىڭىز ياسىمەندىكىلەرنىڭ ئۆزىدىن سوراپ بېقىڭ …ئىشقىلىپ ئاغىنىلىرىمدىن جىق گەپلەرنى ئاڭلايمەن، ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. مۇشۇنچىۋالا مەينەتچىلىكلەر سەتچىلىكلەر تۇرۇپ يەنە ، تۇتىدىغان ئادەم تاپالماي مىنىڭ ئۇستازىم ئابدۇللا تەۋپىقنى تۇتتىڭلارمۇ؟ زىناخور پائىشىۋازلار، بەڭگىلەر ، قىماۋازلار..ئوغرى قاراقچىلار خاتىرجەم ياشايدۇ.تۈرمىگە كىرسىمۇ ما ئىشىكتىن كىرىپ ئا ئىشىكتىن چىقىپ ،يەنە بىمالال كەسپىنى داۋام قىلىدۇ.لېكىن مىنىڭ ئۇستازىم تۈرمىدە ياتامدا؟يەنە تېخى تۈنۈگۈن ئاڭلىسام ئىبنى كەسىر داموللام قاتارلىق بىر نەچچەيلەنگەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپتۇ. بۇ ئۇستازمۇ بىزنىڭ مەلىدە ئەڭ كۆپ شاگىرت تەربىيەلىگەن داموللاملار قاتارىدىن. جامائەت بېسىم قىلىۋېرىپ ئاخىرى شاگىرتلىرىمۇ بىردىن بىردىن تاشلاپ كېتىپ، ئوقۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرى پۈتۈنلەي توختاپ قالدى.ئاخىرى ئايلىق پۇلىمۇ كەلمەي ھازىر يايما ئېچىپ بازار قوغلاپ تىجارەت قىلىپ جان بېقىۋاتىدۇ.بولۇۋاتقان ئىشلاردىن قاتتىق بىئارام بولىمەن ،ئازابلىنىمەن ،ھەتتاكى كۆزلىرىم ياشقا تولىدۇ. نىمە بولاپ كىتىۋاتىمىز؟

پىشقەدەم سەمىيمى ئەھلى ئىلىم ئۇستازلار ئاشقۇن ،بۆلگۈنچى ،ھوقۇقپەرەس دەپ ئاتىلىپ ئۈستى ئۈستىلەپ قالپاق كەيدۈرۈلۈپ خەلىقتىن يېتىم قالدۇرۇلدى. ھەتتا بەزى كىشىلەر شۇ ئۇستازلار بىلەن بىرە سورۇندا تاساددىبي دوقۇرۇشۇپ قالسىمۇ ،شۇلارنىڭ قارا چىكىتى ماڭا يۇقۇپ قاممىسۇن دەپ ئۇلار بىلەن كۆرەشمەي ئۆزىنى ئەپ قاچىدۇ. ئۇلارنى ئۆزىگە دۈشمەن تۇتقانلارغۇ ئېنىقلا ئۇلارنى سىياسىي جىنايەتچى دەپ قارايدۇ.سىز دەپ بېقىڭ قەنى،. غۇرۇر ۋىجدانىڭىز بىلەن ئەقىلىڭىزنى ئوبدان ئىشلىتىپ ئويلاپ بېقىڭ،سىز قانداق قارايسىز؟

جەمىيەتتىكى شۇ مۇنكەرلەرگە ، ئاشۇ ئېغىر زۇلۇملارغا پەتىۋا تېپىۋاتقان گالدۇڭلار، ياكى گەپ سۆز ئىش ھەرىكەتلىرىدە شۇ مۇنكەر زۇلۇملارنى بىلىپ بىلمەي قوللاۋاتقانلار، ياكى ئىمكانىيتى بار تۇرۇپ ئەمەلىي توسماي قەلىب بىلەن ئىنكار قىلىشقا كۇپايە قىلىۋاتقانلار، ۋە ياكى مىنىڭ نىمە كارىم بۇ ئىشلار بىلەن دەپ قورساق بېقىۋاتقانلار…دەپ بېقىڭلار ،بىز ھەممىمىز بىر كىمىدە ئەمەسمۇ؟!شۇ مۇنكەرلەر،بۇزۇقچىلىقلار، خىيانەتلەر، زۇلۇملار يامراپ جامائەت بۇزۇلسا …ئەھۋال قانداق بولا؟ ئۆزىمىز يىتەرلىك توساپ بولالمايمىز بار مۇنكەرلەرنى، لېكىن مۇنكەرگە قارشى تۇرۇۋاتقان دەۋەتچى ئۇستازلارنى تۇتۇپ قاماپ ،پۇلىنى توختىتىپ قىيناپ،يىغىن ئېچىپ سېسىتىپ، ئۇلاردىن توختىماي يامان گۇمان قىلىپ، كەينىگە پايلاقچىلارنى سېلىپ كۈزىتىپ،ئۇلارنى نەزەربەند قىلىپ قويىمىز، …ئىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولا؟ بىرەسى سىڭىلىڭلار ياكى ئاچاڭلار بىلەن زىنا قىلسا، ياكى قىزىڭلار زىنادىن بالا تۇغسا … ۋە ياكى جەمىيەتتە شۇنداق ھارامدىن بولغان بالىلار كۆپەيسە…دەپ بېقىڭلار، يۈرىكىڭلار يىغلىمىدىمۇ؟… ھەي ئەمىنىيەدىكى ئاكاشلار…سىلەرنىڭمۇ يۈرۈكۈڭلار مىنىڭكىدەك گۆشقۇ ھە؟… ماڭا دىسەڭلار ھازىرنىڭ ئۆزىدە يىگىرمىدىن كۆپرەك پاراڭ توپى تېىپىپ بېرىمەن. قىز ئوغۇللار مۇھەببەتلىشىدىغان.

ھەتتا تېخى بىر بىرىگە سېرىق رەسىملەرنى فىلىملەرنى يوللايدىغان توپلار بار.ئۆتكەندە بىر ياش بالا ئاۋاز بېرىپ ئىشلەپ توپلارغا ئاتقان ھېلىقى دەۋەت فىلىمىنى كۆرگەنسىلەر؟ شۇ فىلىمنىڭ بېشىدىكى بىر مىنۇتلۇق خەتلەرنى كۆزۈڭلارنى يوغان ئېچىپ ئوقۇپ بېقىڭلار. ئۇ تېخى توپلارنىڭ ئىچىدىكى بىر توپ‌. يەنە باشقا توپلارچۇ؟ئاڭلىسام تەشۋىقاتتىكى ئەبۇ ۋەلىدكام شەيخ تۇبا داموللامنىڭ ئۇزۇن يىللىق دەرس قانىلىنى تۆھپە كۆرسىتىش ئۈچۈن يۇيۇۋېتىپتۇمىش .ئەبۇ ۋەلىدكا، نۇرغۇن مەينەت توپلار بار ياشلار ئىچىدە ،شۇ توپلارنى بىر يۇيۇۋېتىڭە ئاكا، سىزنىڭ يۇيۇش گۇمپىڭىز بولغاندىكىن.

مۇشۇ كۈنلەردە راس گەپ قىلسام سەپەر پالۋانكامغا ھەۋەس قىلدىغان بولۇپ قالدىم.ئۆتكەندە ياسىر ئۇستاز ،قەتادە دىگەن بۇرادەرلىنى سەھىنىگە ئەچىقىپ تۆۋەنامىسىنى شۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقان كۈنى سەپەركام ھەقىقىي ئىسمىي جىسمىغا لايىق پالۋانلىق قىلدى.بىزلەر قورقۇپ مۇشۇنداق توردا دەرت تۆككەن بىلەن سەپەركام نەق مەيدان مىكروفىندا دەھشەت گەپلەرنى قىلدى، باشقىلار قولىدىن مىكروفىننى تالىشىپمۇ باقتى.يەنە سۆزلەۋەردى.ياشاپ سەپەركا. ئاللاھ جىسمىڭنى كۈچلۈك قىلغاندەك روھىڭنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمانىڭنى مۇستەھكەم قىلىپ بەرسۇن.ھازىر ئاددىي ئىشلارغىمۇ قورقاپ تىترەپ تۇرىدىغان گەپ.بىر نەچچە قېتىملىق تويدا ئاغىنىلىرىمنىڭ نىكاھىنى ئىبنى مۇھەممەد داموللامكام ئوقۇپ بەرگەن،ئەمىنىيەدىكىلەر توي ئېگىسىنى ئىزدەپ كېلىپ تويغازدى.نىمشىقا ئىبنى مۇھەممەد داموللامنى نىكاھ ئوقۇغۇلى تەكلىپ قىلىسەن دەپ.بۇ نىمە قىلىق؟ ئىشلار مانا مۇشۇ دەرىجىدە. ئىبنى مۇھەممەد داموللامكام سابىق ئەمىر،جامائەت شەرئىي ئىشلار باش مەسئۇلى ھازىر نىكاھ ئوقۇسا قانۇنسىز. تەسەۋۋۇرىڭىزغا سىغامدۇ؟ يېقىندا تېخى بىز ياشلار ئارىسىدا بەك قىزىقارلىق ئىشتىن بىرسى يۈزبەردى. ئىككى يىل بۇرۇن زاھىدكامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن سىددىقكام،ئوسمان فاتىھ ئۇستازلار بىرلىشىپ 200ئەتراپىدىكى بالىلار شەرئىي كىتاب ئوقۇيدىغان ئەبۇ ھەنىيفە مەدرىسنى تاقىۋەتتى.ئاخىرى بۈگۈنكى كۈندە يەنە خەلىق بېسىمىغا چىدىيالماي ئىككى يىل كىيىن بولسىمۇ قايتا كىتاب مەدرىسى ئاچماقچى بولدى.شەيخ جالالىدىن ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بالا 100دىن ئاشمىسۇن دەپتىكەنمىش،شۇڭا سۇئالنى قاتتىق چىقىرىپ ،تۈزۈملەرنى ئېغىر ئېغىر بېكىتىپ ياشلارنى ئىمتىھانغا كېلىشكە چاقىرىق قىلدى.ئىمتىھاندىن ئۆتسە ئوقۇتۇدىغان بولدى.دەپ بېقىڭ تۆت بەشيۈزچە ئەتراپىدا ياشلار ئىچىدە نەچچە بالا ئىمتىھان بەرگىلى بارغاندۇ؟ كۈلۈپ سالىسىز، ياكى يىغلاسىزمۇ؟ ئىمتىھان بەرگىلى بارغان بالا ئاران 14نەپەر.ئىمتىھاندىن ئۆتكىنى 9 نەپەر. ئۇ ئاغىنىلىرىمنىڭ بەزىسى ئاتا ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى ئاساسىدا بارغان تېخى، ئۆزىنىڭ قەتئىي ئوقۇغۇسى يوق.ئۇنداقتا يۈزلەپ يۈزلەپ ياشلار قېنى؟ جاۋابى ھەممىمىزگە ئېنىق.بۇلارغا كىم سەۋەبچى؟ بۇ جاۋابمۇ مېنىڭچە ئېنىق.ئۇ ياشلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ جەمىيەتتە؟ بولدى قالغان گەپلەرنى دىيىشمەيلى. يەنە مۇشۇنداق تۇرۇپ مىنىڭ ئۇستازىمدەك ئەھلىي ئىلملەرنى تۇتۇشقا قايسى قولۇڭلار باردى ئوۋچى،خەلىلۇللاكا؟

ئاڭلىسام ئەمىنىيە خىزمىتىگە مەن بىلەن تەڭتۇش ياكى تېخى مەندىنمۇ كىچىك بالىلاردىن 10غا يېقىن بالا ئاپسىلەر.سىلەر ئۇلارنى تونۇمامسىلەر ياكى باشقا ئادەم تاپالمىدىڭلارمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەدرىستە بىللە تۇرغاندا قەبىھ جىنايەتلەر بىلەن تۈرمىدە تەكرار تەكرار ياتقانلار بار. ئۇلارغا پۇللا بەرسە ھېلىغۇ ئۆزىنى تەربىيەلىگەن ئۇستازكەن، بەلكىم دادىسىنىمۇ قاتلاپ تۇتۇپ ئاپىرىشى مۇمكىن.ئەمدى مۇشۇ كۈنگە قالدۇقمۇ؟بۇ جەمىيەتتە بولۇۋاتقان مۇنكەرلەرگە كىم كۆڭۈل بۆلىدۇ؟ بەلكىم تەۋجىھ مەنىۋىي دەيسىز؟ ھازىر ئۇلار ماشىنا ئالماشتۇرۇش ، دەمەشىققە قەسىر سېلىش،ھومۇستىن خوتۇن ئېلىش بىلەن ئاۋارە. ئابدۇراھمان غازى داموللاممۇ سورۇن سورۇندا ھەر ھەر گەپلەرنى قىلىپ قويغان بىلەن ھازىرقىدەك كۈندە، ھۇمۇس شەھىرنىڭ شەھەر گۈزەللىرىدىن بىرنى ئالدى،ئەمدى شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاۋارىمىش. داموللامنى تۇتقان ئىشتىنمۇ ھەقاچان خەۋىرى يوق. سەيفۇرراھمان تاغ داموللامنىمۇ مەلىدە جىق كۆرگىلى بولمايدۇ. توردا يازما يازماڭلار،بىرە ئىش چىقسا بىز يۈزتۇرانە چۈشەندۈرەلەيمىز دەپ قويىشىدۇ.ئەمما ئۇلار دەمەشىقتىن كەممەيدۇ.

كىرىيەلىكلەر بىزنىڭ جامائەتتە ئەڭ ئۆم خەلق،ئەڭ كۆپ يىغىلىش قىلىپ تۇرىدۇ.ھېچ يەرگە بارمايدىغان ئەمىر قۇماندانلار ،بايلار شۇ كىرىيەلىكلەر يىغىلىپ سورۇن قىلسا ،چاقىرىپلا قالسا بارىدۇ.ماڭا ئوخشاش ئاتا ئانىسى بارلار ئەمەس ، ئاتا ئانىسى يوق ۋە ھەتتاكى ھەتتا ھېچقانداق ئۇرۇق تۇققىنى يوق كىرىيەلىك يىگىتلەرمۇ ئۆزىنىڭ تويىدىن ،كىلەچىكىدىن غەم قىلمايدۇ.نىمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى ئۇ كېرىيەلىك.لىكىن ئەپسۇس كىرىيەلىكلەر بۇ قېتىم مۇشۇنچە چوڭ ئىشقا سادامۇ چىقىرىپ ساممىدى.چۈنكى تەۋپىق داموللام ئۆزى كىرىيەلىك بولغان بىلەن ئۇنىڭ قارا

چىكىتى بار سىياسىي جىنايەتچىمىش.قېنى كىرىيەلىكلەر روھى، قېنى كىرىيەلىكلەر ئاقساقاللىرى، بايلار،ئەمىرنىڭ سورىنىدىن قاممايدىغان كىرىيەلىك چوڭلار،قېنى سىلەر؟ ئۇستازىمنىڭ ئايالىنىڭ دەردىنى ھېچكىم تىڭشىمىدى، ئانچە مۇنچە مەخپىي يوقلاپ قويغان بىلەن ھېچكىم ئەمەلىي ياردەم قىلمىدى،ھەتتاكى ئۇستازىمنىڭ يۇرتداشلىرى بولغان كىرىيەلىكلەرمۇ بۇ قېتىم قۇلىقى پاڭ ،كۆزى كور بولدى. ھېچنىمىنى كۆرمىدى،ھېچنىمىنى ئاڭلىمىدى.مانا يۇرتداشلىقمۇ شۇنچىلىككەن.

خەلىق ئىچىدىكى مۇنكەر،ياشلار ئىچىدىكى مەينەتچىلىك كۈندىن كۈنگە ئاۋۇپ ماڭدى. بۇنىڭغا كىم كۆڭۈل بۆلىدۇ؟ دەۋەت قىلغاننى تۇتۇپ سولايمىز.ئۆزىمىز خەلىق ئىچىدە تۇرۇپ شۇلارغا قۇيۇق ئارلىشىپ خەلىقنىڭ دەردىنى تىڭشىمايمىز.ھەپتىدە بىرە قېتىم كۆرىنەپ قويۇپ،خەلىقتىن قاقشاپ،ۋايساپ دەۋەت قىلىپ قوياپ يوقايمىز. بۇ مۇنكەرلەر قاچان تۈزىلىدۇ؟تۈركىيەدىن كىرىپ چىقىپ كەتكەن داموللاملارنى مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا تاپقىلى بوممايدۇ؟ ئابدۇقەييۇم داموللام ،مەيەگە كىرىپ شاگىرتلىرى ئابدۇللا تەۋپىق ئۇستازنى تۈرمىدىن قۇتقۇزماملا؟بولاۋتقان مۇنكەر زۇلۇملارنى توسماملا؟قەنى پات پات سىرىتتىن كىرىپ پولو يەپ چىقىپ كىتىدىغان مەخسۇملار، خەلپەتلەر،ھاجىملار،قارىملار،داموللاملار.. ئەمدى كىرىپ مىنىڭ ئۇستازىمنى زىنداندىن ئېلىپ چىقمامسىلە؟ تۆردە ئولتۇرۇپ گۆش يەپ كېكىرىپلا ،تۆت ئېغىز ھاياجانلىق گەپ قىلىپ قوياپ يەنە تۈركىيەگە چىقىپ كەتسەڭلار، بۇ يەردىكى داموللاملارنى ئەمىرلەر ياراتمىسا، ئەمىرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالسا تېخى تۈرمىگە سولاپ قويسا،چوڭ كۆرەپ ئۇلۇغ بىلگەن سىلىدەكلەرنى تاپقىلى تېخى بوممىسا، ئەمىسە ئۆزۈڭلار دەپ بېقىڭلار بۇ جامائەت قانداق ماڭىدۇ؟ قېنى بىزنىڭ شەرئىي جامائەت دىگەن نامىمىز؟ تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دىگەندىكى ئىسلام قېنى.ھازىر مەن ئويلايمەن،تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئەمەس ئاقسۇ دىكتاتۇر پارتىسى دىسەك توغرا بولىدۇ.دەردىم يەنە بار ئىدى.چارچىدىم… قاتتىق چارچىدىم ،ياپياشلا تۇرۇپ 100ياشقا كىرگەن ئادەمدەك چارچىدىم.

ئاللاھ ھەمىمىمىزنى جەمىيىتىمىزدىكى شۇ يامان مۇنكەرلەردىن ساقلاپ قالسۇن.جامائىتىمىزدىكى پۈتۈن قىز ئوغۇل پەرزەنتلەرنى ئاللاھ گۈزەل ئەخلاق بىلەن،تەۋھىد ئۈستىدە تەربىيەلىنىشكە نىسىپ قىلسۇن ئامىن.

ئۇلۇغ رەببىم ئۇستازىم ئابدۇللا تەۋپىق داموللامنى تىز پۇرسەتتە ساق سالامەت زۇلۇم زىندانلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا نىسىپ قىلسۇن ئامىن ئامىن.

ھەممىڭلار ئۇستازىم ئابدۇللاھ تەۋپىق داموللامنى سالىھ دۇئالىرىڭلاردا ياد ئېتىپ قويغايسىلەر.

مەيلى ھەممىڭلارغا ئاللاھقا ئامانەت،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەسلى ئۇلىنىشى:

https://www.facebook.com/y.m.r.far.q/posts/pfbid0k5H7ae9RcvVGeK8cEKTWk9NX2tRuk1Z94SyhwdBiCUiSAAUGmGjC2bVpwoEzMwqol