يوللىغۇچى: سالىھ خۇدايار
ۋاقتى: 2026-يىلى 20-ئاپرىل
ئەسلى ئۇلانمىسى:
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىنقى قىلمىشىغا ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئىنساندا نەقەدەر نومۇسسىزلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلەلمىدىم.
مەرھۇم رەئىسىمىز ئەخمەت ئىگەمبەردى (1937-2026) پۈتۈن ھاياتىنى، جۈملىدىن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئون يىللىق ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرىشىگە بېغىشلىغان ئىدى. 2004-يىلى ئاپرېلدا، شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى پارچىلىنىپ، مۇستەقىللىقنىڭ ئورنىغا خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھەقىقىي ئاپتونومىيە»نى تاللىغانلار تەرىپىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغاندا، ئۇ ئۇلارغا قوشۇلۇشنى رەت قىلغان. ئەكسىچە، ئۇ 2004-يىلى سېنتەبىردە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللى مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ نىشانىدىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلغانلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان مىللىي ۋەكىللىك ئورگانىمىز يەنى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى بولغان ئىدى.
بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى كۈندىن باشلاپلا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىگە قارشى چىقىپ كەلگەنلىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سىر ئەمەس. ئۇلار مەيلى ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن تۈردە بولسۇن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1996-يىلدىكى 7-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە كۆرسىتىلگەن «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن نىشانى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىنى يىمىرىش ۋە ئۇنىڭ نامىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ كەلدى.
تۈنۈگۈن كەچتە، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى مەرھۇم جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەھمەت ئىگەمبەردىنىڭ رەسمىي تەزىيەنامىسى ۋە سۈرىتىنى ئېلان قىلىپ 11 سائەتتىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇ سۈرەتنى ئېلىپ، ئارقا كۆرۈنۈشىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى ۋە دۆلەت گېربىنى يوقىتىپ، ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ لوگوسىنى قويۇۋالغاننى ئاز دەپ، مەرھۇمنىڭ ھاياتىدىكى ئاخىرقى 27 يىلنى يوققا چىقارغان نومۇسسىز بىر تەزىيەنامە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە 11 يىلدىن ئارتۇق بۇ ھۆكۈمەتكە جۇمھۇر رەئىس بولۇپ رەھبەرلىك قىلغانلىقىدەك ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى قەتئىي كۈرىشى ۋە خەلقىمىزنى مىللىي مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىككە ئۈندەيدىغان نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان.
ئۇلار ئەھمەت ئىگەمبەردىنى ھاياتلىقىدا ئۆز يېنىغا _ مۇناپىقلىق يولىغا _ تارتالمىغان ئىدى، شۇڭا ئەمدى مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنى پۇرسەت بىلىپ، سۈرىتىگە تاجاۋۇز قىلىپ، قالدۇرغان مىراسلىرىنى ئۆچۈرۈشكە ۋە پۈتۈن ھاياتلىق ئەمگىكىنى كۆمۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن داۋاملىق مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇنىڭ مىراسى ياشايدۇ ۋە ئۇنىڭ تاماملانمىغان ئىشى — شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرىشى تاكى غەلىبە قىلغۇچە داۋاملىشىدۇ.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، 2004-يىلى ب ب س قانىلىدا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىگە ئاشكارە ھۇجۇم قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلشات رېشىت 2025-يىلى ئاپرېلدا شىۋېتسىيەدە خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان ۋە تۇتۇپ تۇرۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىدى. دىلشات رېشىت تۈرمىدە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۈگۈنكى قىلمىشلىرىدىن شۇ ئايان بولۇۋاتىدۇكى، ئۇ خىزمەت قىلغان شۇ رەزىل پىلانلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۈرمىگە كىرمەپتۇ.
مەرھۇم رەئىسىمىز ئەھمەت ئىگەمبەردى پۈتۈن ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بېغىشلىغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا بۈگۈنكى نومۇسسىز تەزىيەنامىسىنى شۇ تارىخنى ئۆچۈرۈشكە بېغىشلىدى. تارىخ ھەر ئىككىلىسىنى ئەستە ساقلايدۇ.
------------
I don’t know how shameless you have to be to do what the World Uyghur Congress just did.
Our late President Ahmet Igemberdi (1937-2026) spent his entire life, including ten years in a Chinese prison, fighting for the restoration of East Turkistan’s independence. When the World Uyghur Congress was formed in April 2004 after the split of the East Turkistan National Congress by those who chose “human rights and genuine autonomy” under China over independence, he refused to join them. Instead he became the Founding President of the East Turkistan Government in Exile in September 2004, the national representative entity built by those who refused to abandon the East Turkistani people’s fundamental objective of restoring East Turkistan’s national independence and sovereignty.
It is no secret to the East Turkistani people that the World Uyghur Congress, a human rights organization, has opposed the East Turkistan Government in Exile from day one. Both privately and publicly, working actively to undermine the East Turkistan Government in Exile and erase any mention of it, in tandem with China’s stated goal, as documented in CCP Document No. 7 (1996), to “prevent the internationalization of the East Turkistan problem.”
11 hours after the East Turkistan Government in Exile published our official obituary and portrait of President Igemberdi last night, the World Uyghur Congress took that portrait, erased the entire background, scrubbed the East Turkistan flag and national emblem, and replaced it with their own logo. Then they published a shameful obituary that erases the last 27 years of his life. No mention of his co-founding and leading the East Turkistan Government in Exile for over 11 years, the most significant achievement of his life. No mention of his uncompromising fight for the restoration of East Turkistan’s independence. No mention of the numerous works he left urging our people to never give up the struggle to restore our national independence.
They couldn’t claim him in life. So they desecrated him in death, hijacking his image, erasing his legacy, and trying to bury his life’s work in the process. They won’t succeed. The East Turkistan Government in Exile endures. His legacy lives, and his unfinished work, the restoration of East Turkistan’s independence, will be carried forward until it is complete.
It is worth noting that the World Uyghur Congress co-founder who publicly attacked the East Turkistan Government in Exile on BBC was arrested in Sweden in April 2025 on suspicion of spying for China and ordered held in custody. Dilshat Reshit may be in custody. But it’s clear from the World Uyghur Congress’s actions today that the agenda he served did not go to prison with him.
President Igemberdi dedicated his entire life to restoring East Turkistan’s independence. The World Uyghur Congress dedicated its disgraceful obituary today to erasing that. History will remember both.