مەنبەسى: ۋاتس ئاپ گۇرۇپپىسى، ئاپتورى ئېىنىق ئەمەس.
ئوتتۇرا شەرىقتە كاللا كەسكەن، قۇل بازارلىرىدا ئاياللارنى كىم ئاشتى قىلىپ ساتقان ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرىنىڭ شەرئى ئىسلام ئۈچۈن يىللارچە جەڭ قىلغىنىغا بىز شاھىت بولدۇق. ئۇيغۇرلار بەزىدە بۇ گۇرۇپپىلار بىلەن بىللە ئۇرۇش قىلدى، بەزىدە ئۇلار بىلەن يبقىن مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى.
بەزى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرىق تۇپراقلىرىدا جەڭ قىلغان بۇ قۇراللىق گۇرىپىلار توغرىسىدا ئانچە بىر نەرسە بىلمەيمىز. ئۇلارنىڭ كاللىسى، ئويلايدىغانلىرى، ئۇلار ئارزۇ قىلغان بىر دۆلەت ياكى باشقۇرۇش شەكلى بىزگە نىسبەتەن يەنىلا مەۋھۇم. بۇ قۇرالىق گۇرىپىلارنىڭ تەغدىرى بولسا يەنىلا ئىنىقسىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك كۈرىشىدە بۇلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىجابىي ياكى سەلبىي رول ئوينىغانلىقى ۋە كىلەچەكتە قانداق رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا كىشىنى ئۆمۈدلەندۈرىدىغان، قايىل قىلىدىغان ھىچقانداق ئۇچۇر يوق.
ئۇلار غەرىپتىكى ئۇيغۇر دېئاسپوراسىنىڭ كۆپىنچىسىنى كاپىر ياكى تولۇق مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەر دەپ قارىشى مۇمكىن. پەرىقلىق سىياسىي ئىرادە ياكى پەرىقلىق تاللاشتىكى كىشىلەرنى قانچىلىك دەرىجىدە ھەمكارلاشقىنى بولىدىغان ئوبىكت دەپ قارايدىغانلىقى بولسا تىخىچە بىر سىر.
بۇ قۇراللىق گۇرىپىلار ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش تارىخىدا بۈگۈنگىچە خىتايغا نىسبەتەن كونكىرت بىر تەھدىت شەكىللەندۈرەلمىدى. خەلقارانىڭ سىياسىي تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن نىشانلىرى بولغان بىر تەشكىلى ئۈستقۇرۇلما شەكىللەندۈرۈپ، خەلقارادا ئۆزىگە مۇۋاپىق مۇقىم بىر سىياسىي ئىتىپاق ئورنىتالمىدى.
سۈرىيە ئۇرىشىدا سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم بەردى، ئافغانىستان ئۇرىشىدا 20 يىل ئامرىكىغا قارشى تالىباننى قوللىدى.
بىراق ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ قوللاشقا جاۋابەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى سەپ قۇرىشىغا ياردەم بىرىدىغانلىقغا ئائىت ھىچقانداق ئىشارەت يوق.
تېخى خەلقارا ۋەزىيەت ئىنىق ئەمەس، بۇ ۋەزىيەتتە رول ئالغان ئاكتۆرلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى نىشانلىرى، ئىستىراتىگىيەلىرى ئىنىق ئەمەس. خەلقارا ئامىۋىي مۇناسىۋەتتە ياكى ھەربىي مەيداندا ئۇيغۇر داۋاسىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئائىت كونكىرت بىر ئۇچۇر يوق.
بۇ ۋەزىيەتتە سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قۇراللىقلىرىنى رومانتىكلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ھەركەت ۋە نىشانلىرىنى ئۇيغۇر داۋاسىغا باغلاشقا ئۇرۇنۇش مەنچە ھازىر بەكلا ئالدىراقسانلىق. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قۇراللىقلىرى تىخى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىچىۋىتىلگەن بىر قۇرۇلما ئەمەس. ئۇلارنىڭ نىمە ئويلايدىغىنىنى، دىنى رادىكاللىقىنىڭ قايسى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى، خەلقارا ۋەزىيەتتە قانچىلىك ئىلاستىكىلىكىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى، نىشانىنى خەلقارا ئىسلامى جىھادىي ھەركەتتىن يەرلىك ئۇيغۇر داۋاسىغا ئالماشتۇرۇشقا قانچىىلىك قىزىقىدىغانلىقىنى يەنىلا بىلمەيمىز.
ھەتتا ئوتتۇرا شەرىقتە ھازىرغىچە قانچە ئۇيغۇر ئۆلدى، قانچىسى غايىپ بولدى قانچىسى تۈرمىدە ؟بۇ توغۇرلۇقمۇ ئىنىق سان سىپىر يوق. سۈرىيەدە گىنىرال بولغان بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ غەلبىسى بۇ جەرياندا ئەرەپ تۇپراقلىرىدا ئۆلگەن مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭمۇ غەلبىسىمۇ؟ ھەقىقەتەن بۇنىڭغا ئەرزىدىمۇ؟ بۇ نۇقتىمۇ تىخى ئايدىڭلانمىدى.
شۇڭا بۇ ۋەزىيەتتە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يەنە بىر قېتىملىق سۈرىيەگە سەپەرنىڭ پىلتىسىنى يىقىپ قويىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.