تۇردى غوجا: پاسپورتى چىققاندا ۋەتەنگە بېرىش يېڭى باشلانغان ئىش ئەمەس

يازغۇچى: تۇردى غوجا

ۋاقتى:26-ئاپرىل، 2026-يىلى

ئورنى: فايىس بۇك :

چەتەلدىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا كىلىدىغان ئەڭ چوڭ زىيان پاسپورت ئېلىپ بولۇپ ۋەتەنگە تۇققان يوقلاپ بارغانلاردىن ئەمەس بەلكى يىراقنى كورۇش قابىلىيىتى يوق، بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كورۇپ ھىسسىياتىغا تايىنىپ ئىش قىلىدىغان ئۇيغۇر پالىيەتچىللىرىدىن كىلىدۇ.

پاسپورتى چىققاندا ۋەتەنگە بېرىش يېڭى باشلانغان ئىش ئەمەس. 30 يىلدىن بىرى بار. ھىچقايسى تەشكىلات نىزام-ناملىرىدا چەكلەنگەن ئەمەس، ھىچبىر دەۋلەتنىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئەمەس. پەقەت UAA نىڭ ھەييەت ئەزالىرى ۋەزىپە ئۇستىدىكى ۋاختىدا بارسا بولمايدۇ دىگەن ماددا بار نىزامنامىدە. شۇڭا ئامرىكىدا پاسپورتى چىققاندىن كىيىن بېرىپ كەلگەنلەر خېلى كوپ ساندا. ھەتتا UAA نىڭ قۇرغۇچىللىرى، بۇرۇنقى پرېزىدېنتلىرىمۇ تۇققان يوقلاپ بېرىپ كەلگەن. بۇنىڭ داۋاغا زىيىنى بولغان بولسا داۋا توختاپ قالغان بولاتتى. توختاپ قالمىدى ھەم قالمايدۇ. چۇنكى ۋەتەندە زۇلۇپ تۇگىمەيدىكەن ۋەتەن سىرتىدا ئۇنى ئاشكارىلاشقا جۇرەت قىلالايدىغان يۇرەكلىك ئۇيغۇردىن بىرسى چىقىدۇ ھەر زامان. بولۇپمۇ بۇگۇن ئامرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئونمىڭدىن ئاشقان بىر ۋەزىيەتتە بۇ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

ئەمما ئىرىقچىلارنىڭ دۇمبىغىغا ئۇسۇل ئويناپ پاسپورتى چىقىپ خىتتايغا بارسا گېرېجدانلىغىنى قالدۇرىۋىتىش كىرەك دىگەن تەشۋىقاتقا ئاۋاز قۇشسا بىرىنجىدىن ئىلتىجا قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلارنىڭ بېشىنى قاتىرىدۇ، چۇنكى مەڭگۇ ۋەتەنگە بارالماسلىقنى ئىنسانلار، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى ھاياتتا بار ياشلار كاللىسىدىن ئوتكۇزەلمەيدۇ. ئىككىنجىدىن ئامرىكىغا كىلىشنى ئۇيلىشىۋاتقانلارنىڭ يولىنى كىسىدۇ. دەپ كەلسەك بۇنىڭ زىيىنى كوپ. لىكىن ۋەتەنگە بېرىشنىڭ زىيىنى زادى پىسخىكىلىق قورقۇش، ئەمىلى ئىسپاتى يوق بىر قورقۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ تەتۇر تەشۋىقاتقا ئۇسۇل ئۇيناۋاتقان ئەقىلسىزلەرنىڭ ھىس قىلالمىغان يېرى شۇكى ئىرىقچىلار ئۇچۇن سىنىڭ سىياسى مەيدانىڭ موھىم ئەمەس، ئۇلارنىڭ مەخسىدى ئاقتەنلىكتىن باشكىلارنى ھەرخىل ئاماللار بىلەن قوغلاپ چىقىرىش. بۇگۇن سەن ياخشى كورمىگەن بىر ئۇيغۇرنى خىتتايغا بېرىپسەن دەپ قوغلاپ چىقىرىدىغانغا سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن غەلبە قىلسا ئەتە باشقا بىر بانا بىلەن سېنىڭ قوڭاڭغا تېپىدۇ. بۇنى ئۇنۇتما! ئۇلار ئۇچۇن سېنىڭ سىياسى مەيدانىڭنىڭ ھىچ ئەھمىيتى يوق! ئەقلىڭنى ئىشلەت، ئەملىيەتكە قاراپ قارار بەر، ھىسسىياتىڭغا تايىنىپ ئەمەس!