ئۇمۇن ئىھسان: ۋەتەنگە قايتىش ھەققىدە:

يازغۇچى: ئۇمۇن ئىھسان

ۋاقتى: 26-ئاپرىل، 2026

ئورنى: فايس بۇك

ۋەتەنگە قايتىۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بۇرۇنمۇ دېدىم، ھازىرمۇ دەيمەن. مۇھىم تەشكىلاتلاردىكى ھالقىلىق شەخىسلەرنىڭ بېرىشىغا(بولمىدى دىگەندە ئاكتىپ لوبىيچىلىق ۋە سىياسىي پائالىيەت ئىلىپ بېرىۋاتقانلار) مەن پۈتۈنلەي قارشى. بۇ ئىشنىڭ خارەكتىرىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ.

بىراق نورمال خەلىقنى بېرىشتىن چەكلەشنىڭ ئەقلى ۋە رىئال تەرىپىنى مەن ھىس قىلالمىدىم. بىر ياقتا ئاتا-ئانىسى بىر ياقتا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، بۇنداق چەكلەشتە نورمال كاللىدىكى ئادەم ئاسانلا ئاتا-ئانىسىنى تاللايدۇ. بۇ داۋانى پەقەت چەتئەلدە ئۇرۇق تۇققىنى تۇتۇلغان، ئاتا- ئانىسى تۈرمىدىكىلا خەلىقنىڭ قولىغا تاشلاپ قويغىنى بولمايدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ جامائىتىنى ۋەتەنگە بارغانلار ۋە ۋەتەنگە بارمىغانلار دەپ ئىككىگە ئايرىۋەتسەك، بىزگە قوشۇلۇشنى، داۋاغا كۈچ چىقىرىشنى خالىغانلارنى چوڭ تاللاشقا مەجبۇرلاپ قويىمىز. نۇرغۇن ئادەم بار ئالدىغا چىقمىغان بىلەن كەينىدە جىمجىت ئىش قىلىدىغان. جىمجىت ئىش قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى. خىتاي بۇ تاللاشقا مەجبۇرلىيالايدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي كۈچكە ئىگە. بىراق بىز بۇ تاللاشقا زورلاش ئۈچۈن نىمىمىزنى دەسمى قىلىمىز؟

ۋىجداننىما ؟ غورۇرنىما؟ بۇلار ئەلۋەتتە مۇھىم. بىراق ھازىرقى ئەھۋالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانىغا ياكى غورۇرىغا ئىشىنىپ سىتراتىگىيە بەلگىلىسەك بولمايدۇ. بىر ئىستىراتىگىيە ئەقىلدىن، ئوبىكتىپ رىئاللىقتىن ئۇزاقلىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىغا قالغاندا قورقساق بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ بېرىپ كەلگىنىگە قاراپ خىتايدا زۇلۇم يوق دىگەن گەپنى نورمال ئادەم دىمەيدۇ. ئۇلار باشقا دۆلەتنىڭ سىياسىي قوغدىنىشى بىلەن بارىدۇ.

ۋەتەنگە بېرىشنىڭ كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت بەخەتەرلىك جەھەتتىن مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بار. بۇ كۆچمەن كىرزىسى تۈپەيلى غەرىپنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىمۇ چىڭىيىپ مىڭىۋاتىدۇ. مەن غەرىپنىڭ بۇ قانۇن تۈزۈملىرىنىمۇ ئادالەت نۇقتىسىدىن توغرا دەپ قاراپمۇ كەتمەيمەن.

بىراق خەۋىپ ھەر ۋاقىت بار.

بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز بېرىپ كېلىۋاتقانلارغا پەقەت بۇ خەۋەپ توغرىسىدا ئەسكەرتىپ قويۇش خالاس.

كىشىلەرنى ۋەتەنگە بارغانلار ۋە بارمىغانلار دەپ ئىككىگە ئايرىپ بىرسىگە بىرسىنى دۈشمەن قىلىدىغان، بىرسى كىلىدىغان سورۇنغا بىرسى كەلمەيدىغان قىلىپ قويساق زىياننى ئۆزىمىز تارتىمىز. خەق بارسا مەسىلە چىقسىمۇ زىياننى ئۆزى تارتىدۇ. مۇشۇ خەۋىپكە تەۋەككۈل قىلىپ كىتىۋاتقانلارمۇ ئۈرۈمچىنىڭ ئايرۇپىلانى چۈشكەندە يۈرىكى گۈپۈلدەيدۇ. تەشۋىشتىن تىرنىقىنى تاتلايدۇ. بىراق بىز پەقەت ئىجدىمائىي مىدىيادىن خەقنىڭ يىگەن كاۋىپى ۋە ئوينىغان ئۇسۇلىنىلا كۆرىمىز.

ۋەتەنگە كىتىۋاتقانلارغا قاراپ مەنمۇ ئۇھسىنىمەن، مىنىڭمۇ بارغۇم 10 يىلدىن بېرى كۆرمىگەن ئائىلەمنى ۋە قېرىنداشلىرىمنى كۆرگۈم بار.

بىراق ۋەتەنگە كەتكەنلەرنى ئويلىسام ئۇلاردىن ئەندىشە قىلىمەن، بېرىپ ئائىلىسىنى كۆرگەن بولسا ئاڭلاپ خوش بولىمەن.

ۋەتەنگە بېرىپ قىزىنى ياكى ئانىسىنى ئەكىۋىلىش پۇرسىتى بولغانلارنى ئاڭلاپ سۆيىنىمەن. مەن پەقەت خەۋىپنىڭ بارلىقىنى دەيمەن، ئاگاھلاندۇرىمەب. خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ماڭسا توسىيالمايمەن. كەتكەننى دۈشمەن بەللىمەيمەن. ئىھتىيات قىلغۇم كەلسە ئارلىق تاشلايمەن، سەمىمىيىتىگە ئىشەنسەم مۇناسىۋىتىمنى شۇنىڭغا قارىتا تەڭشەيمەن.

بىزگە دۈشمەب ئازدەك، چەتئەلدىكى بىرنەچچە ئونمىڭ ئۇيغۇرنىڭ يىرىمىنى پىپەن قىلىپ ئۇيغۇردىن زىرىكتۈرۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. پىپەن قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى نىيىتىدىن ياندۇرغىنى ياكى بۇ ئاچچىق رىئاللىقا تەتۈر قاراپ ئۆتۈپ كەتكىنى بولمايدۇ.

ھىسياتقا ئالدىنىپ تىللاش ئوڭاي ئىش، باشتىن ئاخىرى ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ھىس قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى ئەقىلگە مۇۋاپىق تەدبىر بەلگىلەش تەس ئىش.